1ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ ◼ 35:2 +bd «يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ»+bd* ــ «سېئىر» ئېدومنىڭ باشقا بىر ئىسمى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بەلكىم باركى، ياقۇپ ۋە ئېدوم ئۇكا-ئاكا بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان. گەرچە ئېدوم ياقۇپنى كەچۈرۈم قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان ئېدومىيلار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىلغا كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن.*
3رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى سېئىر تېغى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنى بىر ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن.
4مەن شەھەرلىرىڭنى خارابە قىلىۋېتىمەن، ۋە سەن ۋەيرانە بولىسەن؛ ئاندىن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن.
5چۈنكى سەن مەڭگۈگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنسەن، ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، ئۇلارنى قىلىچ كۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ◘ 35:5 ئەز. 25:15*
6شۇڭا مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن ساڭا قان تۆكۈلۈشنى بېكىتتىم؛ قان سېنى قوغلايدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئەمدى قان سېنى قوغلاپ يۈرىدۇ.
7مەن سېئىر تېغىنى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىن بېسىپ ئۆتكۈچى ھەم ئۇنىڭغا قايتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن.
8مەن ئۇنىڭ تاغلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىرى بىلەن تولدۇرىمەن؛ سېنىڭ ئېگىزلىكلىرىڭدە، سېنىڭ جىلغىلىرىڭدا، سېنىڭ بارلىق جىرالىرىڭدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ.
9مەن سېنى مەڭگۈگە ۋەيرانە قىلىمەن؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئادەمزاتسىز بولىدۇ؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
10ــ چۈنكى سەن: «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگە بولىمىز» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن ــ گەرچە مەن پەرۋەردىگار شۇ يەردە بولغان بولساممۇ ــ، ◼ 35:10 +bd «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ»+bd* ــ «ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت» يەھۇدا ۋە ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 35:10 زەب. 83:12*
11ئەمدى مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سېنىڭ نەپرىتىڭدىن چىققان ئاچچىقىڭ بويىچە ۋە ھەسىتىڭ بويىچە ساڭا مۇئامىلە قىلىمەن؛ مەن ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىشىم بىلەن، مەن ئۇلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن.
12شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىسرائىل تاغلىرىغا قاراپ: «ئۇلار ۋەيران بولدى، ئۇلار بىزگە يەم بولۇشقا تەقدىم قىلىندى» دېگەن بارلىق ھاقارەتلىرىڭنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاڭلىغىنىمنى سەنلەر تونۇپ يېتىسىلەر.
13ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم.
14شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ پۈتكۈل يەر يۈزى شادلىنىپ كەتكىنىدە، مەن سېنى ۋەيرانە قىلىمەن.