ئىبرانىيلارغا 2:1-17 UIGB2010 - Bible AI

1بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن ھەقىقىي يولدىن* تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم.

2چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە، ◼ 2:2 +bd «پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالام»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:2 يار. 19‏:17،26؛ قان. 27‏:26؛ روس. 7‏:53؛ گال. 3‏:19. *

3شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ جازادىن* قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛ ◘ 2:3 مات. 4‏:17؛ مار. 1‏:14؛ ئىبر. 12‏:25. *

4ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ◘ 2:4 مار. 16‏:20؛ روس. 14‏:3؛ 19‏:11. *

5بىز دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق؛

6بەلكى بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ* بىر يېرىدە بىرەيلەن مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەندۇر: ــ

7چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن،

8سەن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن».

9لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى. ◼ 2:9 +bd «ھەممەيلەن ئۈچۈن»+bd* ــ ياكى «بارلىق شەيئىلەر ئۈچۈن».* ◘ 2:9 زەب. 8‏:5؛ روس. 2‏:33؛ فىل. 2‏:7، 8. *

10چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى. ◼ 2:10 +bd «خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا...»+bd* ــ ئىنجىلدا «خۇدانىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى» دائىم ئەر ھەم قىز-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. +bd «چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى»+bd* ــ بۇ مۇھىم ۋە سىرلىق ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز.*

11چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ◼ 2:11 +bd «چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «پاك قىلغۇچى» ئەيسا مەسىھنى، «پاك قىلىنغانلار» ئۇ قۇتقۇزغانلارنى، «بىرسىدىن كەلگەن» خۇدائاتىدىن كەلگەننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەيسا مەسىھ ئۆزى قۇتقۇزغانلارنى «قېرىنداشلىرىم» دەپ ئاتايدۇ.* ◘ 2:11 روس. 17‏:26. *

12خۇددى ئۇ خۇداغا (مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك)*:

13ئۇ يەنە: «مەن ساڭا تايىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن. ◼ 2:13 +bd «مەن ساڭا تايىنىمەن» ... «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە»+bd* ــ تەۋرات، «يەش.» 17:8-18. «ئۇ» ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىشتىن ئالدىنئالا بېشارەت بەرگەن.* ◘ 2:13 يەش. 8‏:17،18. *

14پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە* ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، ◼ 2:14 +bd «... ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ...»+bd* ــ «ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىس» ــ گەرچە شەيتان ئىنسانلارنى بىۋاسىتە ھالاك قىلالمىسىمۇ، بىراق ئىنسانلارنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئازدۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھ، گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى بولسا مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدۇر.* ◘ 2:14 يەش. 25‏:8؛ ھوش. 13‏:14؛ يـۇھ. 1‏:14؛ 1كور. 15‏:54؛ فىل. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:10. *

15ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. ◘ 2:15 رىم. 8‏:15. *

16چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ؛ ◼ 2:16 +bd «چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ»+bd* ــ تەۋرات «يەش.» 7:41-9نى كۆرۈڭ. «ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز (1) مەسىھنىڭ (ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئېتىقاد قىلغان) ئىنسانلارنى ياردەم قولى بىلەن تۇتۇپ قۇتقۇزىدىغانلىقى؛ (2) بۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەسىھنىڭ ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۆزىمۇ «ئەت ۋە قاندىن بولغان بىر تەن»دە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.*

17شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ئائىت ئىشلاردا رەھىمدىل ۋە سادىق باش كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قۇربانلىقىنى بېرەلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ◘ 2:17 فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 4‏:15. *

cle>