ئىبرانىيلارغا 4:1-15 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى ئۇنىڭ ئاراملىقىغا كىرىپ بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى بىزگە* قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇنچتا ئېھتىيات قىلايلى.

2چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا* ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، سۆز-كالامنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. ◼ 4:2 +bd «چۈنكى خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى»+bd* ــ «چۆلدىكى ئىسرائىللارغا» گرېك تىلىدا «ئۇلارغا» دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «خۇش خەۋەر» خۇدانىڭ ئاراملىقىنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتىدۇ.*

3چۈنكى بۇ ئاراملىققا كىرگەنلەر بولسا ــ ئېتىقاد قىلغان بىزلەرمىز. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك:

4چۈنكى يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى». ◼ 4:4 +bd «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا ھەممە ئەمەللىرىدىن ئارام ئالدى»+bd* ــ «يار.» 2:2.* ◘ 4:4 يار. 2‏:2؛ مىس. 20‏:11؛ 31‏:17. *

5يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى. ◼ 4:5 +bd «يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار مېنىڭ ئاراملىقىمغا قەتئىي كىرمەيدۇ» دېگەنىدى»+bd* ــ مۇئەللىپ، گەرچە چۆلدە كەزگەن ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن «خۇدانىڭ ئاراملىقى»غا كىرمىگەن بولسىمۇ، كىرىش يولى تېخىچە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 4:5 زەب. 95‏:11*

6بۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىككى، خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرەلەيدىغانلار بار، ئەمما ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كىرەلمىدى. ◼ 4:6 +bd «ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار»+bd* ــ دېمەك، خۇدانىڭ ئاراملىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر ئاڭلىغانلار؛ چۆل-باياۋاندا كېزىپ يۈرگەن ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.*

7شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ ئاراملىق توغرىسىدا* ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، داۋۇت پەيغەمبەر* ئارقىلىق يەنە شۇنداق ئېيتقان: ــ

8ئەگەر يەشۇئا پەيغەمبەر* ئىسرائىللارنى* ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر ئاراملىق* كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى. ◼ 4:8 +bd «ئەگەر يەشۇئا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى ئاراملىققا كىرگۈزگەن بولسا ئىدى، خۇدا كېيىن يەنە بىر ئاراملىق كۈنى توغرۇلۇق دېمىگەن بولاتتى»+bd* ــ يەشۇئا پەيغەمبەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىزباسارى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى خۇدا ۋەدە بەرگەن زېمىنغا باشلاپ بارغان. «قان.» 20:3، 19:25، «يەشۇئا» 15:1نىمۇ كۆرۈڭ.*

9قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە. ◼ 4:9 +bd «قىسقىسى، شابات كۈنىدىكى بىر ئاراملىق خۇدانىڭ خەلقىنى كۈتمەكتە»+bd* ــ «شابات كۈنى» يەتتىنچى كۈنى، يەنى خۇدا ئارام ئالغان كۈنى ۋە ئۆز يەھۇدىي خەلقىگە بېكىتكەن «دەم ئېلىش كۈنى» ئىدى.*

10چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. ◼ 4:10 +bd «چۈنكى خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا «ئۆز ئەمەل-ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان»دەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ»+bd* ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت ئۈستىدە ھەم «خۇدانىڭ ئاراملىقى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.*

11شۇڭا ھېچقايسىمىزنىڭ ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك* ئىتائەتسىزلىك قىلغان ھالىتىدە يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىققا كىرىشكە ئىنتىلەيلى.

12چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. ◘ 4:12 توپ. 12‏:11؛ يەش. 49‏:2؛ ئ‍ەف. 6‏:17. *

13ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر. ◘ 4:13 زەب. 33‏:13-15*

14شۇنداق بولغانىكەن، شۇنداقلا ئەرش-ئاسمانلاردىن ئۆتۈپ چىققان ئۇلۇغ باش كاھىنىمىز، يەنى خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا بولغانىكەن، بىز ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. ◘ 4:14 ئىبر. 3‏:1؛ 6‏:20؛ 8‏:1؛ 9‏:11. *

15چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر. ◘ 4:15 يەش. 53‏:9؛ 2كور. 5‏:21؛ فىل. 2‏:7؛ ئىبر. 2‏:18؛ 1پېت. 2‏:22؛ 1يۇھ. 3‏:5. *

cle>