1ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا، شىمال تەرىپىگە ئاپاردى؛ ئۇ مېنى يەنە «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي ئۇدۇلىغا جايلاشقان كىچىك خانىلارغا ئاپاردى.
2خانىلارنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كىرىش يولى شىمالغا قارايتتى؛ خانىلارنىڭ* جەمئىي كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى.
3خانىلار ئىچكى ھويلىغا تەۋە يىگىرمە گەز كەڭلىكتىكى «بوش يەر»گە قارايتتى، شۇنداقلا سىرتقى ھويلىغا تەۋە «تاش تاختايلىق سۇپا»نىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. ئۈچ قەۋەتلىك خانىلارنىڭ كارىدورىنىڭ بىر تەرىپىدىكى خانىلار يەنە بىر تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى.
4خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى؛ ◼ 42:4 +bd «خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى»+bd* ــ بىز مۇشۇ يەردە گرېك تەرجىمىسى (LXX) ۋە «پېشىتتا»نىڭ تېكىستىگە ئەگىشىپ، «يۈز گەز» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. +bd «... خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى»+bd* ــ پۈتۈن ئايەتتىكى ئەينى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. مۇمكىنچلىكى باركى، ھەر قەۋەتتە ئىككى كارىدور بار؛ شۇنىڭ بىلەن ھەربىر خانا كارىدورغا، يەنى «شىمالغا» قارايتتى.*
5يۇقىرىدىكى خانىلار تۆۋەندىكى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيلەردىن تار ئىدى؛ چۈنكى كارىدورلار كۆپ ئورۇننى ئىگىلىۋالغانىدى.
6خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى؛ بىراق ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى. ◼ 42:6 +bd «...ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى»+bd* ــ بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى ئىبارىنىي تىلىدا چۈشىنىش تەس. بىنادىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.*
7سىرتتىكى خانىلارنىڭ يېنىدىكى، يەنى ھويلىنى خانىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان سىرتقى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى.
8سىرتقى ھويلىغا تۇتاشقان خانىلارنىڭ بولسا، جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى؛ مانا، مۇقەددەسخانىغا قارايدىغان تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى.
9بۇ خانىلار ئاستىدا، سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى. ◼ 42:9 +bd «... سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى»+bd* ــ بۇ بىنادىن ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان بىر يولمۇ بولۇش كېرەك (13-، 14-ئايەت ۋە 19:44-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).*
10ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، شەرقىي تەرىپىگە قارايدىغان ئىچكى ھويلىدىكى تامنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولغان، «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان خانىلار بار ئىدى؛
11ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كارىدور بار ئىدى؛ ئۇلار شىمالغا قارايدىغان خانىلارغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى، بارلىق چىقىش يوللىرى، شەكلى ۋە ئىشىكلىرى ئوخشاش ئىدى.
12جەنۇبقا قارايدىغان بىر يۈرۈش خانىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدورنىڭ بېشىدا بىر كىرىش يولى بار ئىدى؛ بۇ كىرىش يولىمۇ شەرققە قارايدىغان تامنىڭ يېنىدا ئىدى.
13ۋە ئۇ ماڭا: «ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىدىكى* «بوش يەر»گە تۇتاشلىق بۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي يۈرۈش خانىلار بولسا، مۇقەددەس خانىلاردۇر؛ پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشالايدىغان كاھىنلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى يەيدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى، گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى قويىدۇ؛ چۈنكى شۇ يەرلەر مۇقەددەستۇر.
14كاھىنلار خۇدا ئالدىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار «مۇقەددەس جاي»دىن بىۋاسىتە سىرتقى ھويلىغا چىقمايدۇ، بەلكى شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەر مۇقەددەستۇر. ئۇلار پەقەت باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، ئاندىن جامائەت تۇرغان يەرگە چىقىدۇ» ــ دېدى. ◼ 42:14 +bd «كاھىنلار ... شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ...»+bd* ــ «شۇ يەر» يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن «يۈرۈش خانىلار»نى كۆرسىتىش كېرەك (19:44-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). ئىچكى ھويلىنىڭ ئۆزىدە كىيىم-كېچەكنى ئالماشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەستۇر.* |src="btl-ezekiel-temple-detailed-complex-uara.jpg" size="span" ref="ئەزاكىيال 42:14" *
15ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى كۆلىمىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئۇ مېنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىدىن چىقاردى ۋە ئەتراپىدىكى تامنى ئۆلچىدى.
16ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى. ◼ 42:16 +bd «ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى»+bd* ــ ئىبادەتخانىدىكى «سىرتقى ھويلا»نىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بەش يۈز گەز ئىدى (ھېسابلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن سخېمىلارنى كۆرۈڭ). بۇنىڭغا قارىغاندا، سىرتقى ھويلا تېمىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر چوڭ توسما تام بولسا كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بۇ ئىبادەتخانا ئىنتايىن چوڭ بولغان بولىدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بىر كىلومېتردىن ئېشىشى مۇمكىن.
17ئۇ شىمالىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
18ئۇ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
19ئۇ غەربىي تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.