1روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ۋە مانا، دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا يىگىرمە بەش ئادەم تۇراتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاۋامنىڭ ئاقساقىلى بولغان، ئاززۇرنىڭ ئوغلى جائازانىيا ھەم بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيانى كۆردۈم.
2ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قەبىھلىكنى ئويلاپ چىققۇچى، مۇشۇ شەھەردە رەزىل مەسلىھەت بەرگۈچى ئادەملەر دەل بۇلاردۇر.
3ئۇلار: «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش» ــ دەيدۇ. ◼ 11:3 +bd «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش»+bd* ــ بېشارەت بېرىلگەن چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى مۇھاسىرىگە چۈشكەن بولسا كېرەك. بۇ ئادەملەر «بىزگە چاتاق بولمايدۇ، بىز يەنە نورمال تۇرمۇش ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدۇق» دېگەن قاراشتا بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدىن «شەھەر قازان، بىز گۆش» دېگىنى، بەلكىم «ئوت قازاندىكى گۆشنى كۆيدۈرمەيدۇ، ئەھۋالىمىز ئىنتايىن راھەت-پاراغەتلىكتۇر» دېگەنلىكتۇر. ئەزاكىيال پەيغەمبەر بۇ ئىبارىنى باشقا تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ بېشارەت قىلىدۇ. «بىز گۆش» دېگەن سۆزنىڭ بەلكىم يەنە بىر ئىچكى مەنىسى باركى، «بىز شەھەردە قالغان، ئېسىل گۆشمىز (خۇدا بىزنى ساقلىغان)، بىراق ئەزاكىيال بىلەن بىللە سۈرگۈن بولغانلار بولسا، پەقەت «ئۈچەي-قارىن»لاردۇر» دېگەن ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ.
4شۇڭا ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگىن؛ ــ بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى! ــ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا ئۇرۇلۇپ چۈشۈپ، ماڭا سۆز قىلغان: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» ــ دېگىن. «سىلەرنىڭ شۇنداق دېگىنىڭلارنى، ئى ئىسرائىل جەمەتى؛ كۆڭلۈڭلەرگە پۈككەن ئوي-پىكرىڭلارنى، مەن بىلىمەن.
6سىلەر مۇشۇ شەھەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ سىلەر رەستە-كوچىلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرغانسىلەر».
7شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆلتۈرگەن كىشىلەر بولسا، دەل شۇ گۆشتۇر، شەھەر بولسا قازاندۇر؛ بىراق سىلەرنى بولسا ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.
8سىلەر قىلىچتىن قورقۇپ كەلگەنسىلەر، ۋە مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچ چۈشۈرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
9«شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى شەھەردىن تارتىۋېلىپ، يات ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
10سىلەر قىلىچلىنىپ يىقىلىسىلەر؛ ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. ◼ 11:10 +bd «...ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن»+bd* ــ بابىل ئىمپېراتورى نېبوقادنەسار زەدەكىيانى ئىسرائىلنىڭ چېگراسىدا (لىبناھ شەھىرىدە) سوت قىلدى («2پاد.» 6:25-7، 18-21 ئايەتلەرنى كۆرۈڭ).*
11بۇ شەھەر سىلەر ئۈچۈن «قازان» بولمايدۇ، ھەم سىلەرمۇ ئۇنىڭكى «گۆش»ى بولمايسىلەر؛ مەن ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
12ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرمىگەن، ھۆكۈملىرىم بويىچە ماڭمىغانسىلەر، بەلكى ئۆپچۆرەڭلاردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرى بويىچە ماڭغانسىلەر».
13شۇنداق بولدىكى، مەن بېشارەت بېرىۋاتقىنىمدا، بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيا جان ئۈزدى. مەن دۈم يىقىلدىم: «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچىمۇسەن؟» ــ دەپ قاتتىق ئاۋازدا نىدا قىلدىم.
14پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
15ئى ئىنسان ئوغلى، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ: «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن گېپى، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ، يەنى سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان سۈرگۈنلەرگە ھەم ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان. ◼ 11:15 +bd «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ: «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن...+bd* ــ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ: «سۈرگۈن قىلىنغانلار (يەنى يەھۇدادىن خېلى بۇرۇن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان كىشىلەر ھەمدە 150 يىل ئىلگىرى سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىلدىكى ئون قەبىلە) ناھايىتى گۇناھكار ئادەملەردۇر، شۇڭا خۇدا ئۇلارنى سۈرگۈن قىلدۇردى، بىز بولساق پاك ئادەممىز، خۇدا مۇشۇ زېمىننى بىزگە قالدۇردى» دېگەن قارىشى بار ئىدى. بۇنداق تەكەببۇرلۇقنى خۇدا جازالايدۇ.
16شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: گەرچە مەن ئۇلارنى يىراق يەرلەرگە، ئەللەر ئارىسىغا يۆتكىۋەتكەن ھەم مەملىكەتلەر ئىچىگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار بارغان يەرلەردىمۇ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا كىچىككىنە بىر پاك-مۇقەددەس باشپاناھ بولىمەن». ◼ 11:16 +bd «پاك-مۇقەددەس باشپاناھ»+bd* ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇقەددەس جاي» ياكى «ئىبادەتخانا» دېگەن سۆز. مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ بىر يەردە قۇرۇلۇشى خۇدانىڭ شۇ يەردە قوغدىغۇچى ۋە باشپاناھ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئۇلار (بۇتپەرەس) ئەللەر ئارىسىدا بولسىمۇ، خۇدا (ئۇلار ئۇنى ئىزدىگەن بولسا) ئۇلارغا جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتە باشپاناھ بولۇپ، ئۇلارنى تىنچ ساقلايدۇ ۋە ئۇلارغا دۇرۇس يوللاردا مېڭىشقا يەنە ياردەمچى بولىدۇ.
17شۇڭا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ئەللەردىن يىغىمەن، تارقىتىۋېتىلگەن مەملىكەتلەردىن سىلەرنى جەم قىلىمەن، ئاندىن ئىسرائىل زېمىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ تەقدىم قىلىمەن.
18شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار بارلىق لەنەتلىك نەرسىلەرنى ھەم بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۇ يەردىن يوق قىلىدۇ.
19مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن. ◼ 11:19 +bd «ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز: «ئۇلارغا گۆشلۈك بىر قەلبنى بېرىمەن» دېگەنلىكتۇر.* ◘ 11:19 يەر. 32:39؛ ئەز. 36:26*
20شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرىدۇ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ◘ 11:20 يەر. 24:7؛ 30:22؛ 31:1؛ 32:38*
21بىراق كۆڭۈللىرى لەنەتلىك نەرسىلەرگە ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىغا بېغىشلانغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». ◘ 11:21 ئەز. 9:10*
22كېرۇبلار قاناتلىرىنى يايدى، ئۇلارنىڭ چاقلىرى ئۆز يېنىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلار ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى؛
23ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى. ◼ 11:23 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ... شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى»+bd* ــ بۇ تاغ «زەيتۇن تېغى»دۇر. ئەزاكىيال پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى شۇ ۋاقىتتا يەنە كۆرمىدى. ئەزاكىيالنىڭ ھەممە بېشارەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، خۇدانىڭ شان-شەرىپى شۇ چاغدا تاغدا ئۇزۇن تۇرماي ئىسرائىل زېمىنىدىنمۇ مۇتلەق كەتتى. بىراق كېيىن (43-بابتا) ئۇ مۇشۇ شان-شەرەپ يەنە شەرق تەرىپىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.*
24شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ روھى بەرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى؛ شۇئان مەن كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندىن كەتتى. ◼ 11:24 +bd «روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ... مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى»+bd* ــ «كالدىيە» بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى.*