1ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى يېرۇسالېمغا قارىتىپ، «مۇقەددەس جايلار»نى ئەيىبلەپ، ئىسرائىل زېمىنىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ،
3يەنى ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن؛ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلايمەن.
4مەن سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، قىلىچىم بارلىق ئەت ئىگىلىرى، يەنى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ھەممەيلەن بىلەن قارشىلىشىشغا غىلاپتىن چىقىدۇ؛
5شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ قىلىچ غىلاپقا قايتىدىن يېنىپ كىرمەيدۇ.
6ئەمدى ئۇھ تارتقىن، ئى ئىنسان ئوغلى؛ ئىچ-باغرىڭ ئېچىشقۇدەك دەرد-ئەلەم بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇھ-زار قىل.
7ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا ئۇھ تارتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، سەن ئۇلارغا: «بولغان شۇم خەۋەر تۈپەيلىدىن! مانا، ئۇ كېلىدۇ! بارلىق يۈرەكلەر ئېرىپ، بارلىق قوللار بوشاپ كېتىدۇ، بارلىق روھلار زەئىپلىشىپ، بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ مانا ئۇ كېلىۋاتىدۇ! ئۇ يېتىپ كەلدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن. ◼ 21:7 +bd «بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ»+bd* ــ دېمەك، قورقۇنچتىن شۇنداق بولىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بارلىق تىزلار سۇدەك ئاجىز بولۇپ كېتىدۇ».* ◘ 21:7 يەر. 6:24؛ 49:23؛ ئەز. 4:17؛ 7:17*
8ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
9ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىر قىلىچ، بىر قىلىچ، بىسلانغان، پارقىرىتىلغان!
10ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ئۇنى يالتىراشقا پارقىراتقان؛ ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟ ◼ 21:10 +bd «ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ... ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر كۆپ خىل تەرجىمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. بۇ جۈملىنىڭ ئەينى تېكىستىنى چۈشىنىش تەس. «ئۆز ئوغلۇم» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەھۇدا ياكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى زەدەكىيا بولۇشى مۇمكىن. زەدەكىيا ئۆزىنى «يېڭىلمەس» دەپ ھېسابلىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ خۇدا مەخسۇس تەييارلىغان قىلىچنى «بىر تال ياغا تاياق»تەك ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.*
11ئۇ قىلىچنى پارقىرىتىلىشقا، قول بىلەن تۇتۇشقا بېكىتكەن؛
12نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ پىغان چەككىن، ئى ئىنسان ئوغلى،
13چۈنكى سىناق كەلدى؛ ئەمدى بۇ «شاھانە ھاسا» باشقا ياغاچلارنى كەمسىتكىنى بىلەن، ئۇ بەرىبىر تۈگىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ◘ 21:13 يەش. 1:5؛ يەر. 6:28-30*
14ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن! قىلىچ ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قىرسۇن! ئۇ قىرغۇچى قىلىچ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان زور قەتل قىلغۇچى قىلىچتۇر! ◼ 21:14 +bd «بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن!»+bd* ــ «چاۋاك چېلىش» بەلكىم پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا ۋەكىل بولۇپ، خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى توغرا دېگەنلىكىنى ئىپادىلىشى ئىدى.*
15ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى پۇتلىشىپ كەتسۇن دەپ، مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ◼ 21:15 +bd «ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ... مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر باشقا نەچچە خىل تەرجىمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتتىكى بەزى سۆزنىڭ مەنىسىنى پەقەت پەرەز قىلىشقىلا بولىدۇ.* ◘ 21:15 ئەز. 21:32*
16ئى قىلىچ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈر بول! سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ چاپ! بىسىڭنى قەيەرگە قاراتقان بولسا شۇ يەرگە چاپ!
17مەنكى پەرۋەردىگار* ئۆز قولۇم بىلەن چاۋاك چالىمەن، ئۆز قەھرىمنى تۆكۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم.
18ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
19سەن ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچىنىڭ مېڭىشىغا تەييارلانغان ئىككى يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ ئىككىلىسى بىر زېمىندىن چىقىدىغان بولسۇن؛ يېرۇسالېم* شەھىرىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بېشىدا بىر يول بەلگىسىنى تىكلەپ قويغىن؛
20يەنى قىلىچنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىگە بىر يول ھەمدە يەھۇداغا، يەنى ئىستىھكامى مەستەھكەم يېرۇسالېم شەھىرىگە يەنە بىر يولنى بېكىتىپ قويغىن؛
21چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى ئاچا يولدا، يەنى ئىككى يولنىڭ بېشىدا پال ئاچقۇزىدۇ؛ ئۇ ئوقلارنى سىلكىيدۇ، «كۆچمە مەبۇدلار»دىن سورايدۇ، جىگەرنى تەكشۈرىدۇ. ◼ 21:21 +bd «كۆچمە مەبۇدلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەرافىم»؛ كىچىك، قول بىلەن كۆتۈرگىلى بولغان «قولايلىق بۇتلار». +bd «جىگەرنى تەكۈشۈرۈش»+bd* ــ كونا زاماندىكى پالچىلىقنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىدى. بىلىشىمىزچە ئۇلار بىر ھايۋاننى سويۇپ، ئاندىن ئۈچەي-قارنى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، كۆرگەن ئالامەتلەر بويىچە بىر قارارغا كېلەتتى.*
22ئەمدى سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەشنى، قان تۆكۈشكە پەرمان قىلىشنى، جەڭ ئېلان قىلىپ توۋلاشنى، دەرۋازىلارغا ئۇرۇلغۇچى بازغانلارنى تىكلەشنى، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى ياساشنى، پوتەيلەرنى قۇرۇشنى، يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى* كۆرسىتىدىغان پال ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا چۈشىدۇ؛ ◘ 21:22 ئەز. 4:2؛ 17:17*
23گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچكەن قەسەملەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ. ◼ 21:23 +bd «گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ... يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ»+bd* ــ پۈتۈن بۇ ئايەتنىڭ ئەينى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. «ئىچكەن قەسەملەر» بەلكىم زەدەكىيا نېبوقادنەسارغا ئىچكەن قەسەملەرنى كۆرسىتىدۇ. نېبوقادنەسارنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بۇ پالنى يالغان دەپ قارىغىنى بىلەن، خۇدا يېرۇسالېمنى جازالانسۇن (نېبوقادنەسارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشسۇن) دەپ قەتئىي بېكىتكەن بولغاچقا، نېبوقادنەسار بەرىبىر رابباھ شەھىرىگە ئەمەس، بەلكى يېرۇسالېمنىڭ ئاسىيلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىدۇ.*
24ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ئاشكارىلىنىپ، بارلىق قىلمىشلىرىڭلاردا گۇناھلىرىڭلار كۆرۈنگەچكە، قەبىھلىكىڭلارنى ئەسكە كەلتۈرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن ــ يەنى ئۆزۈڭلار پاش قىلىنىپ ئەسكە ئېلىنغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، سىلەر قولغا ئېلىنىسىلەر.
25ئەمدى سەن، ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى، قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ! ◼ 21:25 +bd «ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى»+bd* ــ «رەزىل شاھزادە» زەدەكىيا پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئەزاكىيال پەيغەمبەر ئۇنى «پادىشاھ» دېگۈسى كەلمەيدۇ. +bd «قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ!»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كەلدى!» دېيىلىدۇ. دېمەك، كۆرىدىغان كۈنىنىڭ يېقىن كەلگەنلىكىنى تەكىتىلەيدۇ.*
26رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەللىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋەت، تاجنى ئېلىۋەت؛ ئىشلار ئۆز پېتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ پەس تۇرغاننى ئېگىز قىل، ئېگىز تۇرغاننى پەس قىل؛
27ئۇنىڭ تەختىنى* ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت! ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن. ◼ 21:27 +bd «ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن»+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، زەدەكىيادىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، ئىسرائىل ھەم ئالەمنىڭ تېگىشلىك پادىشاھى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ كەلگۈچە ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئۆز خەلقىدىن بولغان ھېچكىم پادىشاھ بولۇپ ئولتۇرمايدۇ. «يار.» 10:49-تىكى بېشارەتنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 21:27 يار. 10:49*
28ئەمدى ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار ئاممونىيلار ۋە ئۇلارنىڭ مازاقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ دېگىن! ◼ 21:28 +bd «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!»+bd* ــ ئاممونىيلار ئۆزلىرىىنىڭ مۇشۇ قىلىچىنى ئىسرائىللارنى سويۇش ئۈچۈن سۇغۇرغان (كېيىنكى ئايەتلەتنى كۆرۈڭ). بىراق ئاخىرىدا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. نېبوقادنەسارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەمەس، بەلكى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، شۈبھىسىزكى ئىنتايىن خۇشال ئىدى. لېكىن بەش يىلدىن كېيىن، نېبوقادنەسار ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن كۆپىنى ئۆلتۈرىدۇ.*
29چۈنكى پالچىلار سەن قىلىچ توغرۇڭدا قۇرۇق ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، سەن ئۈچۈن يالغاندىن بىر پال سالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى كەلگەندە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلار سېنى شۇ قىرىلغان رەزىللەرنىڭ بويۇنلىرى ئۈستىگە قوشۇپ ياتقۇزىدۇ!
30بۇ قىلىچنى ئۆز غىلاپىغا قايتۇرۇپ سال!
31شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستۈڭگە قەھرىمنى تۆكۈپ ياغدۇرۇپ،