ئايۇپ 3:1-25 UIGB2010 - Bible AI

1‏-2 يەتتە كۈندىن* كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ ئەھۋالىغا قارىتا* ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ ◘ 3:1‏-2 يەر. 15‏:10؛ 20‏:14*

3«مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن!

4شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن!

5شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن!

6شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛

7مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن!

8كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن!

9شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن!

10چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن،

11ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟!

12نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟

13مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم،

14شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن، ◼ 3:14 +bd «ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «مازار» بەلكىم مىسىردىكى چوڭ ئېھراملارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەيلى چوڭ، ھەيۋەتلىك بولسىمۇ، بەرىبىر ئادەمنى ئۆلۈمدىن قوغدىيالمايدۇ. بۇ جۈملىنى يەنە «ئۆزى ئۈچۈنلا ھازىر خارابلىشىپ كەتكەن جايلارنى قۇرغان پادىشاھلار...» دەپ تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ.*

15ياكى ئالتۇن يىغقان،

16قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك،

17ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ،

18ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ،

19غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ،

20جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟

21ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ،

22ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ،

23ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە،

24شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛

25چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛

© 2010 Institute for Bible Translation
v>