ئايۇپ 42:1-17 UIGB2010 - Bible AI

1ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ

2«ھەممە ئىشنى قىلالايدىغىنىڭنى،

3«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟»

4ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛

5مەن قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن،

6شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن،

7پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار تېمانلىق ئېلىفازغا مۇنداق دېدى: ــ

8بىراق ھازىر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يەتتە تورپاق ھەم يەتتە قوچقارنى ئېلىپ، قۇلۇم ئايۇپنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز-ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن؛ بولمىسا، مەن ئۆز نادانلىقلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەي؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك توغرا سۆزلىمىدىڭلار». ◼ 42:8 +bd «قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ»+bd* ــ روشەنكى، خۇدا ئايۇپقا ئىشىنىدۇ، كۆزى ئايۇپنىڭ دوستى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا رازى بولىدىغانلىقىغا يېتىدۇ.*

9شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار ئۈچەيلەن بېرىپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا دېگىنىدەك قىلدى؛ ھەمدە پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى.

10شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى. ◼ 42:10 +bd «پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پەرۋەردىگار ئايۇپنى ئەسىرلىكىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى».*

11شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوست-ئاغىنە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماقلاندى؛ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرىسىدا تەسەللى بېرىشتى؛ ھەمدە ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۈمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى. ◼ 42:11 +bd «ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۆمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى»+bd* ــ ئاشۇ ۋاقىتتا بەلكىم تەڭگە-تىللادەك پۇل يوق، پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش پارچىلىرى بولۇشى مۇمكىن.*

12پەرۋەردىگار ئايۇپقا كېيىنكى كۈنلىرىدە بۇرۇنقىدىن كۆپرەك بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى؛ ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى، ئالتە مىڭ تۆگىسى، بىر مىڭ قوشلۇق كالىسى، بىر مىڭ مادا ئېشىكى بار بولدى.

13ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى. ◼ 42:13 +bd «ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى»+bd* ــ پەرۋەردىگار ئايۇپقا «تىرىلىش» توغرۇلۇق بىۋاسىتە ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. بىراق تېكىستتە (10-ئايەت) مۇنداق دېيىلىدۇ: ــ «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى». ھايۋانلارنىڭ سانى بولسا ئىككى ھەسسە دەرىجىدە كۆپەيتىلدى. مەسىلەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قويى بار ئىدى؛ ھازىر ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى بار بولدى، قاتارلىقلار. بىراق ئەسلىدە ئۇنىڭ «ئون بالىسى، يەنى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى» بار ئىدى؛ ھازىر بولسا ئۇنىڭ ئون تۆت ئوغلى، ئالتە قىزى بار بولۇش كېرەكقۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ قىيامەت كۈنىدە قايتىدىن ئەسلىدىكى يەتتە ئوغلى، ئۈچ قىزى بىلەن جەم بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ھەقىقەتەن ئون بالىلىقلا ئەمەس، بەلكى يىگىرمە بالىلىق بولىدۇ. ئايۇپ يېڭى بالىلىرىنىڭ ئونىنچىسى بىلەن توختاپ قېلىشى بىلەن، بەلكىم بۇ «ئىككى ھەسسە» دېگەن ئىش كەلگۈسىدە چوقۇم بىر تىرىلىشنى كۆرسىتىدۇ، مەن ئەسلىدىكى ئون سۆيۈملۈك بالامدىن پەقەت ۋاقىتلىق ئايرىلدىم، دەپ ئويلاشقا باشلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا بىزنىڭچە تىرىلىش توغرۇلۇق بۇ ئىشلاردىن بېشارەت ئالدى.

14ئۇ قىزلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «يېمىماھ»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەزىيە»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەرەن-خاپۇق» دەپ قويدى. ◼ 42:14 +bd «يېمىماھ»+bd* ــ «پاختەك» دېگەن مەنىدە.

15پۈتكۈل زېمىندا ئايۇپنىڭ قىزلىرىدەك شۇنچە گۈزەل قىزلارنى تاپقىلى بولمايتتى؛ ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى. ◼ 42:15 +bd «ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى»+bd* ــ بەلكىم يېڭى ئائىلىسى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش، ياكى ئۇنىڭ ھازىرقى بايلىقلىرىنىڭ موللۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.*

16بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايۇپ بىر يۈز قىرىق يىل ياشاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى، ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى، ھەتتا تۆتىنچى چەۋلادقىچە، يەنى ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرگەن.

17شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ ياشىنىپ، كۈنلىرىدىن قانائەت تېپىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>