1ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛ ◼ 28:1 \+bd «ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر»\+bd* ــ ياكى «ئالتۇننىڭ چايقىلىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر». دانالىق تەۋسىيە قىلىنغان 28-بابتىكى بۇ گۈزەل شېئىرنى بەزى ئالىملار ئايۇپنىڭ ئۆز سۆزى ئەمەس، بەلكى كىتابنىڭ يازغۇچىسى تېكىستكە قىستۇرۇپ قوشقان بىر شېئىر، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ هەقىقىي دانالىقنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بولسۇن دېگەن سۈپەتتە شېئىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇ پىكىرگە قايىل بولدۇق. بۇنىڭغا بىر ئىسپات، 29-باب: «ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ، قارىغاندا 23:27-ئايەت بىلەن باغلىق. باشقا ئالىملار بۇ بايانلار ئايۇپنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان بايانلاردۇر، «1-ئايەتتىكى «شۈبھىسىزكى» ياكى «چۈنكى») دېگەن باغلىغۇچى بىلەن باشلىنىشى بۇنىڭغا ئىسپات بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. قايسى پىكىر توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ باپتىكى ھەقىقەتلەر شۈبھىسىزكى ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم مۇيەسسەر بولغان ۋەھىلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى. كېيىن بىز مەزكۇر كىتابنى چازغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىمىز.
2تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ.
3ئىنسانلار يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ. ◼ 28:3 \+bd «ئىنسانلار يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ»\+bd* ــ دېمەك، ئىنسانلار ياقۇتلارنى ئىزدەشتە يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقنى چىراغلار بىلەن يورۇتىدۇ؛ 4-5-ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ئارغامچىلارغا ئېسىلىپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
4ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ.
5ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسا يالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛
6يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر.
7ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن.
8ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان.
9ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇۋېتىدۇ.
10تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛ ◼ 28:10 \+bd «تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ»\+bd* ــ بۇ قاناللار بەلكىم يەر ئاستىدىكى سۇنى تونىللاردىن چىقىرىش ئۈچۈن كولانغان.
11يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ. ◼ 28:11 \+bd «يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئېقىنلارنىڭ مەنبىلىرىنى ئىزدەپ تاپىدۇ».
12بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟
13ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس.
14يەر تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ. ◘ 28:14 ئايۇپ 28:22
15دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس. ◘ 28:15 پەند. 3:14؛ 8:11، 19؛ 16:16
16ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ. ◼ 28:16 \+bd «ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن»\+bd* ــ ئوفىر دېگەن يەردىكى ئالتۇن ناھايىتى ساپ ئىدى.
17ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس.
18ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
19ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
20ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ ◘ 28:20 ئايۇپ 28:12
21چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ.
22ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ. ◘ 28:22 ئايۇپ 28:14
23ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر.
24چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.
25ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، دۇنيانىڭ سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە، ◘ 28:25 پەند. 8:29
26يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە،
27ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ، ◼ 28:27 \+bd «ئۇ چاغدا \+bdit خۇدا\+bdit* دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان»\+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم خۇدانىڭ دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ئارقىلىق دانالىقنى بايان قىلغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
28ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن». ◼ 28:28 \+bd «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر»\+bd* ــ بۇ بابتىكى سۆزلەر ئىنسان بالىلىرىنىڭ يەر ئاستىدا ئېسىل تاشلارنى ئىزدىشىنى تەنقىد قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشتا ئىشلەتكەن پاراسىتىگە ھەم جۈرئىتىگە قايىل بولغان. بىراق مەيلى ئادەمنىڭ قانچە پاراسىتى، قانچە جۈرئىتى بولسۇن، ئۆزىنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرىگىلا تايانسا دانالىققا ئېرىشمەيدۇ؛ پەقەتلا رەب پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشكە باشلىسىلا، دانالىققا ئېرىشىشكىمۇ باشلايدۇ؛ يامانلىقتىن توۋا قىلىپ يىراقلاشسىلا، يورۇتۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم ئۇ مۇيەسسەر بولغان ۋەھىيلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى. ◘ 28:28 زەب. 111:10؛ پەند. 1:7؛ 9:10