1«ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزۈڭ ئۆتكۈر بىر قىلىچنى ئال؛ ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي؛ ئاندىن تارازىنى ئېلىپ ئالغان چاچلارنى تەڭ بۆلگىن. ◼ 5:1 +bd «...ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي»+bd* ــ چاچلارنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ئۆزى ماتەم تۇتۇشنى بىلدۈرەتتى.*
2مۇھاسىرە كۈنلىرى تۈگىگەندە، ئۈچتىن بىرىنى شەھەر ئىچىدە كۆيدۈرگىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ شەھەر ئەتراپىغا چېپىۋەتكىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى شامالغا سورۇۋەتكىن؛ مەن بىر قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن.
3سەن يەنە ئۇلاردىن بىرنەچچە تالنى ئېلىپ تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن؛ ◼ 5:3 +bd «...تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن»+bd* ــ ئىسرائىللارنىڭ تونلىرىنىڭ پېشىدە خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى ئەسلىتىدىغان چۇچىلار بار ئىدى («چۆل.» 38:15-39نى كۆرۈڭ). خۇدا بۇ ئەمرى بىلەن ئەزاكىيالغا: «كىملەر مېنىڭ ئەمرلىرىم ئىچىدە يۈرىدىغان بولسا، مېنىڭ سۆزلىرىم ئۇنى ساقلايدۇ» دېگەندەك ئېيتقان بولسا كېرەك.*
4بۇلاردىن يەنە نەچچە تالنى ئېلىپ ئوت ئىچىگە تاشلاپ كۆيدۈرۈۋەتكىن؛ بۇلاردىن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدۇ».
5رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ يېرۇسالېم؛ مەن ئۇنى ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ؛ ◼ 5:5 +bd «مەن ئۇنى (ئىسرائىلنى) ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ»+bd* ــ خۇدانىڭ بۇنىڭدا ئىسرائىلغا بولغان مەقسىتى، «يات ئەللەر» ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىنى، ھەققانىيلىقىنى، مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسۇن دېگەنلىكتۇر. بىراق ئىسرائىل ئەللەرگە شۇنداق بىر ئۈلگە بولمىدى. ھازىر ئۇلار «يات ئەللەر»گە خۇدانىڭ جازاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە بىر مىسال بولىدۇ.*
6بىراق ئۇ مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە قارشىلىشىپ رەزىللىكتە ئەللەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، بەلگىلىمىلىرىمگە قارشىلىشىشتا ئۆپچۆرىسىدىكى مەملىكەتلەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئۇلار رەت قىلدى، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بولسا، ئۇلاردا ئاقمايدۇ.
7شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەردىنمۇ بەكرەك باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلاردىن، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭماسلىقىڭلاردىن ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتماسلىقىڭلاردىن، ھەتتا ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىمۇ ماڭماسلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، ◘ 5:7 لاۋ. 18:24،28*
8ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆزۈمكى ساڭا قارشىمەن، ئى يېرۇسالېم*؛ سېنىڭ ئاراڭغا ئەللەرنىڭ كۆز ئالىدىلا جازالارنى يۈرگۈزىمەن؛
9ۋە سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاراڭدا ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان ھەمدە كەلگۈسى ئىككىنچى قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن.
10شۇنىڭ بىلەن ئاتىلار ئۆز بالىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ، بالىلار ئۆز ئاتىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ؛ ۋە مەن ساڭا جازالارنى يۈرگۈزىمەن، ۋە سېنىڭ بارلىق قالغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورۇۋېتىمەن. ◘ 5:10 لاۋ. 26:29؛ قان. 28:53؛ 2پاد. 6:29؛ يىغ. 4:10*
11شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن. ◼ 5:11 +bd «مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سېنى قىرقىۋېتىمەن» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەزاكىيالنىڭ سىمۋوللۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىق (1-ئايەت). باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۆزۈم ساڭا ئۆرۈلۈپ قارىمايدۇ».* ◘ 5:11 ئەز. 7:4*
12شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ؛ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆپچۆرەڭلەردە قىلىچلىنىدۇ؛ ۋە مەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورۇۋېتىمەن، ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. ◼ 5:12 +bd «شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ... ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن»+bd* ــ بۇ ئايەت ئەزاكىيالنىڭ (1-4-ئايەتتىكى) سىمۋوللۇق ھەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، (1-ئايەتتە) ئەزاكىيال شەھەرگە سالغان «ئوت»، «ۋابا كېسىلى ھەم ئاچارچىلىق»قا ۋەكىللىك قىلىدۇ.* ◘ 5:12 يەر. 15:2*
13شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ غەزىپىم بېسىقىدۇ، مېنىڭ قەھرىمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ قونغۇزۇپ، پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇمدىن سۆز قىلغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ. ◼ 5:13 +bd «رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەسىتىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*
14ۋە مەن سېنىڭ ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەر ئارىسىدا ھەمدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا سېنى ۋەيرانە قىلىمەن ۋە مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىمەن؛
15سېنىڭ ئۈستۈڭگە غەزەپ ھەم قەھر ۋە قەھرلىك ئەيىبلەر بىلەن جازالارنى يۈرگۈزگىنىمدە سەن ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەرگە خورلۇق ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى، بىر ئىبرەت ھەم ئالاقزادىلىك چىقارغۇچى بولىسەن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم! ◘ 5:15 قان. 28:37*
16مەن ئۇلارغا ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچى، ئاچارچىلىق زەھەرلىك ئوقلىرىنى ياغدۇرغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ئاچارچىلىقنى كۈچەيتىمەن، ۋە يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتۇۋېتىمەن. ◼ 5:16 +bd «... يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتۇۋېتىمەن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نان بولغان ھاساڭ»نى سۇندۇرۇۋېتىمەن»؛ 4-باب، 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 5:16 لاۋ. 26:26؛ 2پاد. 6:25؛ يەش. 3:1؛ ئەز. 4:16؛ 14:13*