1ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2«مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ،
3مەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم،
4سەن شۇنى بىلمەمسەنكى،
5رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر،
6ئۇنداق كىشىنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانغا يەتكەن بولسىمۇ،
7يەنىلا ئۆزىنىڭ پوقىدەك يوقاپ كېتىدۇ؛
8ئۇ چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ،
9ئۇنى كۆرگەن كۆز ئىككىنچى ئۇنى كۆرمەيدۇ،
10ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مىسكىنلەرگە شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛
11ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىق ماغدۇرىغا تولغان بولسىمۇ،
12گەرچە رەزىللىك ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان بولسىمۇ،
13ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ،
14بىراق ئۇنىڭ قارنىدىكى تامىقى ئۆزگىرىپ،
15ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛
16ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرىنى شورايدۇ،
17ئۇ قايتىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىيالمايدۇ،
18ئۇ ئېرىشكەننى يۇتالماي قايتۇرىدۇ،
19چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن؛
20ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ،
21ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ،
22ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا، تۇيۇقسىز قىسىلچىلىققا ئۇچرايدۇ؛
23ئۇ قورسىقىنى تويغۇزۇۋاتقىنىدا،
24ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ،
25تەگكەن ئوق كەينىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلگىنىدە،
26زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرىدۇ،
27ئاسمانلار ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؛
28ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ،