ئەزاكىيال 9:1-10 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇ قۇلىقىمغا كۈچلۈك بىر ئاۋازدا توۋلاپ: ــ يېقىن كېلىڭلار، شەھەرگە مەسئۇل بولغۇچىلار، ھەربىرىڭلار ئۆز ھالاكەت قورالىڭلارنى قولۇڭلارغا تۇتۇڭلار، ــ دېدى.

2ۋە مانا، ئالتە كىشىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ* شىمالىغا قارايدىغان «يۇقىرى دەرۋازا» تەرەپتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان؛ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن بىرسى بار ئىدى؛ ۋە ئۇلار ئىبادەتخانىغا* كىرىپ، مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇردى. ◼ 9:2 +bd «ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان...»+bd* ــ ياكى «ھەربىرىسى قولىدا جەڭ توقمىقىنى تۇتقان...».*

3شۇ چاغدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. پەرۋەردىگار يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ◼ 9:3 +bd «ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى»+bd* ــ «تۆت مەخلۇق» بولسا «كېرۇب»لاردىن ئىبارەتتۇر (10-بابنى كۆرۈڭ). بىراق مۇشۇ يەردە ئېيتىلغان «كېرۇبلار» بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا قويۇلغان ئىككى «ئالتۇن كېرۇب» شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدانىڭ يورۇقلۇق شان-شەرىپى شۇ يەردە («ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا، قېلىن بىر پەردە كەينىدە) سۇلايمان ئىبادەتخانىنى قۇرغاندىن بېرى تۇرۇپ كەلگەنىدى. ھازىر ئەزاكىيال كۆرىدۇكى، ئۇ ھەم ئىبادەتخانىدىن ھەم ئىسرائىلنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ.*

4شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن، ــ دېدى. ◼ 9:4 +bd «...ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن»+bd* ــ بۇ «بەلگە» (ئىبرانىي تىلىدا «تاۋ» دېگەن ھەرپ) قەدىمكى زامانلاردا كرېست ياكى چاپراس (+) شەكلىدە ئىدى.*

5ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار!

6بىرنىمۇ قويماي ھەممىنى ــ قېرىلار، ياش يىگىت-قىزلار، بوۋاق-بالىلار ۋە ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ پەقەت بەلگە قويۇلغان كىشىلەرگە يېقىنلاشماڭلار؛ بۇ ئىشنى ئۆز مۇقەددەس جايىمدىن باشلاڭلار، ــ دېدى.

7ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۆينى بۇلغاڭلار، ھويلىلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار؛ ئەمدى بېرىڭلار! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چىقىپ شەھەر بويىچە ئادەملەرنى قىرىشقا باشلىدى.

8ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئادەملەرنى قىرغىنىدا، مەن يالغۇز قالدىم؛ ئۆزۈمنى يەرگە دۈم تاشلىدىم ۋە: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟ ــ دېدىم. ◼ 9:8 +bd «سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟»+bd* ــ ئادەتتە «ئىسرائىلنىڭ قالدىسى» دېگەن ئىبارە پۈتۈن خەلق ئارىسىدا، خۇداغا سادىق بولغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئەزاكىيال مۇشۇ يەردە (خۇدانىڭ 9-10-ئايەتتە بولغان جاۋابىغا قارىغاندا) بەلكىم يەھۇدانى كۆرسىتىدۇ؛ «شىمالىي پادىشاھلىق»، يەنە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن ئونى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بالدۇر مۇنقەرىز قىلىنىپ سۈرگۈن بولدى، پەقەت ئىككى قەبىلە، يەنى «يەھۇدا ۋە بىنيامىن» (جەنۇبىي پادىشاھلىق) قالدى.*

9ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى ئىنتايىن رەزىل؛ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ.

10«مەن بولسام، مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، ــ دېدى. ◘ 9:10 ئ‍ەز. 5‏:11؛ 7‏:4؛ 8‏:18*