ئىبرانىيلارغا 8:1-12 UIGB2010 - Bible AI

1ئېيتقانلىرىمىزنىڭ باش نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان شۇنداق بىر باش كاھىنىمىز بار. ◘ 8:1 ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 3‏:1؛ 4‏:14؛ 6‏:20؛ 9‏:11؛ 12‏:2. *

2ئۇ مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر. ◼ 8:2 +bd «ئۇ (مەسىھ) مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر»+bd* ــ «مۇقەددەس جايلار» بولسا «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېمەكچى.*

3ھەربىر باش كاھىن ھەدىيە ھەم قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ* بىرەر سۇنىدىغىنى بولۇش كېرەك ئىدى. ◼ 8:3 +bd «بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭمۇ...».* ◘ 8:3 ئ‍ەف. 5‏:2. *

4دەرۋەقە ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز كاھىن بولمايتتى؛ چۈنكى بۇ يەردە تەۋرات قانۇن-تۈزۈمى بويىچە ھەدىيە سۇنىدىغان كاھىنلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر

5(بۇ كاھىنلار* خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى* پەقەتلا ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. مۇسا دەل بۇ ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇشقا باشلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيسى ئۇنىڭغا كېلىپ: «ئېھتىيات قىلغىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسىغىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان). ◘ 8:5 مىس. 25‏:40؛ روس. 7‏:44؛ كول. 2‏:17؛ ئىبر. 10‏:1. *

6لېكىن ھازىر ئۇ (كونا ئەھدىگە ئائىت* ۋەدىلەردىن ئەۋزەل ۋەدىلەر ئۈستىگە بېكىتىلگەچ) تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ. ◼ 8:6 +bd «لېكىن ھازىر ئۇ ... تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ»+bd* ــ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن ئەھدە «يېڭى ئەھدە»، 8-12-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.* ◘ 8:6 2كور. 3‏:6. *

7ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. ◼ 8:7 +bd «ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى»+bd* ــ نېمىشقا روسۇل مۇشۇ يەردە: «كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشكە ھاجىتى بولمىغان بولاتتى» دەيدۇ، پەقەتلا «كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى» دېمەيدۇ؟ بەلكىم ئۇ «يېڭى ئەھدە» بېشارەت قىلغان پەيغەمبەرلەر (يەرەمىيا، ئەزاكىيال، يەشايا قاتارلىقلار)نى كۆزدە تۇتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزى «يېڭى قەلب، يېڭى روھ»قا ئىگە بولۇشقا تەشنا بولۇپ ئىزدىگەن، «يېڭى ئەھدە» دەل مۇشۇلارغا ئايان قىلىنغان.*

8لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، ئىسرائىللارغا* مۇنداق دېگەن: ــ

9بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمدە تۇرمىدى، مەن ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

10چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ

11شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يۇرتدىشىغا، ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە مېنى بىلىپ بولغان بولىدۇ؛ ◘ 8:11 يـۇھ. 6‏:45،65؛ 1يۇھ. 2‏:27. *

12چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن». ◘ 8:12 يەر. 31‏:31-34. *

cle>