ئايۇپ 6:1-29 UIGB2010 - Bible AI

1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ

2«ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە!

3شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛

4چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ،

5ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟

6تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟

7جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ،

8ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى!

9ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن!

10شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى،

11مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟

12مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟

13ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟

14ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛

15بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك،

16ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ،

17ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛

18سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛

19تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛

20بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛

21مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش ماڭا تايىنى* يوق بولۇپ قالدىڭلار؛

22مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»،

23ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!»

24ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛

25توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە!

26ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا،

27سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر!

28ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛

29ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛

© 2010 Institute for Bible Translation
v>