1تېمانلىق ئېلىفاز جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2«بىرسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، ئېغىر ئالامسەن؟
3قارا، سەن كۆپ ئادەملەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئادەمسەن،
4سۆزلىرىڭ دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن،
5بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى،
6ئىخلاسمەنلىكىڭ تايانچىڭ بولۇپ كەلمىگەنمۇ؟
7ئېسىڭگە ئال، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟
8مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار،
9تەڭرىنىڭ بىر نەپىسى بىلەنلا ئۇلار گۇمران بولىدۇ،
10شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى،
11باتۇر شىر بولسا ئوۋ تاپالماي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ،
12ــ مانا، ماڭا بىر سۆز غايىبانە كەلدى،
13تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا،
14قورقۇنچ ۋە تىترەكمۇ مېنى باستى،
15كۆز ئالدىمدىن بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى؛
16ئۇ روھ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى، بىراق تۇرقىنى كۆرەلمىدىم؛
17«ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟
18مانا، ئۇ ئۆز قۇللىرىغا ئىشەنمىگەن،
19ئۇلى توپىلاردىن بولغان ئىنسانلار،
20ئۇلار تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛