ئايۇپ 15:1-35 UIGB2010 - Bible AI

1تېمانلىق ئېلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ

2دانىشمەن كىشىنىڭ قۇرۇق شامالدەك سەپسەتە بىلەن جاۋاب بېرىشى توغرىمۇ؟ دانىشمەن قورسىقىنى ئىسسىق مەشرىق شامىلى بىلەن تويغۇزسا بولامدۇ؟

3پايدىسىز سۆزلەر بىلەن، تايىنى يوق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشى مۇۋاپىقمۇ؟

4بەرھەق، سەن ئىمان-ئىخلاسنى يوق قىلىۋەتمەكچىسەن، خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا-ئىستىقامەتكە توسالغۇ بولىسەن.

5چۈنكى قەبىھلىكىڭ ئاغزىڭغا سۆز سالىدۇ، سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللاپ قوللىنىسەن.

6مەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغزىڭ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىڭنى بېكىتىدۇ، ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ◼ 15:6 \+bd «ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ»\+bd* ــ ئېلىفاز مۇشۇ يەردە ئايۇپنىڭ خۇدا ئالدىدا جازالانغان گۇناھى ھەم ھاكاۋۇرلۇقى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن قىلغان ئاچچىق ھەم ئۆتكۈر سۆزلىرىدە كۆرۈنىدۇ، دېمەكچى. بىراق ئېلىفاز بىلەن ئىككى دوستىنىڭ ئايۇپنىڭ ئاغزىدىن چىققان شۇ ئاچچىق ئۆتكۈر سۆزلەرگە مەسئۇلىيىتى بار.

7سەن ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغانمۇ؟ سەن تاغ-داۋانلاردىن ئاۋۋال ئاپىرىدە بولغانمۇ؟

8تەڭرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىنى ئاڭلاپ كەلگەنمۇسەن؟ دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ ◘ 15:8 رىم. 11‏:34

9سەن بىلگەنلەرنى بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز بارمۇ؟ سەن چۈشەنگەننى بىزنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىمىز بارمۇ؟

10ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ ياشتا چوڭدۇر. ◼ 15:10 \+bd «ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ... »\+bd* ــ ئېلىفاز ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش دەپ قاراۋاتىدۇ. ◘ 15:10 ئايۇپ 32‏:7

11تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى، يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟

12نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىسەن؟ كۆزۈڭنى نېمىگە پارقىرىتىسەن؟

13شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ، ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن!

14ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟ ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟ ◘ 15:14 1پاد. 8‏:46؛ 2تار. 6‏:36؛ ئايۇپ 14‏:4؛ زەب. 14‏:2-3؛ 51‏:5؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8،10

15قارا، خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە، ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە، ◼ 15:15 \+bd «قارا، خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە...»\+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «مۇقەددەسلەر» خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئېلىفاز يامان روھنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرگە (15:4-21) ئىشىنىپ، قايتىلايدۇ. ◘ 15:15 ئايۇپ 4‏:18؛ 25‏:5

16يىرگىنچلىك بولغان، سېسىپ كەتكەن، قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ئىنسان بالىسى زادى قانداق بولار؟ ◼ 15:16 \+bd «قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچكەن بىر ئادەم»\+bd* ــ مۇشۇ گەپ، شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

17مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال؛ كۆزۈم كۆرگەننى بايان قىلماقچىمەن.

18دانىشمەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇلارنى ئاڭلىغان، يوشۇرماي بۇلارنى بايان قىلغان: ــ

19(پەقەت شۇلارغىلا، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى) ◼ 15:19 \+bd «پەقەت شۇلارغىلا، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى»\+bd* ــ ئېلىفاز بۇ سۆز بىلەن بۇ ئاتا-بوۋىلارنىڭ خۇدا ئالدىدا ھەققانىي بولغانلىقىنى، شۇڭا خۇدا ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنىنى يات ئادەملەرنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن قوغدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى ئۇرۇش-جېدەلنىڭ دەخلىگە ئۇچرىماي، تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ، بىلىمى پەللىگە يەتكەنىدى، دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن.

20ــ رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر. ◼ 15:20 \+bd «رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر»\+bd* ــ بۇ سۆز ھەم تۆۋەندىكى 35-ئايەتكىچە بولغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئايۇپقا بىۋاسىتە قارىتىلىپ دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

21ئۇنىڭ قۇلىقىغا ۋەھىمىلەرنىڭ ئاۋازى كىرىدۇ، باياشاتلىقىدا بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۇستىگە بېسىپ چۈشىدۇ. ◘ 15:21 1تېس. 5‏:3

22قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ، ئۇ قىلىچ بىلەن چېپىلىشقا ساقلانغاندۇر.

23ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ، ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ. ◼ 15:23 \+bd «ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ يولدىن تېنىپ كېتىپ، قورۇلتازلار ئۈچۈن يەم بولىدۇ». ◘ 15:23 ئايۇپ 18‏:12؛ زەب. 109‏:10

24دەرد-ئەلەم ھەم ئازاب ئۇنىڭغا ۋەھىمە قىلىدۇ، ھۇجۇمغا تەييار بولغان پادىشاھتەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.

25چۈنكى ئۇ تەڭرىگە قارشى قولىنى كۆتۈرگەن، ھەممىگە قادىرغا كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغان،

26شۇڭا ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، كۆپ قەۋەتلىك قالقاننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ.

27يۈزىنى ياغ باسقان بولسىمۇ، بېقىنلىرى سەمرەپ كەتكەن بولسىمۇ،

28ئۇ خارابە شەھەرلەردە، ئادەم قونغۇسى كەلمەيدىغان، كېسەك دۆۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ؛ ◼ 15:28 \+bd «ئۇ خارابە شەھەرلەردە...، كېسەك دۆۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ»\+bd* ــ قەدىمدە بەزى شەھەرلەر خۇدانىڭ لەنىتى بىلەن ۋەيران بولغان بولۇپ، خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بۇ جايلاردا ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى قايتىدىن قۇرۇپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا پېتىنالمايتتى. بىراق (ئېلىفازنىڭ دېيىشىچە) بۇ رەزىل كىشىلەر (جۈملىدىن ئايۇپنىڭ ئۆزى؟) خۇدادىن قورقماي ئۇنداق يەرلەردە تۇرۇشتىن باش تارتمايتتى.

29ئۇ ھېچ بېيىمايدۇ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتلىرى زېمىن ئۈستىدە كېڭەيمەيدۇ.

30ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، يالقۇن ئۇنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ قۇرۇتىدۇ، خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. ◼ 15:30 \+bd «خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ».

31ئۇ ساختىلىققا تايانمىسۇن! ئۇ ئالدىنىپ كەتكەن، شۇڭا ساختىلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛

32ئۇنىڭ كۈنى تېخى توشماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ شېخى تېخى كۆكىرىپ بولمايلا، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ◘ 15:32 ئايۇپ 22‏:16؛ زەب. 55‏:23

33ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك، زەيتۇن دەرىخىنىڭ چېچىكى ئېچىلىپلا تۆكۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ. ◼ 15:33 \+bd «ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك...»\+bd* ــ ئادەتتە ئۈزۈم تېلى پىشمىغان ئۈزۈملىرىنى تاشلىمايدۇ. بىراق ئېلىفاز شۇ ئوخشىتىشى بىلەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى تېخى ھېچ پىشمىغان بولۇپ بىكارغا كېتىدۇ، دېمەكچى.

34چۈنكى ئىپلاسلارنىڭ جەمەتى تۇغماس بولىدۇ، ئوت پارا يېگەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

35بىراق ئۇلار ھەردائىم يامانلىقنى ئويلاپ، قەبىھلىك تۇغدۇرىدۇ، كۆڭلىدە ھامان ھىيلە-مىكىر تەييارلايدۇ. ◘ 15:35 زەب. 7‏:14؛ يەش. 59‏:4؛ ھوش. 10‏:13

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>