1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2«سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر،
3سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛
4ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا،
5ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار،
6ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن،
7قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن،
8ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى،
9ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى،
10ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛
11غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى،
12ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى،
13ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى،
14تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى،
15ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛
16مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛
17تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ،
18ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛
19مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ،
20ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ،
21ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن!
22سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟
23ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى!
24ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى!
25بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر،
26ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن،
27ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن،
28ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر،