1ئونىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارىتىپ ئۇنى ۋە مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنۇ سۆزلەرنى دېگىن: ــ ◼ 29:2 +bd «مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ...»+bd* ــ مىسىر ئىككى قىسىمغا، يەنى «تۆۋەن مىسىر» ۋە «يۇقىرىقى مىسىر»غا بۆلۈنگەن. «مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى...» دېگەن سۆز بۇ ئىككى قىسمىغا قارىتىلغان.*
3رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ دەريا ئۆزۈمنىڭكى، مەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن ياراتقانمەن» دېگۈچى بولغان، ئۆز دەريالىرى ئوتتۇرىسىدا ياتقان يوغان ئەجدىھا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن، مانا، مەن ساڭا قارشىمەن! ◘ 29:3 زەب. 74:13،14؛ يەش. 27:1؛ 51:9*
4مەن قارماقلارنى ئېڭەكلىرىڭگە سېلىپ، دەريالىرىڭدىكى بېلىقلارنى ئۆز قاسىراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرۇپ سېنى دەريالىرىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىرىمەن؛ دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلار قاسىراقلىرىڭغا چاپلىشىدۇ.
5مەن سېنى، يەنى سەن ۋە دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلارنى چۆل-باياۋانغا تاشلايمەن؛ سەن دالاغا چۈشۈپ يىقىلىسەن. ھېچكىم سېنى يىغمايدۇ، دەپنە قىلمايدۇ؛ مەن سېنى يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ئوزۇقى بولۇشقا تەقدىم قىلىمەن.
6شۇنىڭ بىلەن مىسىردا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىگە «قومۇش ھاسا» بولغان. ◼ 29:6 +bd «قومۇش ھاسا»+bd* ــ دېمەك، تايانغىلى بولمايدىغان، ئىشەنچسىز ياردەم. 7-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 29:6 2پاد. 18:21؛ يەش. 36:6*
7ئۇلار سېنى قول بىلەن تۇتقاندا، سەن يېرىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۈرىلىرىنى تىلىۋەتتىڭ؛ ئۇلار ساڭا تايانغاندا، سەن سۇنۇپ، پۈتكۈل بەللىرىنى مىتكۇت قىلىۋەتتىڭ».
8ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۈستۈڭگە بىر قىلىچ چىقىرىپ، سەندىكى ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى قىرىۋېتىمەن.
9مىسىر زېمىنى ۋەيرانە ۋە خارابىلەر بولۇپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى پىرەۋن: «نىل دەرياسى مېنىڭكى، مەن ئۇنى ياراتقانمەن» دېگەنىدى.
10شۇڭا مانا، مەن ساڭا ھەم سېنىڭ دەريالىرىڭغا قارشىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىنى مىگدولدىن سەۋەنگىچە، يەنى ئېفىئوپىيەنىڭ چېگراسىغىچە پۈتۈنلەي خارابە-ۋەيرانە قىلىۋېتىمەن. ◼ 29:10 +bd «مىسىر زېمىنىنى مىگدولدىن سەۋەنگىچە، يەنى ئېفىئوپىيەنىڭ چېگراسىغىچە...»+bd* ــ «مىگدول» بەلكىم نىل دەرياسىنىڭ دېلتىسىدا، «سەۋەن» بولسا ھازىرقى «ئاسۋان» (چوڭ دامبا ياسالغان) شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.*
11قىرىق يىل ئىچىدە، ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ ئايىغى ئۇنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھېچ ئادەم تۇرمايدۇ.
12مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىمەن؛ ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا قىرىق يىل ۋەيران بولىدۇ؛ مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن. ◼ 29:12 +bd «زېمىنىنى ۋەيران قىلىنغان زېمىنلەر ئارىسىدا ۋەيران قىلىمەن»+bd* ــ بۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىبارىلەر بەلكىم «دۇنيا بويىچە ئۇنى ئەڭ ۋەيرانە زېمىن قىلىمەن» دېگەن مەنىدە. +bd «ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا قىرىق يىل ۋەيران بولىدۇ»+bd* ــ «قىرىق يىل ۋەيران بولۇش»نى كۆرسەتكەن بۇ بېشارەت، بەلكىم بىرىنچى قېتىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525-487-يىللاردا، پارس ئىمپېراتورى «كامبىسىس»نىڭ مىسىر ئۈستىدىن رەھىمسىز ھۆكۈم سۈرۈشى، شۇنىڭدەك مىسىرنىڭ پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بىراق شۇ دەۋردە مىسىردا «ئۇنىڭدا ھېچ ئادەم تۇرمايدۇ» دېگەن (11-ئايەتتىكى) بېشارەت تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى. شۇڭا بېشارەتنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*
13بىراق رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قىرىق يىلنىڭ ئاخىرىدا مەن مىسىرلىقلارنى تارقىتىلغان ئەللەردىن يىغىپ قايتۇرىمەن؛
14مەن مىسىرنى سۈرگۈندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى پاتروس زېمىنىغا، يەنى تۇغۇلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار شۇ يەردە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مەملىكەت بولىدۇ.
15ئۇ مەملىكەتلەر ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن تۇرىدۇ؛ ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى باشقا ئەللەر ئۈستىگە كۆتۈرمەيدۇ؛ مەن ئۇلارنى پەسەيتىمەنكى، ئۇلار قايتىدىن باشقا ئەللەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.
16مىسىر* قايتىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تايانچىسى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلار دائىم ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزدەش گۇناھىنىڭ ئەسلەتمىسى بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». ◼ 29:16 +bd «مىسىر قايتىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تايانچىسى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلار دائىم ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزدەش گۇناھىنىڭ ئەسلەتمىسى بولىدۇ»+bd* ــ ئىسرائىللار ھەردائىم مىسىردىن پاناھ ئىزدەپ كەلگەن، بۇ خۇداغا ئىشەنمەسلىك گۇناھى بولغان.* ◘ 29:16 يىغ. 4:17*
17يىگىرمە يەتتىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ ◼ 29:17 +bd «يىگىرمە يەتتىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ... پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنكى، مىسىر توغرۇلۇق بۇ بېشارەت يۇقىرىقى بېشارەتلەردىن 17 يىل كېيىن بېرىلگەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ مىسىر توغرىسىدىكى بېشارەتلەرنى جەم قىلىپ تولۇق بولسۇن دەپ مۇشۇ يەردە قوشۇلغان.*
18ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇرغا جەڭ قىلىشتا قوشۇنىنى قاتتىق جاپالىق ئەمگەككە سالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھەربىر باش تاقىر بولۇپ كەتتى، ھەربىر مۈرە سۈركىلىپ يېغىر بولۇپ كەتتى؛ بىراق نە ئۇ نە قوشۇنى تۇر بىلەن قارشىلاشقان ئەمگەكتە ھېچقانداق ھەق ئالمىدى؛ ◼ 29:18 +bd «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇرغا جەڭ قىلىشتا قوشۇنىنى قاتتىق جاپالىق ئەمگەككە سالدى... بىراق نە ئۇ نە قوشۇنى تۇر بىلەن قارشىلاشقان ئەمگەكتە ھېچقانداق ھەق ئالمىدى»+bd* ــ ئەمەلىيەتتە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇر شەھىرىنى 13 يىل مۇھاسىرىگە ئالدى! ئۇ ئاخىردا بابىلغا تەسلىم بولدى، بىراق بۇ سۆزگە قارىغاندا نېبوقادنەسار ئۇنىڭدىن ھېچ پايدا كۆرمىگەن.*
19شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مىسىر زېمىنىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارغا تەقدىم قىلىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ، ئولجىسىنى بۇلاپ، غەنىمىتىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ بۇلار ئۇنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن ئىش ھەققى بولىدۇ.
20مەن ئۇنىڭغا تۇرغا* جەڭ قىلغاننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مىسىر زېمىنىنى تەقدىم قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار مېنى دەپ ئەجىر قىلدى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ◼ 29:20 +bd «مەن ئۇنىڭغا تۇرغا جەڭ قىلغاننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مىسىر زېمىنىنى تەقدىم قىلدىم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردە «تۇرغا» دېگەنلىك «ئۇنىڭغا» دېيىلىدۇ. 18-ئايەتنى كۆرۈڭ.*