1شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز.
3بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟ نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟ ◼ 18:3 \+bd «بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟»\+bd* ــ «سىلەر» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، بىلدادنىڭ بۇ سۆزىنىڭ پەقەت ئايۇپقىلا قىلىنغان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا گەپ ئاڭلىغۇچىلاردىن بەزىلەر ئايۇپنىڭ جاسارەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قول قويدىمۇ-يا؟
4ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟! ◼ 18:4 \+bd «ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا ... تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!»\+bd* ــ ئايۇپ 16-باب، 9-ئايەتتە، «ئۇ (خۇدا)نىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلدى» دېگەن. بىلداد، شۈبھىسىزكى، بۇ گەپنى مازاق قىلىپ: «سېنىڭ يىرتىلىشىڭ خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزۈڭنىڭ غەزىپى بىلەندۇر» دېمەكچى. بىلداد يەنە خۇدا ئىنساندىن ئۇلۇغ ھەم ئالىي بولغاچقا، ئايۇپ ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشاي، ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەي دەپ ئۆز ئەقلىدىن ئاداشقان، دەپ مازاق قىلىدۇ ــ دېمەك، بىلداد «ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشى، كۆرۈشۈشى زادى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كۆزقاراشتا بولىدۇ. بىراق ئايۇپ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن خۇدا بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئايۇپنى خۇدانى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى دەپ بىلگەن كىشى، دەپ كۆرەلەيمىز (4:29). ◘ 18:4 ئايۇپ 13:14؛ زەب. 113:6؛ يەش. 54:10؛ مات. 10:29-31؛ رىم. 8:32
5قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئوت-ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ.
6چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ.
7ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ.
8چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ.
9قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ. ◘ 18:9 ئايۇپ 5:5
10يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار، يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار.
11ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقۇتۇۋاتىدۇ، ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ. ◘ 18:11 ئايۇپ 15:21؛ يەر. 6:25؛ 46:5؛ 49:29
12ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛ پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ. ◼ 18:12 \+bd «ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى «بالايىئاپەت ئۇنى يۇتۇۋېتىشكە ئاچكۆزلۈك بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ...» ◘ 18:12 ئايۇپ 15:23
13ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ. ◼ 18:13 \+bd «ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى»\+bd* ــ بەلكىم بىرخىل كېسەلنى (ئايۇپنىڭ كېسىلىنى؟) كۆرسىتىدۇ.
14ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ. ◘ 18:14 ئايۇپ 8:13، 14؛ 11:20؛ پەند. 10:28
15ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛ تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ. ◼ 18:15 \+bd «باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ»\+bd* ــ ياكى « ئوت ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ».
16ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ.
17ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، سىرتلاردا ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى قالمايدۇ. ◼ 18:17 \+bd «سىرتلاردا...»\+bd* ــ ياكى: «يايلاقلاردا...» ياكى «دالادا...». ◘ 18:17 زەب. 109:13؛ پەند. 10:7
18ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ.
19ئەل-يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ، ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ. ◘ 18:19 يەش. 14:22؛ يەر. 22:30
20ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك. ◼ 18:20 \+bd «خۇددى ئالدىنقىلار چۆچۈپ كەتكەندەك»\+bd* ــ بىلداد ئېيتقان «ئالدىنقىلار»نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەشرىقتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەغرىبتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەشرىقتىكىلەرمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ».
21مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر. ◼ 18:21 \+bd «مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر»\+bd* ــ بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرىدە: «قەبىھ ئادەم»، «تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشى» دېگىنى، «سەن ئايۇپتىن باشقا كىشى ئەمەس» دېمەكچى.