1مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛
2سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛
3بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر،
4سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار،
5سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى!
6مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار،
7سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟
8ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ خۇشامەت* قىلماقچىمۇسىلەر؟!
9ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟
10سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار،
11بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى،
12پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛
13مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار.
14قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن،
15ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛
16بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛
17سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار،
18مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛
19مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟
20ئاھ خۇدا*! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛
21ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛
22ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛
23مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟
24نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟
25ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟
26چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن،