1شۇنداق ئىكەن، ئەي مۇقەددەس قېرىنداشلار، ئەرشتىن بولغان چاقىرىققا ئورتاق نېسىپ بولغانلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان روسۇل ۋە باش كاھىن، يەنى ئەيساغا كۆڭۈل قويۇپ قاراڭلار. ◘ 3:1 ئىبر. 4:14؛ 6:20؛ 8:1؛ 9:11. *
2خۇددى مۇسا پەيغەمبەر* خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئۇمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغۇچىغا سادىق بولدى. ◼ 3:2 +bd «مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك...»+bd* ــ «خۇدانىڭ... ئائىلىسى» سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى «خۇدانىڭ ... ئۆيى» بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدا بۇ سۆز ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى كۆزدە تۇتۇلغانىدى. ئەيسا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائىتى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولغان.* ◘ 3:2 چۆل. 12:7. *
3لېكىن ئۆينى بەرپا قىلغۇچى ئۆزى بەرپا قىلغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق شۆھرەتكە سازاۋەر بولغىنىدەك، ئۇمۇ مۇسادىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر.
4چۈنكى ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر؛ لېكىن پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر. ◘ 3:4 2كور. 5:17،18؛ ئەف. 2:10. *
5مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان. ◼ 3:5 +bd «مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ (خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە بولغان) خىزمىتى كۆپ جەھەتلەردە مەسىھ ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنى ئالدىنئالا كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «چۆل.» 7:12نى كۆرۈڭ.* ◘ 3:5 قان. 18:15،18. *
6لېكىن مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئائىلىسىگە ئوغۇل سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز جاسارىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدىن بولغان ئىپتىخارلىقنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساق، دەرۋەقە خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز. ◘ 3:6 رىم. 5:2؛ 1كور. 3:16؛ 6:19؛ 2كور. 6:16؛ 1پېت. 2:5. *
7شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا* مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك،
8ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرۈپ، چۆل-باياۋاندا ئۇنى سىنىغان كۈنىدىكىدەك،
9مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قىرىق يىل كۆرۈپ كەلگەنىدى.
10مەن شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ
11شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ
12ئەمدى قېرىنداشلار، ھېچقايسىڭلاردا يامان نىيەتلىك ۋە ئېتىقادسىز قەلب بولمىسۇن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛
13پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار. ◼ 3:13 +bd «پەقەت «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، ھېچقايسىڭلار گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن كۆڭلۈڭلارنىڭ قاتتىقلاشماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارنى جېكىلەڭلار»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈگۈن» يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن «زەبۇر» 95-كۈيدىكى سۆز، ئەلۋەتتە.*
14دەسلەپتىكى خاتىرجەملىكىمىزنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساقلا، دەرۋەقە مەسىھ بىلەن شېرىك بولغان بولىمىز.
15يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك: ــ
16(ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرگەنلەر كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن قۇتۇلۇپ* چىققان ئاشۇ ئىسرائىللارنىڭ* ھەممىسى ئەمەسمۇ؟
17ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟ ◼ 3:17 +bd «ئۇ قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، يىقىلىپ جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ «چۆل.» 29:14، 32نى كۆرۈڭ.* ◘ 3:17 چۆل. 14:36؛ زەب. 106:26؛ 1كور. 10:10؛ يەھ. 5. *
18شۇنداقلا ئۇ كىملەرگە ئۆز ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيسىلەر دەپ قەسەم قىلدى؟ ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟ ◘ 3:18 قان. 1:34. *