1ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر سوراق* كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟
2مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛
3ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛
4ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛
5مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك،
6ئۇلار ياماننىڭ كالىلىرى* ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ،
7ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ،
8ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ،
9ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ،
10مىسكىنلەر بولسا* كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ،
11ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ،
12شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ،
13ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛
14قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ،
15زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ،
16قاراڭغۇلۇقتا ئوغرىلار* ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛
17ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛
18ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن!
19قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛
20ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن!
21ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ،
22بىراق خۇدا* ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ كۈنىنى* ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ. ◼ 24:22 +bd «...ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.*
23خۇدا* يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ،
24ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ،