ئىبرانىيلارغا 1:1-13 UIGB2010 - Bible AI

1خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، ◼ 1:1 +bd «تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە»+bd* ــ ياكى «نۇرغۇن قېتىم» ياكى «نۇرغۇن ئىپادىلەر بىلەن».*

2مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. ◼ 1:2 +bd «مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا»+bd* ــ «ئاخىرقى كۈنلەر» ئىنجىل بويىچە «ئاخىرقى زامانلار»، ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن باشلانغان. مۇشۇ يەردە بۇ ئىبارە «مۇشۇ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا» (يەنى، پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا سۆز يەتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا) دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «ئوغلى ئارقىلىق»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئوغۇل ئارقىلىق». +bd «ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «ئوغلى» دېگەن گرېك ئىلىدا پەقەت «ئوغۇل» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 1:2 يار. 1‏:3؛ زەب. 33‏:6؛ مات. 21‏:38؛ يـۇھ. 1‏:3؛ ئ‍ەف. 3‏:9؛ كول. 1‏:16. *

3ئۇ خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن پارلىغان نۇر، ئۇنىڭ ئەينىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك سۆز-كالامى بىلەن پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۇداتنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ گۇناھلارنى تازىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى شانۇ-شەۋكەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. ◼ 1:3 +bd «ئۇ ۇناھلارنى تاشىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن..»+bd* ــ كۆپ كونا كۆچۈرۈلمىلەردە «ئۇ يالغۇز ئۆزى گۇناھلارنى تاشىلاش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن..» دېيىلىدۇ.* ◘ 1:3 2كور. 4‏:4؛ فىل. 2‏:6؛ كول. 1‏:15. *

4شۇنىڭدەك، ئۇ پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى. ◼ 1:4 +bd «ئۇ (ئوغۇل) پەرىشتىلەردىن كۆپ ئۈستۈن نام-مەرتىۋىگە مىراس بولۇپ، ئۇلاردىن شۇنچە يۈكسەك تۇردى»+bd* ــ تۆۋەندىكى 5-ئايەتتە ئۇ ئالغان نام-مەرتىۋىنىڭ «ئوغۇل» ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ.*

5چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا* پەرىشتىلەرنىڭ قايسىسىغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»، ۋە يەنە: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ» دېگەنىدى؟ ◼ 1:5 +bd «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم»... «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ»+bd* ــ بىرىنچى بېشارەت ئەيسانىڭ مەرىيەمدىن ئاتىسىز تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، «زەب.» 7:2دىن ئېلىنغان؛ ئىككىنچى بېشارەت «2سام.» 14:7، «1تار.» 13:17دىن ئېلىنغان.* ◘ 1:5 2سام. 7‏:14؛ 1تار. 17‏:13؛ 22‏:10؛ زەب. 2‏:7؛ روس. 13‏:33؛ ئىبر. 5‏:5. *

6ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن. ◼ 1:6 +bd «ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە...»+bd* ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «تۇنجى» ئادەتتە «تۇنجى تۇغۇلغان بالا»نى كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «زەب.» 27:89دە ۋە «كول.» 16:1-17ئايەتتە كۆرۈلىدۇ؛ دېمەك، مەسىھ: (1) پۈتۈن ئالەم ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ (2) ئالەمدىن بۇرۇن بولغان؛ (3) بەلكىم ئالەمگە ئوخشاش «يارىتىلغان» ئەمەس، بەلكى ئەسلى خۇدا ئاتىسى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، «خۇدانىڭ تۇنجىسى» دېگەن سۆز مەسىھتىن كېيىن (ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق) خۇدانىڭ كۆپ باشقا ئوغۇل پەرزەنتلىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (10:2نى كۆرۈڭ). +bd «يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەر يۈزىگە ئېلىپ باشلىغاندا...». +bd «بارلىق پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن»+bd* ــ «قان.» 43:32 ۋە «زەب.» 7:97نى كۆرۈڭ. «لۇقا» 13:2-14 ۋە «زەب.» 7:132-9نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 1:6 زەب. 97‏:7؛ قان. 32‏:43؛ لۇقا 2‏:8-14*

7ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ

8لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ

9سەن ھەققانىيەتنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛

10خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: ــ

11ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ،

12سەن ئۇلارنى تون كەبى يۆگەپ قويىسەن،

13يەنە، ئۇ قايسىبىر پەرىشتىگە: ــ

cle>