1مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛
2مەن تەڭرىگە: «مېنىڭ گۇناھىمنى بېكىتمە؛ ماڭا كۆرسەتكىنكى،
3ئادەمنى ئەزگىنىڭ،
4سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟
5سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئۆلىدىغان ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەك چەكلىكمۇ؟
6-7 سەن مېنىڭ رەزىل ئادەم ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،
8ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛
9سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛
10سەن ئۇستىلىق بىلەن* مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ،
11سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن،
12سەن ماڭا ھايات ھەم مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلغانسەن،
13بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى؛
14گۇناھ قىلغان بولسام، سەن مېنى كۆزىتىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؛
15رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى!
16ھەتتا بېشىمنى* كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلساممۇ،
17سەن مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭنى قايتىدىن ئالدىمغا كەلتۈرىسەن؛
18سەن ئەسلىدە نېمىشقا مېنى بالىياتقۇدىن چىقارغانسەن؟
19مەن ھېچقاچان بولمىغان بولاتتىم!