ئايۇپ 9:1-35 UIGB2010 - Bible AI

1ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ

2ۋاي، سېنىڭلا توغرا، دۇنيانى ھەقىقەتەن سەن دېگەندەك دەپ بىلىمەن! بىراق ئىنسان بالىسى قانداق قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ ◘ 9:2 ئايۇپ 14‏:4؛ 25‏:4؛ زەب. 143‏:2

3ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، شۇ كىشى مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ◼ 9:3 \+bd «ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، شۇ كىشى مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ»\+bd* ــ بۇنىڭ يەنە باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) «ئەگەر خۇدا بىرسى بىلەن دەۋالىشىشنى لايىق كۆرسە، ئۇ كىشى مىڭدىن بىر مەسىلىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ»؛ (2) «ئەگەر خۇدا بىرسى بىلەن دەۋالىشىشنى لايىق كۆرسە، خۇدا ئۇ كىشىنىڭ مىڭدىن بىر مەسىلىسىگىمۇ جاۋاب بەرمەيدۇ».

4ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر دانالىق باردۇر، ئۇ زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدۇر؛ كىممۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، يۈرىكىنى توم قىلىپ، كېيىن تىنچ-ئامان قالغان؟

5ئۇ تاغلارنى غەزىپىدە غۇلاتقاندا، ئۇلارغا ھېچ بىلدۈرمەيلا ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلايدۇ.

6ئۇ يەر-زېمىننى تەۋرىتىپ ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ كېتىدۇ.

7ئۇ قۇياشقا كۆتۈرۈلمە دەپ سۆز قىلسىلا، ئۇ قوپمايدۇ؛ ئۇ خالىسا يۇلتۇزلارنىڭمۇ نۇرىنى پېچەتلەپ قويالايدۇ.

8ئاسمانلارنى كەڭ يايغۇچى پەقەت ئۇدۇر، ئۇ دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىگە دەسسەپ يۈرىدۇ. ◘ 9:8 يار. 1‏:6

9ئۇ يەتتە قاراقچى يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى، جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان. ◼ 9:9 \+bd «جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان»\+bd* ــ ياكى: «جەنۇبىي ئاسماندىكى خەزىنىلەرنى ياراتقان».

10ئۇ ھېسابلىغۇسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى، ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ. ◘ 9:10 ئايۇپ 5‏:9؛ زەب. 72‏:18؛ 77‏:14؛ 86‏:10؛ رىم. 11‏:33

11قارا، ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ، بىراق مەن ئۇنى كۆرمەيمەن؛ ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنى بايقىيالمايمەن. ◼ 9:11 \+bd «ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ يېنىمدىن ئۆتسە». \+bd «ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ ئۆتۈپ كەتسە».

12مانا، ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ، كىم ئۇنى ئۆز يولىدىن ياندۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسەن» دەپ سوراشقا پېتىنالىسۇن؟ ◼ 9:12 \+bd «ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ»\+bd* ــ ياكى: «ئۇ ئېلىپ كەتسە» ياكى «ئۇ بۇلاپ كەتسە».

13تەڭرى غەزىپىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ راھابنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئېگىدۇ. ◼ 9:13 \+bd «راھاب»\+bd* ــ «راھاب»نىڭ مۇنداق ئۈچ خىل مەنە مۇمكىنچىلىكى بار: ــ (1) ھاكاۋۇرلۇق؛ (2) مىسىر ئىمپېرىيەسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى (قەدىمكى دۇنيادا ھاكاۋۇرلۇقتا داڭقى چىققان)؛ (3) ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىكى بار مەنىسى شۇكى، دېڭىزدىكى زور، قورقۇنچلۇق بىر ھايۋاننىڭ ئىسمى. بۇ يوغان ھايۋاننىڭ يەنە بىر ئىسمى «لېۋىئاتان» بولۇشى مۇمكىن (يۇقىرىقى 3-باب، 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا بىرنەچچە يەرلەردە شەيتاننىڭ بىر سىمۋولىدۇر. شۇڭا مۇشۇ يەردە «راھابنىڭ ياردەمچىلىرى» بەلكىم شەيتاننىڭ ياردەمچىلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

14شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيتتىم. مەن مۇنازىرە قىلغۇدەك قانداق سۆزلەرنى تاللىيالايتتىم؟

15مۇبادا مەن ھەققانىي بولساممۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم؛ مەن پەقەت سوتچىمغا ئىلتىجالا قىلالايتتىم.

16مەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، مەن تېخى ئۇنىڭ سادايىمنى ئاڭلىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان بولاتتىم؛

17ئۇ بوران-چاپقۇنلار بىلەن مېنى ئېزىدۇ، ئۇ يارىلىرىمنى سەۋەبسىز ئاۋۇتماقتا.

18ئۇ ماڭا ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ ماڭا دەرد-ئەلەمنى يۈكلىۋەتتى.

19كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا گەپ قىلساق، مانا، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك يەنە باشقا كىم بار؟ ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟! ◼ 9:19 \+bd «ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟!»\+bd* ــ ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەش. باشقا خىل تەرجىمىلىرى بولۇشى مۇمكىن.

20مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، ئۆز ئاغزىم ئۆزۈمنى گۇناھقا پاتۇرار، قۇسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر. ◼ 9:20 \+bd «... قۇسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر»\+bd* ــ ئايۇپقا مۇبادا خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى كەلسىمۇ، ئۇ خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئاغزىنىڭ ئېچىلماس قىلىنىشىدىن، ياكى ھەتتا «ماشىنا ئادەمدەك» ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆزىنى ئەيىبلەپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. «خۇدا ھەممىدىن كۈچلۈك، شۇڭا ئۇ ئادىل» دېگەن كۆزقاراش دۇنيادىكى ھەربىر زالىمنىڭ: «كۈچ-ھوقۇق دېگەن ھەقتۇر» دېگەن كۆزقارىشىغا يېقىن كېلىدۇ. ئايۇپ مۇشۇ يەردە «خۇدا ماڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلسا، ئادىل بولمايدۇ» دېمەكچى بولىدۇ. كىتابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا، خۇدانىڭ ھەم ھەممىدىن كۈچلۈك ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈنلەي ئادىل ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

21بىراق مەن ئەسلىدە ئېيىبسىز ئىدىم. مەيلى، ئۆزۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىم بىلەن پەرۋايىم پەلەك! ئۆز جېنىمدىن تويدۇم!

22ھەممە ئىش ئوخشاش ئىكەن؛ شۇڭا مەن دەيمەنكى، ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ. ◼ 9:22 \+bd «... مەن دەيمەنكى، ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ»\+bd* ــ ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ بابتىكى 14-ئايەتتىن 34-ئايەتكىچە ئايۇپ خۇدانىڭ نامىنى بىر قېتىممۇ تىلغا ئالماي، پەقەت ئۇنى: «ئۇ... ئۇنىڭ... ئۇنى... سەن....» دەپ ئاتايدۇ. بەلكىم ئۇ خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدىرىتىگە ھەم ئۆزىنىڭ ھازىرقى قورقۇنچلۇق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئويلاپ، بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك. ◘ 9:22 توپ. 9‏:2، 3؛ مال. 3‏:14

23تۇيۇقسىز بېشىغا قازا كېلىپ ئۆلسە، ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ. ◼ 9:23 \+bd «...ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەت ئايۇپنىڭ جان ئاچچىقىدىن، شۇنداقلا خۇداغا بولغان گۇمانىدىن ئېيتقان بايانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ قاتتىقى بولۇشى مۇمكىن.

24يەر يۈزى يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ بىراق ئۇ سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى بۇ ئادالەتسىزلىكنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلغۇچى ئۇ بولماي، يەنە كىم بولسۇن؟

25مېنىڭ كۈنلىرىم يەلتاپاننىڭ يۈگۈرۈشىدىنمۇ تېز ئۆتىدۇ؛ ئۇلار مەندىن قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوقتۇر. ◘ 9:25 ئايۇپ 7‏:6، 7

26ئۇلار قومۇش كېمىلەردەك چاپسان ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئالغۇر بۈركۈت ئوۋنى تۇتقىلى شۇڭغۇغاندەك تېز ماڭىدۇ. ◼ 9:26 \+bd «قومۇش كېمىلەر»\+bd* ــ قەدىمكى مىسىردا كۆپ ئىشلىتىلگەن، نىل دەرياسىدا ناھايىتى تېز ماڭىدىغان بىرخىل كېمە.

27ئەگەر: «نالە-پەريادتىن توختاپ، چىرايىمنى تۇتۇلدۇرماي خۇش چىراي بولاي» دېسەممۇ،

28مەن يەنىلا ئازابلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن قورقۇپ يۈرىمەن؛ چۈنكى سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن. ◼ 9:28 \+bd «... سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن»\+bd* ــ ئايۇپ يەنىلا خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىدۇ. 31-ئايەتتە بولسا ئۇنىڭ ئۈمىدى بەلكىم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.

29مەن ھامان ئەيىبلىك ئادەم بولسام، مەن بىھۇدە جاپا تارتىپ نېمە قىلاي؟

30ھەتتا قار سۈيى بىلەن يۇيۇنۇپ، قولۇمنى شۇنچە پاكىزلىغان بولساممۇ، ◘ 9:30 يەر. 2‏:22

31سەن يەنىلا مېنى ئەۋرەزگە چۆمۈلدۈرىسەنكى، ئۆز كىيىمىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ!

32چۈنكى ئۇ مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك، ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر. ◼ 9:32 \+bd «چۈنكى ئۇ ... ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر»\+bd* ــ بۇ بايان بەلكىم كىتابتىكى سورالغان ئەڭ چوڭقۇر سوئال بولۇشى مۇمكىن؛ دېمەك، ئادەم خۇدا بىلەن قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن؟ ◘ 9:32 توپ. 6‏:10؛ يەر. 49‏:19

33ئوتتۇرىمىزدا ھەر ئىككىمىزنى ئۆز قولى بىلەن تەڭ تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! ◼ 9:33 \+bd «ئوتتۇرىمىزدا ... كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى!»\+bd* ــ ئايۇپ: ئادەم بىلەن خۇدانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان، بىر قولى بىلەن خۇدانى تۇتىدىغان، بىر قولى بىلەن ئىنساننى تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! دەپ ئېيتقان بۇ كېلىشتۈرگۈچى ئىنجىلدا دەل ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ئايان قىلىنىدۇ («1تىم.» 5:2).

34ئۇ ئۆزىنىڭ تايىقىنى مەندىن يىراق قىلسۇن، ئۇنىڭ ۋەھىمىسى مېنى قورقاتمىسۇن؛ ◘ 9:34 ئايۇپ 13‏:20؛ 33‏:7

35شۇندىلا مەن ئۇنىڭدىن قورقماي سۆزلىيەلەيتتىم؛ بىراق ئەھۋالىم ئۇنداق ئەمەستۇر!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
v>