ئەزاكىيال 12:1-27 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

2ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئاسىي بىر جەمەت ئارىسىدا تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە كۆزى بار ئەمما كۆرمەيدۇ، ئاڭلاشقا قۇلىقى بار، ئەمما ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. ◘ 12:2 يەش. 6‏:9؛ يەر. 5‏:21؛ ئ‍ەز. 2‏:3-8؛ 3‏:26 ،27*

3ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، سۈرگۈن بولغۇچىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەييارلاپ قويغىن؛ ۋە كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولغۇچىدەك ئۆز جايىڭدىن باشقا جايغا بارغىن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بىر جەمەت بولسىمۇ، ئېھتىماللىقى يوق ئەمەسكى، ئۇلار چۈشىنىپ يېتىدۇ.

4كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولۇشقا تەييارلىغان يۈك-تاقلاردەك يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىق؛ ئاندىن كەچ كىرەي دېگەندە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولىدىغان كىشىلەردەك جايىڭدىن چىقىپ كەتكىن؛ ◼ 12:4 +bd «كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولۇشقا تەييارلىغان يۈك-تاقلاردەك يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىق؛ ئاندىن كەچ كىرەي دېگەندە ... جايىڭدىن چىقىپ كەتكىن؛...»+bd* ــ 4-6-ئايەتلەردىكى بۇيرۇق بەلكىم 3-ئايەتتىكى بۇيرۇقنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرىدۇ.*

5تامنى كولاپ تېشىپ، يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىققىن؛ ◼ 12:5 +bd «تامنى كولاپ تېشىپ، ... چىققىن»+bd* ــ «تام» بەلكىم ھويلىنىڭ تېمى.*

6ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇنى مۈرۈڭگە ئېلىپ، گۇگۇمدا كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكىن؛ يەرنى كۆرەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى ياپقىن؛ چۈنكى مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت قىلدىم. ◼ 12:6 +bd «...يەرنى كۆرەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى ياپقىن؛ چۈنكى مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت قىلدىم»+bd* ــ بۇ بېشارەت كېيىنكى ئايەتلەردە (11-14) چۈشەندۈرۈلىدۇ.*

7ۋە مەن بۇيرۇلغان بويىچە شۇنداق قىلدىم؛ كۈندۈزدە مەن سۈرگۈن بولغۇچى كىشىدەك يۈك-تاقلىرىمنى ئېلىپ چىقتىم؛ ۋە كەچ كىرگەندە قولۇم بىلەن تامنى كولاپ تېشىپ، يۈل-تاقلىرىمنى چىقىرىپ، گۈگۈمدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۈرەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭدىم.

8ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

9«ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى، يەنى ئاسىي بىر جەمەت، سەندىن: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ» دەپ سورىغان ئەمەسمۇ؟

10ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: بۇ يۈكلەنگەن ۋەھىي يېرۇسالېمدىكى شاھزادە ھەم شۇ يەردىكى بارلىق ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر توغرۇلۇقتۇر» ــ دېگىن. ◼ 12:10 +bd «يېرۇسالېمدىكى شاھزادە»+bd* ــ زەدەكىيا پادىشاھتۇر. بىراق ئەزاكىيال پەيغەمبەر بەلكىم ئۇنى ئەرزىمەس دەپ قارىغاچقا، ئۇنى ھەرگىز «پادىشاھ» دېمەيدۇ.*

11ئۇلارغا: «مەن سىلەر ئۈچۈن بېشارەت. مەن قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى ئۇلارغىمۇ شۇنداق ئىشلار قىلدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولىدۇ» ــ دېگىن.

12ئۇلار ئارىسىدىكى شاھزادە ئۆز يۈك-تاقلىرىنى گۇگۇمدە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئۇلار تامنى كولاپ تېشىپ تۆشۈكتىن نەرسىلىرىنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆز يۈزىنى يېپىپ زېمىننى كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. ◘ 12:12 2پاد. 25‏:4*

13شۇنىڭ بىلەن ئۆز تورۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يايىمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى بولغان بابىلغا ئاپىرىمەن، بىراق ئۇ ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەيدۇ؛ ئۇ شۇ يەردە ئۆلىدۇ. ◼ 12:13 +bd «...ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى بولغان بابىلغا ئاپىرىمەن، بىراق ئۇ ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەيدۇ؛ ئۇ شۇ يەردە ئۆلىدۇ»+bd* ــ بۇ بېشارەت تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. زەدەكىيا پادىشاھ بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان مۇھاسىرىسى ئاستىدا بۆسۈلگەن سېپىلدىن ئۆتۈپ قاچماقچى ئىدى. بابىل ئەسكەرلىرى ئۇنى تۇتۇۋېلىپ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى، نېبوقادنەسار ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى. ئۇ بابىلدا ئۆلدى («يەر.» 11:52نى، «2پاد.» 1:25-7نى كۆرۈڭ). مۇشۇ تېكىستلەردە دېيىلگەن «ئىشىك» بەلكىم توسۇلغان ياكى بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قېچىش ئۈچۈن «تامنى كولاش» كېرەك ئىدى.* ◘ 12:13 ئ‍ەز. 17‏:20*

14ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئۆپچۆرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەم بارلىق قوشۇنلىرىنى مەن بارلىق شامالغا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. ◘ 12:14 ئ‍ەز. 5‏:10،12*

15مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكىنىمدە، مەملىكەتلەر ئىچىگە تاراتقىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.

16بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىنى، قىلىچ، ئاچارچىلىق ھەم ۋابا كېسىلىدىن خالاس قىلىمەن؛ مەقسىتىم شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرى بارىدىغان ئەللەردە ئۆزلىرىگە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». ◼ 12:16 +bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «ئۇلار» بەلكىم يات ئەللەر؛ ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىنى باسقان بالايىئاپەتلەرنى ئىسرائىللاردىن ئاڭلاپ، بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى دەپ چۈشىنىدۇ.*

17پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

18ئىنسان ئوغلى، ئۆز نېنىڭنى تىترىگەن ھالدا يېگىن، سۈيۈڭنى دىر-دىر قىلىپ ئەنسىرىگەن ھالدا ئىچكىن؛

19ھەم شۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆز نېنىنى ئەنسىرەش ئىچىدە يەيدۇ، سۈيىنى دەككە-دۈككىدە ئىچىدۇ؛ چۈنكى زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ جەبىر-زۇلۇمى تۈپەيلىدىن، ئۇ يەر ھەممىسى يەكسان قىلىنىدۇ. ◘ 12:19 ئ‍ەز. 4‏:16*

20ئاھالىلىك شەھەرلەر خارابە بولۇپ، زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر».

21پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

22«ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدا: «كۈنلەر ئۇزارتىلىدۇ، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈش بىكارغا كېتىدۇ» دېگەن ماقالنى ئېيتقىنى نېمىسى؟ ◼ 12:22 +bd «كۈنلەر ئۇزارتىلىدۇ، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈش بىكارغا كېتىدۇ»+bd* ــ بۇ ماقال بەلكىم ئىسرائىللارنىڭ كۆپ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا بولغان گۇمانلىرىنى ياكى بەلكى خەلقنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماسلىققا بولغان باھانىسىنى ئىپادىلەيدۇ.*

23ئەمدى ئۇلارغا: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ماقالنى يوق قىلىمەن؛ ئىسرائىلدا بۇ ماقال ئىككىنچى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ سەن ئەكسىچە ئۇلارغا: «كۈنلەر يېقىنلاشتى، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىمۇ يېقىنلاشتى» ــ دېگىن.

24چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدە يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش» ياكى ئادەمنى ئۇچۇرۇدىغان پالچىلىقلار قايتا بولمايدۇ.

25چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سۆز قىلىمەن، ھەم قىلغان سۆزۈم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا، ئى ئاسىي جەمەت، مەن سۆز قىلىمەن ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».

26پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

27«ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر سېنىڭ توغرۇلۇق: «ئۇ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ئۇزۇن كۈنلەردىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىزگە يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ» ــ دەيدۇ.

>