1پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە جاۋابەن: ــ
2«ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟
3ئايۇپ بولسا پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ
4«مانا، مەن ھېچنېمىگە يارىمايمەن؛
5بىر قېتىم دېدىم، مەن يەنە جاۋاب بەرمەيمەن؛
6ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
7«ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا،
8سەن دەرۋەقە مېنىڭ ھۆكۈمىمنى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتكۈزمەكچىمۇسەن؟
9سېنىڭ تەڭرىنىڭ بىلىكىدەك كۈچلۈك* بىر بىلىكىڭ بارمۇ؟
10قېنى، ھازىر ئۆزۈڭنى شان-شەرەپ ھەم سالاپەت بىلەن بېزىۋال!
11غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن،
12راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ،
13ئۇلارنى بىرگە توپىغا كۆمۈپ قوي،
14شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى،
15مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگېموتنى كۆرۈپ قوي؛
16مانا، ئۇنىڭ بېلىدىكى كۈچىنى،
17ئۇ قۇيرۇقىنى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىدۇ،
18ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى مىس تۇرۇبىدەكتۇر،
19ئۇ تەڭرى ياراتقان جانىۋارلارنىڭ بېشىدۇر،
20تاغلار ئۇنىڭغا يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ؛
21ئۇ سەدەپگۈل دەرەخلىكىنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ،
22سەدەپگۈللۈكلەر ئۆز سايىسى بىلەن ئۇنى ياپىدۇ؛
23قارا، دەريا تېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ ھودۇقمايدۇ؛