1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر داد-پەرياد سېلىپ: «ۋاي شۇ كۈنى!» ــ دەڭلار!» ــ دېگىن.
3چۈنكى كۈن يېقىنلاشتى؛ بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، بۇلۇتلار قاپلانغان كۈن يېقىنلاشتى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈندۇر. ◼ 30:3 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»+bd* ــ ئادەتتە ئاخىرقى زاماندىكى، ھەر ئەل-مىللەتنى باسقان ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» بەلكىم ھەم يېقىن ئارىغا بولىدىغان ۋە يىراق كەلگۈسىدە بولىدىغان (ئاخىرقى زاماندىكى) ئىشلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.*
4شۇنىڭ بىلەن بىر قىلىچ مىسىر ئۈستىگە چۈشىدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر مىسىردا يىقىلغاندا، ئۇنىڭ زور بايلىقلىرى بۇلىنىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇللىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئېفىئوپىيەلىكلەر دەرد-ئەلەم تارتىدۇ.
5ئېفىئوپىيە، پۇت، لۇد، بارلىق ئەرەبىيە، لىۋىيە ۋە ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەرمۇ مىسىر بىلەن بىللە قىلىچلىنىدۇ. ◼ 30:5 +bd «بارلىق ئەرەبىيە»+bd* ــ ياكى، «ئارىلىشىپ كەتكەن توپ-توپ ئادەملەر». +bd «لىۋىيە»+bd* ــ (ياكى «لىبيا») ئىبرانىي تىلىدا «لۇبىيلار». بەزى كۆچۈرمىلەردە «قۇبدىكىلەر» دېيىلىدۇ. ئادەتتە «پۇت» «لىۋىيە»نى كۆرسىتىدۇ. +bd «ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەر»+bd* ــ بەلكىم (خۇدانىڭ يوليورۇقلىرىغا خىلاپ) مىسىرغا قېچىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەر.» 44-بابنى كۆرۈڭ).*
6رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مىسىرنى قوللايدىغانلار يىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يەرگە چۈشىدۇ؛ مىگدولدىن سەۋەنگىچە بولغان خەلق قىلىچلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
7ــ ئۇلار ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا ياتىدۇ.
8شۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىرغا ئوت سالغىنىمدا، ئۇنىڭ ياردىمىدە بولغانلار سۇندۇرۇلغاندا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛
9شۇ كۈنى ئەلچىلەر ئېفىئوپىيەنى قورقۇتۇش ئۈچۈن كېمىلەردە ئولتۇرۇپ مەندىن چىقىدۇ؛ مىسىرنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈندەك ئۇلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چۈشىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ!
10رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن. ◼ 30:10 +bd «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «يەنە» بېشارەتنىڭ ھەم يېقىن ئارىنى (نېبوقادنەسار ئارقىلىق) ھەم يىراق كەلگۈسىنى (ئاخىرقى زامانلارنى)مۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.*
11ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. ◼ 30:11 +bd «ئۇ (نېبوقادنەسار) ... ئېلىپ كېلىنىدۇ»+bd* ــ دېمەك، نېبوقادنەسارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كېلىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.* ◘ 30:11 ئەز. 28:7*
12مەن نىل دەريالىرىنى قۇرۇتىمەن،
13رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوف شەھىرىدىن بۇتلارنى يوقىتىمەن، ئويغان مەبۇدلارنىمۇ يوقىتىمەن؛ مىسىر زېمىنىدىن قايتىدىن شاھزادە بولماس؛ مەن مىسىر زېمىنىنى قورقۇنچقا چۈشۈرىمەن. ◼ 30:13 +bd «نوف شەھىرى»+bd* ــ ھازىرقى مەمفىس شەھىرى.*
14مەن پاتروس شەھىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، زوئان شەھىرىدە ئوت سالىمەن، نو شەھىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. ◼ 30:14 +bd «نو شەھىرى»+bd* ــ ھازىرقى تېبېس شەھىرى.*
15مىسىرنىڭ ئىستىھكامى بولغان سىن شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى تۆكىمەن؛ نو شەھىرىنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى قىرىۋېتىمەن.
16مەن مىسىردا بىر ئوت سالىمەن؛ سىن ئازابلاردىن تولغىنىپ كېتىدۇ؛ نو شەھىرى بۆسۈلىدۇ، نوف شەھىرى ھەر كۈنى ياۋلارغا يۈزلىنىدۇ.
17ئاۋەن ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىدىكى يىگىتلەر قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ شەھەرلەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
18مېنىڭ شۇ يەردە مىسىرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنى سۇندۇرغىنىمدا، تاھپانەس شەھىرىدە كۈن قاراڭغۇلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ بىر بۇلۇت ئۇنى قاپلايدۇ؛ ئۇنىڭ قىزلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
19مەن شۇنداق قىلىپ مىسىر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە شۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
20ئون بىرىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
21ئى ئىنسان ئوغلى، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ داۋالىنىشقا تېڭىلمىدى، ياكى قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى. ◼ 30:21 +bd «...مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ ... قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى»+bd* ــ بۇ بېشارەت بەلكىم «يەر.» 1:37-10 ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. خوفنا پىرەۋننىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالغان بابىل قوشۇنىغا قارشى جەڭگە چىققاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ مىسىرغا چېكىنگەن.*
22ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارشىمەن؛ مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى، ھەم كۈچلۈك بولغىنىنى ھەم سۇندۇرۇلغان بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرىمەن؛
23مىسىرلىقلارنى ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن.
24مەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ، قىلىچىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ مەن پىرەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرىمەنكى، ئۇ بابىل پادىشاھى ئالدىدا ئەجىلى توشقان يارىلانغان ئادەمدەك ئاھ-زارلار بىلەن ئىڭرايدۇ.
25مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچەيتىمەن، ۋە پىرەۋننىڭ بىلەكلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ؛ مەن ئۆز قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ ئۇنى مىسىر زېمىنى ئۈستىگە سوزغىنىدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛