1ئېلىخۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
2«مېنى بىردەم سۆزلىگىلى قويساڭ،
3بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن،
4مېنىڭ گېپىم ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستۇر؛
5مانا، تەڭرى دېگەن ئۇلۇغدۇر،
6ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛
7ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ،
8ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا،
9ئۇنداقتا ئۇ ئۇلارغا قىلغانلىرىنى،
10شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلاقلىرىنى تەربىيىگە ئېچىپ قويىدۇ،
11ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسىلا
12بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىسا، قىلىچلىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ،
13بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛
14ئۇلار ياش تۇرۇپلا جان ئۈزىدۇ،
15بىراق ئۇ ئازاب تارتقۇچىلارنى ئازابلاردىن بولغان تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ،
16ئۇ شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛
17بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛
18غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھوشيار بول؛
19ياكى بايلىقلىرىڭ،
20كېچىگە ئۈمىد باغلىما،
21ھوشيار بول، ئەسكىلىككە بۇرۇلۇپ كەتمە؛
22مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛
23كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟
24ئىنسانلار تەبرىكلەيدىغان خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇما!
25ھەممە ئادەم ئۇلارنى كۆرگەندۇر؛
26« ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز،
27چۈنكى ئۇ سۇنى تامچىلاردىن شۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
28شۇنداق قىلىپ ئاسمانلار يامغۇرلارنى* قۇيۇپ بېرىپ،
29بىراق كىم بۇلۇتلارنىڭ توقۇلۇشىنى،
30مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ،
31ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
32ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرىدۇ،