ئەزرا 10:1-44 UIGB2010 - Bible AI

1ئەزرا دۇئا قىلىپ، گۇناھىنى تونۇپ يىغلاپ خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتقان چاغدا، ئىسرائىللاردىن ناھايىتى چوڭ بىر جامائەت، ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يىغىلدى؛ كۆپچىلىكمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.

2ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەھىيەلنىڭ ئوغلى شېكانىيا ئەزراغا: ــ بىز خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ بۇ زېمىندىكى يات تائىپىلەردىن خوتۇن ئاپتۇق. ھالبۇكى، ئىسرائىل ئۈچۈن يەنىلا ئۈمىد بار؛

3بىز ئەمدى خۇدايىمىز بىلەن ئەھدىلىشەيلى، خوجامنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن بۇ خوتۇنلارنى ۋە ئۇلاردىن تۆرەلگەن پەرزەنتلەرنى يولغا سېلىپ قويايلى. ھەممە ئىش تەۋرات قانۇنى بويىچە قىلىنسۇن.

4تۇر! بۇ ئىش ساڭا باغلىقتۇر، بىز سېنى قوللايمىز؛ جۈرئەتلىك بولۇپ ئىشنى ئادا قىلغىن، ــ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ، كاھىنلارنىڭ لاۋىيلارنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ باشلىقلىرىنى شۇ سۆز بويىچە ئىش قىلىمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكە ئۈندىدى، ئۇلار قەسەم ئىچتى.

6ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدىن قوپۇپ ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى يەھوھاناننىڭ ئۆيىگە كىردى؛ ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەندە غىزامۇ يېمىدى، سۇمۇ ئىچمىدى، چۈنكى ئۇ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىناتتى.

7شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە جاكارلىنىپ، يېرۇسالېمغا يىغىلىڭلار،

8ئەمىرلەر ۋە ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتى بويىچە، كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېتىپ كەلمىسە، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ جامائىتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، دەپ، جاكارنامە چىقىرىلدى. ◼ 10:8 +bd «ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «مۇسادىرە قىلىنىش» دېگەننىڭ مەنىسى «مۇتلەك خۇداغا ئاتىلىشى كېررەك» («لاۋ.» 28:27).* ◘ 10:8 لاۋ. 28:27*

9شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى بارلىق ئەرلەر ئۈچ كۈنگىچە يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولدى. ئۇ توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى ئىدى؛ بارلىق خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى مەيدانغا كېلىپ ئولتۇردى، كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن قورقاچقا، شۇنىڭدەك قاتتىق ياغقان يامغۇر تۈپەيلىدىن، تىترەپ كېتىشتى.

10كاھىن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ يات تائىپىلەرنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاشۇردۇڭلار.

11ئەمدى سىلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىڭلارنى تونۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇ زېمىندىكى تائىپىلەردىن ۋە بۇ يات ئەللىك خوتۇنلىرىڭلاردىن ئارىنى ئوچۇق قىلىڭلار، دېدى.

12پۈتۈن جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بېرىپ: ــ ماقۇل، بىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ گەپلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.

13بىراق ئادەملەر بەك كۆپ، يەنە كېلىپ يامغۇر پەسلى بولغاچقا تالادا تۇرالمايمىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، چۈنكى بىزدە بۇ ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلار ناھايىتى كۆپتۇر! ◼ 10:13 +bd «چۈنكى بىزدە بۇ ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلار ناھايىتى كۆپتۇر!»+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «چۈنكى بىز بۇ ئىشتا بەك ئېغىر ئىتائەتسىزلىك قىلغانمىز».*

14خۇدانىڭ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى كەلگەن قاتتىق غەزىپىنىڭ بىزدىن كەتكۈچە، باشلىقلىرىمىز پۈتكۈل جامائەتكە ۋەكىل بولۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن؛ بىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىمىزدە يات ئەللەردىن خوتۇن ئالغانلارمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقال ۋە ھاكىملىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلسۇن، ــ دېدى.

15بۇ ئىشقا پەقەت ئاساھەلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياھزىيا قارشى چىقتى، مەشۇللام بىلەن لاۋىي شاببىتاي ئۇلارنى قوللىدى.

16شۇنىڭ بىلەن سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئەنە شۇنداق قىلدى. كاھىن ئەزرا ۋە ئاتا جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولغانلار جەمەتى بويىچە بۇ ئىشقا ئايرىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملاندى. ئۇلار ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى.

17ئۇلار يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغان ئەرلەرنىڭ سورىقىنى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تۈگەتتى.

18كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلاردىن مۇشۇلار چىقتى: ــ يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مائاسېياھ، ئەلىئېزەر، يارىب، گەدالىيا.

19ئۇلار خوتۇنلىرىمىزنى يولغا سېلىپ قويىمىز دەپ قەسەم قىلىپ* قول بېرىشتى ۋە گۇناھى ئۈچۈن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىسىدىن بىر قوچقارنى سۇندى.

20ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھانانى بىلەن زەبادىيا؛

21ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە مائاسېياھ، ئېلىياھ، شېمايا، يەھىيەل ۋە ئۇززىيا؛ ◼ 10:21 +bd «ئېلىياھ»+bd* ــ بۇ ئىسىم ئەرەب تىلىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا «ئىلىياس» دېيىلىدۇ.*

22پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، مائاسېياھ، ئىسمائىل، نەتانەل، يوزاباد ۋە ئەلاساھ.

23لاۋىيلار ئىچىدە يوزاباد، شىمەي، كېلايا («كېلىتا»مۇ دېيىلىدۇ)، پىتاھىيا، يەھۇدا بىلەن ئەلىئېزەر؛

24غەزەلكەشلەر ئىچىدە ئەلىياشىب؛ دەرۋازىۋەنلەر ئىچىدە شاللۇم، تەلەم، ئۇرى.

25ئىسرائىللاردىن: ــ پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن رامىيا، يىززىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلىئازار، مالكىيا، بىنايا؛

26ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتانىيا، زەكەرىيا، يەھىيەل، ئابدى، يەرىموت بىلەن ئېلىياھ؛

27زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، ئەلىياشىب، ماتتانىيا، يەرىموت، زاباد بىلەن ئازىزا؛

28بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھوھانان، ھانانىيا، زابباي بىلەن ئاتلاي؛

29بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشۇللام، ماللۇق، ئادايا، ياشۇب، شېئال بىلەن راموت؛ ◼ 10:29 +bd «راموت»+bd* ــ ياكى «يەرەموت».*

30پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئادنا، جىلال، بىنايا، مائاسېياھ، ماتتانىيا، بەزالەل، بىننۇئىي بىلەن ماناسسەھ؛

31ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلىئېزەر، يىسشىيا، مالكىيا، شېمايا، شىمېئون،

32بىنيامىن، ماللۇق ۋە شەمارىيا؛

33خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتىناي، ماتتاتاھ، زاباد، ئەلىفەلەت، يەرەماي، ماناسسەھ ۋە شىمەي؛

34بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماداي، ئامرام، ئۇئەل،

35بىنايا، بەدىيا، كېلۇھاي،

36ۋانىيا، مەرەموت، ئەلىياشىب،

37ماتتانىياھ، ماتتىناي، يائاسۇ،

38بانى، بىننۇئىي، شىمەي،

39شەلەمىيا، ناتان، ئادايا،

40ماكنادىباي، شاشاي، شاراي،

41ئازارەل، شەلەمىيا، شەمارىيا،

42شاللۇم، ئامارىيا، يۈسۈپ؛

43نېبونىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەئىيەل، ماتتىتىياھ، زاباد، زېبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا.

44بۇلارنىڭ ھەممىسى يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلار ئىدى، ۋە شۇنىڭدەك ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ خوتۇنلىرى پەرزەنتمۇ كۆرگەنىدى. ◼ 10:44 +bd «ۋە شۇنىڭدەك ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ خوتۇنلىرى پەرزەنتمۇ كۆرگەنىدى»+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ــ «... ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوتۇنلىرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى يولغا سېلىۋەتتى». بۇ ئايەتنىڭ تېكىستتە كەمتۈكلۈك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەنىسى ئېنىق ئەمەس.* تەۋرات دەۋرىنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىدىغان خەرىتە|src="geographicalsummaryot-uara-01.jpg" size="span" ref="«ئ‍ەزرا» 10" *

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>