ئايۇپ 32:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئايۇپقا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ قارىشىدا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدى.

2ئاندىن بۇزىلىق رامنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئىسىملىك يىگىتنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپقا قارىتا قوزغالدى، چۈنكى ئۇ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى توغرا ھېسابلىغانىدى؛ ◼ 32:2 \+bd «بۇزىلىق...ئېلىخۇ»\+bd* ــ توغرۇلۇق: «بۇز» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جەمەتنىڭ ئېدوم مىللىتى بىلەن، يەنى «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئېلىخۇ بەلكىم بۇ جەمەتتىكىلەردىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئادەم دەسلەپتە بىزگە تونۇشتۇرۇلمىغان؛ بىراق ئۇ چوقۇم بۇ تۆتەيلەننىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئىدى.

3ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىرىغىمۇ قارىتىلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بەرگۈدەك سۆز تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەنىدى.

4بىراق ئېلىخۇ بولسا ئايۇپقا جاۋاب بېرىشنى كۈتكەنىدى، چۈنكى بۇ تۆتەيلەننىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئۆزىدىن كۆپ ئىدى.

5ئېلىخۇ بۇ ئۈچ دوستنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق جاۋابى يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى.

6شۇنىڭ بىلەن بۇزىلىق باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئېغىز ئېچىپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ياش، سىلەر بولساڭلار ياشانغانسىلەر؛ شۇنداق بولغاچقا مەن تارتىنىپ، بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە ئايان قىلىشتىن قورقۇپ كەلدىم. ◘ 32:6 ئايۇپ 32‏:4، 7؛ 15‏:10

7مەن: «يېشى چوڭ بولغانلار ئاۋۋال سۆزلىشى كېرەك؛ يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قارايتتىم؛ ◼ 32:7 \+bd «يېشى چوڭ بولغانلار»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلىرى كۆپ بولغانلار». \+bd «يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»\+bd* ــ ياكى «ياشانغان ئادەم كىشىلەرگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ».

8بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ. ◼ 32:8 \+bd «بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزى ئۇ چۈشىنىپ يەتكەن چوڭ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرىدۇر. تۆتەيلەن جۈملىدىن ئايۇپنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى تىلغا كۆپ ئالمىغان. ئېلىخۇ خۇدانىڭ روھى (مۇقەددەس روھ) ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ روھى ھەم ۋىجدانى ئارقىلىق ۋەھىي بېرىپ، سۆز قىلىپ ساۋاق ئۆگىتىدۇ دېگەن تەلىمنى بېرىدۇ. ئىنساننىڭ خۇدانىڭ روھىنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئۇ كېيىن ئازراق سۆزلەيدۇ. ◘ 32:8 ئايۇپ 12‏:13؛ 38‏:36؛ پەند. 2‏:6؛ توپ. 2‏:26؛ دان. 1‏:17؛ 2‏:21

9لېكىن چوڭلارنىڭ دانا بولۇشى ناتايىن؛ قېرىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقارالىشىمۇ ناتايىن. ◘ 32:9 ئايۇپ 12‏:12

10شۇڭا مەن: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» دەيمەن، مەنمۇ ئۆز بىلگىنىمنى بايان ئەيلەي.

11مانا، سىلەر توغرا سۆزلەرنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭلاردا، مەن سۆزلىرىڭلارنى كۈتكەنمەن؛ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارغا قۇلاق سالاتتىم؛

12شۇنداق، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن قۇلاق سالدىم؛ بىراق سىلەردىن ھېچقايسىڭلار ئايۇپقا رەددىيە بەرمىدىڭلار، ھېچقايسىڭلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلاركى،

13سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر؛ ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ. ◼ 32:13 \+bd «سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر، ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ»\+bd* ــ ئېلىخۇ: ئۈچ دوستنىڭ ئايۇپنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرگۈدەك جاۋابنى تاپالمىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆز پىكرى-تەجرىبىسىگە تايانغانلىقى، خۇدانىڭ ئۆزىدىنلا بىۋاسىتە دانالىق ئىزدىمىگەنلىكىدىن بولدى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزقارىشى بۇ جەھەتتىن توغرا بولۇشى مۇمكىن.

14ئۇنىڭ جەڭگە تىزىلغان ھۇجۇم سۆزلىرى ماڭا قارىتىلغان ئەمەس؛ ھەم مەن بولسام سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن

15(بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، قايتا جاۋاب بېرىشمىدى؛ ھەممە سۆز ئۇلاردىن ئۇچۇپ كەتتى.

16مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلمىدى، بەلكى جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى)؛ ◼ 32:16 \+bd «\+bdit بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، ... مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار ... جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى\+bdit*»\+bd* ــ بۇ سۆزلەر (15-16-ئايەت) بىزگە كىتابنىڭ يازغۇچىسىنىڭ، يەنى بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن يىپ ئۇچى تەمىنلەيدۇ. كىتابتىكى نەسرىي (شېئىرىيەت شەكلىدە بولمىغان) قىسىملاردا پەقەت بۇ يەردىلا «مەن» دېگەن ئالماشنى ئۇچرىتىمىز. شۇڭا بىز شۇنداق قارايمىزكى، مەزكۇر كىتابنى يازغۇچى ئېلىخۇ بولۇشى كېرەك. بىز ئۇنىڭ ئەرشتە بولغان كېڭەشلەردىن قانداق خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ ئۆزى بايان قىلغاندەك «ھەربىر ئادەمگە تەلىم بەرگۈچى بولغان خۇدانىڭ روھى»نىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق شۇ ئىشلارنى بىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشلارنى خاتىرە قالدۇرغان بولسا كېرەك.

17ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىدە مەن جاۋاب بېرەي، مەنمۇ بىلگىنىمنى كۆرسىتىپ بېرەي.

18چۈنكى دەيدىغان سۆزلىرىم لىق تولدى؛ ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى؛ ◼ 32:18 \+bd «ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى»\+bd* ــ ئېلىخۇ ئىككىنچى قېتىم مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئايۇپقا بەرمەكچى بولغان تەلىمىنى دەل مۇشۇ روھتىن كەلگەن، دېمەكچى.

19مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشايدۇ؛ يېڭى شاراب تۇلۇملىرى پارتلاپ كېتىدىغاندەك پارتلايدىغان بولدى.

20شۇڭا مەن سۆز قىلىپ ئىچىمنى بوشىتاي؛ مەن لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي.

21مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن؛ ۋە ياكى ھېچ ئادەمگە خۇشامەت قىلمايمەن.

22مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچىم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ». ◼ 32:22 \+bd «مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچىم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلماسلىق توغرىدۇر؛ بۇ لىللا گەپ قىلىشتىكى ئالدىنقى بىر شەرت. بىراق ئېلىخۇ ئايۇپنىڭ «\+bd خۇداغا\+bd* خۇشامەت قىلىش» گۇناھتۇر، دېگەن سۆزىنى (11:7-13نى كۆرۈڭ) چۈشەنمىگەندەك قىلاتتى؛ شۇڭا ئېلىخۇ پەقەتلا «\+bd ئادەمگە\+bd* خۇشامەت قىلىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>