1ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
2«ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى،
3ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان،
4بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا،
5ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان،
6مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛
7شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا،
8ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى،
9شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ،
10ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ،
11قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى،
12چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى،
13ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛
14مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم،
15مەن كورغا كۆز بولاتتىم،
16يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم،
17مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم،
18ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ،
19ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ،
20شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،
21ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛
22مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى،
23ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى،
24ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم،