1ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ.
2ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ.
3شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. ◘ 5:3 لاۋ. 9:7؛ 16:6؛ ئىبر. 7:26. *
4ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ. ◼ 5:4 +bd «ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ»+bd* ــ «مىس.» 1:28دە خاتىرىلەنگەندەك، خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئاكىسى ھارۇننى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى باش كاھىنى قىلىپ تەيىنلەش ھەققىدە ئەمر بەرگەن. ھارۇن لاۋىي قەبىلىسىدىن ئىدى.* ◘ 5:4 مىس. 28:1؛ 1تار. 23:13؛ 2تار. 26:16. *
5خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا* ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ
6ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنىڭ* يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ
7مەسىھ* يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. ◼ 5:7 +bd «مەسىھ يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەسىھ ئەتتە تۇرغان كۈنلەردە...» بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.* ◘ 5:7 مات. 26:39؛ 27:46،50؛ يـۇھ. 17:1. *
8گەرچە ئۇ خۇدانىڭ* ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. ◘ 5:8 فىل. 2:6. *
9ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، ◼ 5:9 +bd «مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ،...»+bd* ــ «بارلىققا كەلتۈرگۈچى» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «يول باشلىغۇچى» ھەم «ئۇل سالغۇچى» دېگەن يەنە ئىككى مەنىنىمۇ تەڭ بىلدۈرىدۇ.*
10خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى. ◼ 5:10 +bd «ئۇ (مەسىھ)... خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى»+bd* ــ 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ.*
11بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. ◼ 5:11 +bd «بۇ ئىش توغرۇلۇق...»+bd* ــ ياكى «ئۇ توغرۇلۇق...» (يەنى، مەسىھ ھەقتە...).*
12چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. ◘ 5:12 1كور. 3:1، 2، 3. *
13چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس.