ئايۇپ 31:1-40 UIGB2010 - Bible AI

1«مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟ ◼ 31:1 \+bd «مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟»\+bd* ــ مانا بىز بۇ يەردىن ئايۇپنىڭ ئۆزىنىڭ بىردىن بىر ھەمرىيى بولغان ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ ئۆز ئايالىغا پەقەت سىرتتىن قارىغاندىلا ئەمەس، بەلكى چىن يۈرىكىدىن ساداقەتمەن ئىدى. ئۇ بۇ بابتا نىشان قىلغان پەزىلەت، مەسىھ ئەيسا ئىنجىلدا تەلەپ قىلغان پەزىلەتكە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ (يەنى، ئادەمنىڭ قەلب-ئويلىرىنى باشقۇرىدىغان ھەققانىيلىق ھەم مېھىر-مۇھەببەت). ئىنجىل، «ماتتا» 5-7-بابنى كۆرۈڭ.

2ئۇنداق قىلسام ئۈستۈمدىكى تەڭرىدىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە بولار؟ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان مىراسىم نېمە بولار؟

3بۇ گۇناھنىڭ نەتىجىسى ھەققانىيسىزلارغا بالا-قازا ئەمەسمۇ؟ قەبىھلىك قىلغانلارغا كۈلپەت ئەمەسمۇ؟

4ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ◘ 31:4 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ 15‏:3؛ يەر. 32‏:19

5ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى! ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا،

6(مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى! ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!)

7ئەگەر قەدىمىم يولدىن چىققان بولسا، كۆڭلۈم كۆزۈمگە ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، ئەگەر قولۇمغا ھەرقانداق داغ چاپلاشقان بولسا،

8ئۇنداقتا مەن تېرىغاننى باشقا بىرسى يېسۇن! بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن! ◼ 31:8 \+bd «بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن!»\+bd* ــ «بىخلىرىم» دېگەن سۆزنىڭ «بالىلىرىم» دېگەن كۆچمە مەنىسىمۇ بار.

9ئەگەر قەلبىم مەلۇم بىر ئايالدىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇ نىيەتتە قوشنامنىڭ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام، ◘ 31:9 ئايۇپ 24‏:15؛ پەند. 7‏:25

10ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن، باشقىلار ئۇنى ئاياق ئاستى قىلسۇن. ◼ 31:10 \+bd «ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن»\+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئايالىم باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولسۇن».

11چۈنكى بۇ ئەشەددىي نومۇسلۇق گۇناھتۇر؛ ئۇ سوراقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىشى كېرەكتۇر.

12بۇ گۇناھ بولسا ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مېنىڭ بارلىق تاپقانلىرىمنى يۇلۇپ ئالغان بولاتتى.

13ئەگەر قۇلۇمنىڭ ياكى دېدىكىمنىڭ ماڭا قارىتا ئەرزى بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆزۈمگە ئىلمىغان بولسام،

14ئۇنداقتا تەڭرى مېنى سوراققا تارتىشقا ئورنىدىن تۇرغاندا قانداق قىلىمەن؟ ئەگەر ئۇ مەندىن سوئال-سوراق ئالىمەن دەپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟ ◘ 31:14 زەب. 44‏:20-21

15مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ. مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟ ◘ 31:15 ئايۇپ 34‏:19؛ پەند. 14‏:31؛ 17‏:5

16ئەگەر مىسكىنلەرنى ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن توسقان بولسام، ئەگەر تۇل خوتۇننىڭ كۆز نۇرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بولسام،

17ياكى ئۆزۈمنىڭ بىر چىشلەم نېنىمنى يالغۇز يېگەن بولسام، ئۇنى يېتىم-يېسىر بىلەن بىللە يېمىگەن بولسام

18(ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئوغلى ئاتا بىلەن بىللە بولغاندەك ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە تۇرغانىدى، ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن تارتىپلا تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم)،

19ئەگەر كىيىم-كېچەك كەملىكىدىن ھالاك بولاي دېگەن بىرىگە، ياكى چاپانسىز بىر يوقسۇلغا قاراپ ئولتۇرغان بولسام،

20ئەگەر ئۇنىڭ بەللىرى كىيىمسىز قېلىپ ماڭا بەخت تىلىمىگەن بولسا، ئەگەر ئۇ قوزىلىرىمنىڭ يۇڭىدا ئىسسىنمىغان بولسا،

21ئەگەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا «ھۆكۈم چىقارغانلار ئارىسىدا مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار» دەپ، يېتىم-يېسىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قول كۆتۈرگەن بولسام،

22ئۇنداقتا مۈرەم تاغىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشسۇن! بىلىكىم ئۈگىسىدىن سۇنۇپ كەتسۇن!

23چۈنكى تەڭرى چۈشۈرگەن بالايىئاپەت مېنى قورقۇنچقا سالماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلالمايتتىم.

24ئەگەر ئالتۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۆز تايانچىم قىلغان بولسام، ياكى ساپ ئالتۇنغا: «يۆلەنچۈكۈمسەن!» دېگەن بولسام، ◘ 31:24 مار. 10‏:24؛ 1تىم. 6‏:17

25ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن، ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام، ◘ 31:25 زەب. 62‏:10

26ئەگەر مەن قۇياشنىڭ جۇلاسىنى چاچقانلىقىنى كۆرۈپ، ياكى ئاينىڭ ئايدىڭدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ◘ 31:26 قان. 4‏:19

27كۆڭلۈم ئاستىرتىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇنداقلا بۇلارغا چوقۇنۇپ ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا،

28بۇمۇ سوراقچى ئالدىدا گۇناھ دەپ ھېسابلىناتتى، چۈنكى شۇنداق قىلغان بولسام مەن يۇقىرىدا تۇرغۇچى تەڭرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولاتتىم.

29ئەگەر ماڭا نەپرەتلەنگەن كىشىنىڭ ھالاكىتىگە قارىغىنىمدا شادلىنىپ كەتكەن بولسام، بېشىغا كۈلپەت چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولسام ــ ◘ 31:29 پەند. 17‏:5

30(ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈگەشسۇن دەپ قارغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ئاغزىمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغانمەن) ◘ 31:30 مات. 5‏:44؛ رىم. 12‏:14

31ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا، ◼ 31:31 \+bd «ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا...»\+bd* ــ دەرۋەقە، ئايۇپنىڭ بۇ گېپى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سۆزلىرى ھەقىقەت بولمىغان بولسا، ئەمدى ئۆز يۇرتىدىكىلەر، چېدىردىكىلەر ئۇنى ئاڭلاپلا گۇۋاھلىق قىلىپ دەرھال ئىنكار قىلاتتى.

32(مۇساپىرلاردىن كوچىدا قالغىنى ئەزەلدىن يوقتۇر؛ چۈنكى ئىشىكىمنى ھەردائىم يولۇچىلارغا ئېچىپ كەلگەنمەن) ◘ 31:32 ئىبر. 13‏:2؛ 1پېت. 4‏:9

33ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان، قەبىھلىكىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرغان بولسام،

34ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ يۈرگەن بولسام، جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،... ◼ 31:34 \+bd «ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان... ... جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،...»\+bd* ــ (33-34-ئايەت) ئەسلىدە ئادەمئاتىمىز گۇناھىنى خۇدادىن يوشۇرماقچى بولۇپ دەرەخلەر ئىچىگە مۆكۈۋالغانىدى. ئەمىلىيەتتە ئادەم ئۆز گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلسىلا دەرھال ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق قارايمىزكى، ئايۇپ مۇشۇ يەردە «ئەگەر گۇناھ قىلغان بولسام، خۇدانىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلاتتىم؛ ئۇنداقتا خالايىقتىن ھېچ قورقمايتتىم» دېمەكچى. بەزى ئادەملەرنىڭ گۇناھ قىلماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولىدۇ ــ يەنى خالايىقنىڭ پىكرىدىن بولغان قورقۇنچىسىدىنلا، خالاس. ئايۇپ ھەرگىز بۇنداق خىلدىكى ئادەملەردىن ئەمەس، ھەردائىم خۇدانى ئۆز ئالدىدا ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويىدۇ.

35ــ ئاھ، ماڭا قۇلاق سالغۇچى بىرسى بولسىدى! مانا، ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي؛ ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن! ◼ 31:35 \+bd «ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن!»\+bd* ــ بىز «مېنىڭ رەقىبىم» دېگەن بۇ سۆزنى يەنىلا خۇدانى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەھلىل قىلىمىز. يەنە بەزى شەرھچىلەر ئۇنى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

36شۇ ئەرزنى زىممەمگە ئارتاتتىم ئەمەسمۇ؟ چوقۇم تاجلاردەك بېشىمغا كىيىۋالاتتىم.

37مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم؛ شاھزادىدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باراتتىم. ◼ 31:37 \+bd «مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم»\+bd* ــ «ئۇنىڭغا» يەنى خۇداغا، دېمەكچى.

38ئەگەر ئۆز ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى گۇۋاھ بولۇپ چۇقان كۆتۈرسە، ئۇنىڭ چۈنەكلىرى بىلەن بىرگە يىغلاشسا،

39چۈنكى چىقارغان مېۋىسىنى ھەق تۆلىمەي يېگەن بولسام، ھۆددىگەرلەرنى ھالسىزلاندۇرۇپ نەپىسىنى توختاتقان بولسام،

40ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا شۇمبۇيا ئۆسسۇن! ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن. مانا شۇنىڭ بىلەن مەن ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تامام ۋەسسالام!» ◼ 31:40 \+bd «ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن!»\+bd* ــ «مەستەك» بۇغدايغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك؛ يەنە «كۈرمەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>