ئەزاكىيال 33:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

2ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە سۆز يەتكۈزۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ مەن قىلىچنى مەلۇم بىر زېمىن ئۈستىگە چىقارغىنىمدا، زېمىندىكى خەلق ئۆز ئارىسىدىن بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنى كۆزەتچى بېكىتسە، ــ

3ئۇ قىلىچنىڭ زېمىن ئۈستىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كاناي چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا،

4كىمدىكىم كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىسا، قىلىچ كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كەتسە، ئەمدى ئۇنىڭ قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە بولىدۇ.

5ئۇ كاناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاگاھنى ئالمىغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ قېنى ئۆزىگە بولىدۇ؛ ئۇ ئاگاھ ئالغان بولسا، جېنىنى قۇتقۇزغان بولاتتى.

6بىراق كۆزەتچى قىلىچنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، كاناي چالماي، خەلقنى ئاگاھلاندۇرمىسا، ئەمدى قىلىچ كېلىپ ئۇلار ئارىسىدىن بىراۋنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن مەن كۆزەتچىدىن ھېساب ئالىمەن.

7ئەمدى، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى دەپ بېكىتكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن خەۋەر ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن ئاگاھ يەتكۈزىسەن. ◘ 33:7 ئ‍ەز. 3‏:1*

8مەن رەزىل ئادەمگە: «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، ۋە ئۆزۈڭ بۇ رەزىلنى يولىدىن ياندۇرۇشقا سۆز قىلماي ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ، ئۇ رەزىل ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. ◼ 33:8 +bd «ئى رەزىل ئادەم، سەن چوقۇم ئۆلىسەن»+bd* ــ بۇ ئاگاھ پەقەت جىسمانىي جەھەتنىلا كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايمىز. ھەربىر ئادەم ئىلگىرى-كېيىن (ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ سەۋەبىدىن) ئۆلىدۇ. مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ئۆلۈش خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن، بەرىكەتلىرىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايمىز (11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).*

9بىراق سەن رەزىلنى يولىدىن يېنىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرساڭ، ئۇ يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۆزۈڭ ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن.

10ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر: «بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ۋە گۇناھلىرىمىز بېشىمىزدىدۇر، بىز ئۇلار بىلەن زەئىپلىشىپ كېتىۋاتىمىز؛ ئەمدى بىز قانداقمۇ ھاياتقا ئېرىشىمىز؟» دەيسىلەر. ◼ 33:10 +bd «ئەمدى بىز قانداقمۇ ھاياتقا ئېرىشىمىز؟»+bd* ــ ياكى «ئەمدى قانداق ياشايمىز؟».

11ئۇلارغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوقتۇر؛ پەقەت ئۇلارنى رەزىل يولىدىن يېنىپ ھاياتقا ئېرىشسۇن دەيمەن؛ رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار، يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆلگۈڭلار كېلىدۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ دېگىن. ◘ 33:11 ئ‍ەز. 18‏:23، 32*

12ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەرگە مۇنداق دېگىن: ــ ھەققانىي ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئاسىيلىق قىلغان كۈنىدە ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ھەم رەزىل ئادەم بولسا، ئۇ ئۆز رەزىللىكىدىن يانغان كۈنىدە رەزىللىكىدىن يىقىلمايدۇ؛ ھەققانىي ئادەم گۇناھ سادىر قىلغان كۈنىدە، ئۇ ئەسلىدىكى ھەققانىيلىقى بىلەن ھاياتتا تۇرىۋەرمەيدۇ. ◘ 33:12 ئ‍ەز. 18‏:24*

13مەن ھەققانىيغا: «سەن بەرھەق ھاياتقا ئېرىشسەن» دېگىنىمدە، ئۇ ئۆز ھەققانىيلىقىغا تايىنىپ قەبىھلىك سادىر قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ. ◼ 33:13 +bd «ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەكسىچە ئۇ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭدا ئۆلىدۇ».

14ئەمدى مەن رەزىلگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، بىراق ئۇ گۇناھىدىن يېنىپ، كۆز ئالدىمدا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرسە ــ

15رەزىل ئادەم قەرزگە كاپالەتكە ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ــ بۇلاڭچىلىقتا ئالغاننى قايتۇرۇپ بەرسە ــ قەبىھلىك سادىر قىلماي، ھايات بەلگىلىمىلىرىدە ماڭسا ــ ئەمدى ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ.

16ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈرگەن ــ ئۇ بەرھەق ھاياتقا ئىگە بولىدۇ.

17بىراق ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يولى بولسا ھەممىگە باراۋەر ئەمەس. ◘ 33:17 ئ‍ەز. 18‏:25، 29؛ 33‏:20*

18ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى سادىر قىلسا، ئۇ بۇنىڭدا ئۆلىدۇ.

19رەزىل ئادەم ئۆز رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈرسە، بۇ ئىشلاردىن ھاياتقا ئىگە بولىدۇ.

20لېكىن سىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىمەن! ◼ 33:20 +bd «ئى ئىسرائىل جەمەتى، مەن ھەرقايسىڭلارغا ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىمەن!»+bd* ــ بۇ مۇھىم بابتىكى 1-20 ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

21ۋە شۇنداق بولدىكى، سۈرگۈن بولغان ئون ئىككىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، يېرۇسالېمدىن قاچقان بىرسى يېنىمغا كېلىپ: «شەھەر بۆسۈلدى!» ــ دېدى. ◼ 33:21 +bd «سۈرگۈن بولغان ئون ئىككىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى... »+bd* ــ بۇ ۋاقىت شەھەرنىڭ ئىشغال بولغىنىدىن 18 ئاي كېيىنكى ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. يېرۇسالېمدىن بابىلغا ماڭىدىغان يول ئادەتتە 4 ئايلىق بولاتتى («ئەزرا 9:7نى كۆرۈڭ). تېكىستنىڭ بەزى كۆچۈرمىلىرىدە «ئون بىرىنچى يىل» دېيىلىدۇ؛ بىراق بىر قىسىم ئالىملار «ئون ئىككىنچى يىل» دېيىش توغرا دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى يەنە ئىمكانىيەت باركى، ئىسرائىل ۋە بابىل پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كالېندارنى ئىشلەتكەن. بىز بۇ پىكىرگە مايىلمىز.* ◘ 33:21 2پاد. 25؛ ئ‍ەز. 24‏:26*

22ئەمدى قاچقان ئادەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمىدا پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قونغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىمنى ئېچىپ قويدى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ، مەن يەنە گاچا بولمىدىم. ◼ 33:22 +bd «ئەمدى قاچقان ئادەمنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمىدا پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قونغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىمنى ئېچىپ قويدى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ، مەن يەنە گاچا بولمىدىم»+bd* ــ بۇ گاچىلىق تەخمىنەن ئالتە يىل ئىلگىرى باشلانغان (26:3-ئايەتنى ئىزاھىتى بىلەن ۋە 32:24-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).*

23ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

24ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدىكى خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار: «ئىبراھىم پەقەت بىر ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ زېمىنغا مىراس بولغانىدى؛ بىراق بىز كۆپ ئادەممىز؛ ئەمدى زېمىن بەرىبىر بىزگە تەقدىم قىلىندى» ــ دەپ ئېيتىۋاتىدۇ. ◼ 33:24 +bd «ئىبراھىم پەقەت بىر ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ زېمىنغا مىراس بولغانىدى؛ بىراق بىز كۆپ ئادەممىز؛ ئەمدى زېمىن بەرىبىر بىزگە تەقدىم قىلىندى»+bd* ــ بابىلدىكىلەر قانائاندا (پەلەستىندە) تۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرگەن ياكى سۈرگۈن قىلغانىدى. زېمىندا قالدۇرۇلغان ئاز قىسىم ئادەملەر (تېخى ھېچ توۋا قىلمىغان) تەكەببۇرلىشىپ شۇنداق سۆز قىلىدۇ.*

25شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر گۆشنى قان بىلەن يەيسىلەر؛ سىلەر ئۆز مەبۇدلىرىڭلارنى باش كۆتۈرۈپ ئىزدەيسىلەر؛ سىلەر قان تۆكۈۋاتىسىلەر؛ ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟ ◘ 33:25 يار. 9‏:4؛ لاۋ. 3‏:17*

26سىلەر قىلىچىڭلارغا تايىنىسىلەر، سىلەر يىرگىنچلىك ئىشلارنى چىقىرىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالىغا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟».

27ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ؛ دالادا قالغاننى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يەۋېتىشكە تاپشۇرىمەن؛ ئىستىھكاملار ۋە غارلاردا تۇرغانلارمۇ ۋابا كېسىلىدىن ئۆلىدۇ.

28مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ۋەيرانە بولىدۇكى، ئۇلاردىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولمايدۇ. ◼ 33:28 +bd «مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن»+bd* ــ ياكى «مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە (ئادەمنى قورقۇتقۇچى) بىر ۋەھشەت قىلىمەن».*

29ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.

30ــ ئەمدى سەن بولساڭ، ئى ئىنسان ئوغلى، ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر ھەردائىم سېنى ئاغزىغا ئېلىپ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنىڭ يېنىدا ۋە دەرۋازىلاردا سۆزلەپ بىر-بىرىگە ھەم ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىغا سەن توغرۇلۇق: «قېنى بېرىپ، پەرۋەردىگاردىن نېمە سۆز باركىن، ئاڭلاپ كېلەيلى!» ــ دەيدۇ.

31ئۇلار جامائەت سۈپىتىدە يېنىڭغا كېلىپ، مېنىڭ خەلقىمنىڭ سۈپىتىدە ئالدىڭدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ ئۇلار ئاغزى بىلەن ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، بىراق كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ؛ ◼ 33:31 +bd «ئۇلار ئاغزى بىلەن ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، بىراق كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاغزىدا ئېيتقان شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ، كۆڭلى ھارام مەنپەئەتكە تارتىدۇ».* ◘ 33:31 ئ‍ەز. 14‏:1-3؛ 20‏:1-3*

32مانا، سەن ئۇلار ئۈچۈن پەقەت يېقىملىق ئاۋاز بىلەن،سازلىرى ئوبدان تەڭشىلىپ ئېيتىلغان مۇھەببەت ناخشىسىسەن، خالاس؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ.

>