ئىبرانىيلارغا 10:1-38 UIGB2010 - Bible AI

1تەۋرات قانۇنى كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بەرگەچكە، ئۇ تەلەپ قىلىنغان، يىلمۇيىل سۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوخشاش قۇربانلىقلار ئارقىلىق خۇداغا* يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل قىلالمايدۇ. ◘ 10:1 كول. 2‏:17؛ ئىبر. 8‏:5. *

2بولمىسا، مۇشۇ قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچىلار پاك قىلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى.

3ھالبۇكى، مۇشۇ قۇربانلىقلار يىلمۇيىل ئۆز گۇناھلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

4چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ. ◘ 10:4 لاۋ. 16‏:14؛ چۆل. 19‏:4؛ ئىبر. 9‏:13. *

5شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ

6نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، نە گۇناھ قۇربانلىقىدىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ؛

7شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!

8ئۇ يۇقىرىدا: «نە قۇربانلىق، نە ئاشلىق ھەدىيەلىرى، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار نە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، سەن ئۇلاردىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ» (بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى) دېگىنىدىن كېيىن

9يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، خۇدا* كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ◼ 10:9 +bd «دېمەك، خۇدا كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ»+bd* ــ «ئالدىنقىسى» بەلكىم (1) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كونا ئەھدىگە مۇناسىۋەتلىك قۇربانلىقلارنى ياكى (2) كونا ئەھدىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ؛ «كېيىنكىسى» (ياكى «ئىككىنچىسى») بولسا (3) ئەيسا مەسىھنىڭ بىردىنبىر قۇربانلىقى ياكى (4) 9-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە (1) ۋە (4) ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە مۇۋاپىقتۇر. يېڭى ئەھدىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسى «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش»دىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىرادە مەسىھنىڭ بىزنى گۇناھتىن قۇتقۇزىدىغان قۇربانلىق ئۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.

10خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا* ئاتالدۇق. ◼ 10:10 +bd «ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق»+bd* ــ «گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: «مۇقەددەسلەشتۈرۈلدۇق» ياكى «پاك-مۇقەددەس قىلىندۇق». ئىنجىل بويىچە «مۇقەددەس» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەزمۇنى بار: (1) گۇناھتىن پاكلانغان؛ (2) خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان.* ◘ 10:10 ئىبر. 9‏:12. *

11ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا* قايتا-قايتا سۇنىدۇ.

12بىراق، بۇ كاھىن* بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛ ◼ 10:12 +bd «بىراق، بۇ كاھىن بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولىدۇكى، كونا ئەھدە دەۋرىدە كاھىنلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئايىغى يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن دائىم «+bd تۇراتتى+bd*» (ئۆرە تۇراتتى، ئىبادەت چېدىرىدا ئورۇندۇق يوق ئىدى). لېكىن ئەيسا بىز ئۈچۈن ئۆزىنى بىرلا قۇربانلىق سۇنغاندىن كېيىن «+bd ئولتۇردى+bd*».* ◘ 10:12 زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:13. *

13ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ. ◼ 10:13 +bd «ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ»+bd* ــ 13:2 ۋە «زەب.» 110نى كۆرۈڭ.*

14ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى.

15مۇقەددەس يازمىلاردا* پۈتۈلگەندەك*، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ

16«ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛

17«ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ دېگەن. ◼ 10:17 +bd «...ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن»+bd* ــ (16-17-ئايەت) «يەر.» 31:31-34.* ◘ 10:17 يەر. 31‏:33،34. *

18ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.

19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، ◘ 10:19 يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 2‏:13؛ 3‏:12. *

20(ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن)

21شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، ◼ 10:21 +bd «شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، ...»+bd* ــ «خۇدانىڭ ئائىلىسى» ئېتىقادچى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ.*

22دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى! ◼ 10:22 +bd «دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر يېڭى ئەھدە ئاستىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن كونا ئەھدە ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ ــ كونا ئەھدە ئاستىدىكىلەر كاھىن تەرىپىدىن قۇربانلىق قانلىرى سېپىلىشى ئارقىلىق «گۇناھلىرى يېپىلغان» ياكى «كەفارەت قىلىنغان». ئەمدى يېڭى ئەھدە ئاستىدىكىلەرنىڭ دىللىرى ئەيسانىڭ قۇربانلىق قېنى سېپىلىش بىلەن، ۋىجدانىدا ھېچقانداق بۇلغىنىشلار قالمايدۇ. +bd «بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!»+bd* ــ مۇشۇ ئىبارىلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 10:22 ئ‍ەز. 36‏:25. *

23ئەمدى ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى (چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى بولسا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر)

24ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى.

25بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى. ◼ 10:25 +bd «بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى»+bd* ــ «شۇ كۈن» مەسىھنىڭ بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىنجىلنى يازغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر كۈن، يەنى «شۇ كۈن»لا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

26ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، ◘ 10:26 چۆل. 15‏:30؛ مات. 12‏:31؛ ئىبر. 6‏:4؛ 2پېت. 2‏:20؛ 1يۇھ. 5‏:16. *

27بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. ◼ 10:27 +bd «بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس»+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 10:27 قان. 43:32؛ يەش. 11:26*

28ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. ◘ 10:28 چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ مات. 18‏:16؛ 2كور. 13‏:1. *

29ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟

30چۈنكى تەۋراتتا* «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز. ◼ 10:30 +bd «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ... «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ»»+bd* ــ بۇ سۆزلەر «قان.» 35:32 ۋە 36دىن ئېلىنغان.* ◘ 10:30 قان. 32‏:35، 36، 41؛ رىم. 12‏:19*

31مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە!

32ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ◼ 10:32 +bd «ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار»+bd* ــ مۇشۇ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ئېتىقادتا چىڭ تۈرغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئەلۋەتتە.*

33بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار.

34چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار. ◼ 10:34 +bd «چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار»+bd* ــ بۇ مەھبۇسلار ئېتىقاد ئۈچۈن زىنداندا ياتقان. +bd «ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ،... خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار»+bd* ــ «مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندا» ــ مۇشۇ ئىشنىڭ تارىخىي تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 10:34 مات. 5‏:12؛ روس. 21‏:33. *

35شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ.

36چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. ◘ 10:36 لۇقا 21‏:19. *

37چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا* خۇدا* مۇنداق دېگەن: ــ

38بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛

icle>