ئەزاكىيال 2:1-9 UIGB2010 - Bible AI

1ۋە ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، ئورنۇڭدىن دەس تۇر، ۋە مەن ساڭا سۆز قىلىمەن، ــ دېدى.

2ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى؛ ۋە مەن ماڭا سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. ◼ 2:2 +bd «ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى»+bd* ــ «روھ»، مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:2 ئ‍ەز. 3‏:24؛ دان. 10‏:10*

3ۋە ئۇ ماڭا: ــ «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل بالىلىرىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»گە ئەۋەتىمەن؛ بۈگۈنگە قەدەر ھەم ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋلىرى ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلىپ كەلمەكتە»، ــ دېدى. ◼ 2:3 +bd «ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر» كىنايىلىك گەپ بولۇپ، شۈبھىسىزكى «ئىسرائىل» (شىمالىي پادىشاھلىق) ۋە يەھۇدا (جەنۇبىي پادىشاھلىق) دېگەن ئىككى ئەلنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇداغا «يات»، ئۇلار چەتئەللىكلەردەك بۇتقا چوقۇندى. «ئىسرائىل» (شىمالىي پادىشاھلىق) 125 يىل ئىلگىرى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولغانىدى. ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى غۇلىغاندىن كېيىن، بەلكىم سۈرگۈن بولغان كۆپ ئىسرائىللار بابىلدا قېلىپ، سۈرگۈن بولغان «يەھۇدا»دىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىر بولۇپ كەتكەن.* ◘ 2:3 يەر. 3‏:25*

4ــ «بۇ بالىلار بولسا نومۇسسىز ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر؛ مەن سېنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن؛ سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن ــ

5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەيلى قۇلاق سالسۇن، سالمىسۇن (چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلىدىغان بىر جەمەت) ــ ئۆزلىرى ئارىسىدا ھەقىقىي بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇرغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ◘ 2:5 ئ‍ەز. 33‏:33*

6ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ۋە سۆزلىرىدىنمۇ قورقما؛ شۇنداق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقما، ۋە زەردىلىك قاراشلىرىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. ◼ 2:6 +bd «گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ،...»+bd* ــ «تىكەن-جىغانلار» ۋە «چايانلار» دېگەنلەر شۈبھىسىزكى، ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:6 يەر. 1‏:8، 17؛ ئ‍ەز. 3‏:9؛ لۇقا 12‏:4؛ 1پېت. 3‏:1*

7سەن ئۇلار تىڭشىسۇن، تىڭشىمىسۇن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردۇر.

8ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سال؛ بۇ ئاسىي جەمەتتەك تەتۈر بولمىغىن؛ ئاغزىڭنى ئېچىپ، مەن ساڭا بەرگىنىمنى يېگىن». ◘ 2:8 ۋەھ. 10‏:9*

9ــ مەن قارىسام، مانا ماڭا سوزۇلغان بىر قول تۇرۇپتۇ؛ ۋە مانا، ئۇنىڭدا بىر ئورام يازما تۇرۇپتۇ.

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>