ئايۇپ 12:1-24 UIGB2010 - Bible AI

1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ

2سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر!

3مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار،

4مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛

5راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛

6قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛

7ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق،

8ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ،

9بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟

10بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى،

11ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك،

12ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟

13ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛

14مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛

15مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ،

16ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛

17ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ،

18ئۇ پادىشاھلار ئەل-ئەھلىگە* سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ،

19ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛

20ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛

21ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ،

22ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛

23ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛

24ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>