ئەزرا 3:1-12 UIGB2010 - Bible AI

1ئىسرائىل خەلقى ھەرقايسىسى ئۆز شەھەرلىرىدە ماكانلاشقانىدى؛ يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، خەلق بىر ئادەمدەك بولۇپ يېرۇسالېمغا يىغىلدى.

2يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى، شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى مۇسا پۈتكەن قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ قۇربانگاھىنى سېلىشقا كىرىشتى. ◘ 3:2 قان. 12‏:5، 6*

3گەرچە ئۇلار شۇ يەرلىك خەلقلەردىن قورقسىمۇ، لېكىن قۇربانگاھنى ئەسلىدىكى ئۇلى ئۈستىگە سېلىپ، ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە كىرىشتى. ◘ 3:3 چۆل. 28‏:3*

4ئۇلار يەنە مۇقەددەس قانۇندا* پۈتۈلگىنى بويىچە «كەپىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە مۇۋاپىق سان بويىچە كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇشاتتى. ◘ 3:4 لاۋ. 23‏:34؛ چۆل. 29‏:12*

5شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ھەر كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، يېڭى ئاي قۇربانلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق مۇقەددەس دەپ بېكىتىلگەن ھېيتلىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىدىغان ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ تۇراتتى. ◘ 3:5 چۆل. 28‏:11-15؛ نەھ. 10‏:34*

6شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشقا باشلىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى تېخى سېلىنمىدى.

7ئۇلار تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارغا پۇل تاپشۇردى ۋە شۇنداقلا پارس پادىشاھى قورەشنىڭ ئىجازىتى بىلەن زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلارغا كېدىر ياغىچىنى لىۋاندىن ئوتتۇرا* دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن يىمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىدى.

8جامائەت يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئايدا شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل، يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىنىڭ قالدىسى، شۇنىڭدەك سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ يېرۇسالېمغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىدى؛ ئۇلار يەنە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىككە قويدى.

9يەشۇئا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى، كادمىيەل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى نازارەت قىلىشقا بىر نىيەتتە ئاتلاندى؛ ھېنادادنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ۋە قېرىنداش لاۋىيلار ئۇلارغا ياردەملەشتى. ◼ 3:9 +bd «يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى»+bd* ــ «يەھۇدا» مۇشۇ يەردە بەلكىم «خوداۋىيا» دېگەن ئىسىمنىڭ ۋارىئانتى بولۇشى مۇمكىن (40:2نى كۆرۈڭ). +bd «بىر نىيەتتە ئاتلاندى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بىر ئادەمدەك بولۇپ ئورنىدىن تۇردى».*

10تامچىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا كاھىنلار خاس كىيىملىرىنى كىيىپ، كانايلىرىنى چېلىپ، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان لاۋىيلار جاڭ-جاڭ چېلىپ، ھەممىسى قاتار-قاتار سەپ بولۇپ تۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار داۋۇت بەلگىلىگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.

11ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆزئارا: ــ «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ھەمدۇسانا ۋە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنىپ بولغاچقا، خالايىق پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ توۋلاپ تەنتەنە قىلىشتى. ◘ 3:11 زەب. 136*

12لېكىن كاھىنلاردىن، لاۋىيلاردىن ۋە جەمەت باشلىقلىرىدىن نۇرغۇنلىرى، يەنى ئەسلىدە ئىلگىرىكى ئۆينى كۆرگەن نۇرغۇن قېرى ئادەملەر كۆز ئالدىدا سېلىنغان بۇ ئۆينىڭ ئۇلىغا قاراپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى؛ نۇرغۇن باشقا كىشىلەر خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلىپ توۋلاشتى؛ ◼ 3:12 +bd «ئۆينى كۆرگەن نۇرغۇن قېرى ئادەملەر ... ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى»+bd* ــ بەزىلەرنىڭ يىغلىشى خۇشاللىقتىن بولدى؛ بەزىلەرنىڭ «بۇ ئۆي ئەسلىدىكى ئويدەك ھەيۋەتلىك بولمايدىغان بولدى» دەپ ئويلاپ ھەسرەت-قايغۇدىن بولدى («ھاگ.» 3:2نى كۆرۈڭ).*

© 2010 Institute for Bible Translation
v>