ئەزرا 7:1-27 UIGB2010 - Bible AI

1شۇ ئىشلاردىن كېيىن پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئەزرا دېگەن كىشى بابىلدىن يېرۇسالېمغا چىقتى*. ئۇ سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى،

2ھىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى،

3ئاخىتۇب ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا مېرايوتنىڭ ئوغلى،

4مېرايوت زەراھىياھنىڭ ئوغلى، زەراھىياھ ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇككىنىڭ ئوغلى،

5بۇككى ئابىشۇئانىڭ ئوغلى، ئابىشۇئا فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىئازارنىڭ ئوغلى، ئەلىئازار بولسا باش كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى؛

6ــ ئەزرا دېگەن بۇ كىشى بابىلدىن قايتىپ چىقتى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇساغا نازىل قىلغان تەۋرات قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ نېمىنى تەلەپ قىلسا پادىشاھ شۇنى بەرگەنىدى. ◼ 7:6 +bd «قايتىپ چىقتى»+bd* ــ مۇقەددەس كىتابتا «يېرۇسالېمغا بېرىش»، ياكى «يېرۇسالېمغا كېلىش» دېگەن سۆز دائىم دېگۈدەك «يېرۇسالېمغا چىقىش» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (مەسىلەن، «يەر.» 6:31). +bd «پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا...»+bd* ــ تەۋراتتا «پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا» دېگەن سۆزلەر كۆپ يەرلەردە ئۇچرايدۇ، ئۇ: «پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەچكە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.*

7پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يەتتىنچى يىلى بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېرۇسالېمغا قايتىپ چىقتى. ◼ 7:7 +bd «ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەتىنىيلار». 43:2نى كۆرۈڭ.*

8ئەزرا* ئەمدى پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى بەشىنچى ئايدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.

9بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇ بابىلدىن چىقىشقا تەييارلاندى؛ خۇدانىڭ شەپقەتلىك قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.

10چۈنكى ئەزرا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى چۈشىنىپ تەھسىل قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئىچىدە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىشكە نىيەت قىلغانىدى.

11مانا بۇ پادىشاھ ئارتاخشاشتا كاھىن ھەم تەۋراتشۇناس ئەزراغا تاپشۇرغان يارلىق خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى: ــ (ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئائىت ئىشلارغا ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان بەلگىلىمىلىرىگە پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى): ــ

12«مەنكى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئارتاخشاشتادىن ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ مۇكەممەل تەۋرات-قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزراغا سالام! ◼ 7:12 +bd «خۇدانىڭ مۇكەممەل تەۋرات-قانۇنى»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «مۇكەممەل» دېگەن سۆزنىڭ باشقا تەرجىمىلەردىكى ئورنى بىزنىڭ تەرجىمىمىزدىكىگە ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن: ــ مەسىلەن «ئارتاخشاشتادىن... خۇدانىڭ قانۇنىغا +bd مۇكەممەل+bd* تەۋراتشۇناس بولغان كاھىن ئەزراغا...» ياكى «ئارتاخشاشتادىن... ئەزراغا +bd مۇكەممەل+bd* سالام (خاتىرجەملىك) بولغاي».*

13ئەمدى مەن شۇنداق يارلىق چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىيلىرىدىن كىملەر يېرۇسالېمغا بېرىشنى خالىسا، ھەممىسى سېنىڭ بىلەن بىللە بارسا بولىدۇ.

14چۈنكى سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يەتتە مەسلىھەتچىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىكەنسەن، قولۇڭدىكى خۇدانىڭ قانۇن كىتابىدا ئېيتىلغانلىرى بويىچە، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمغا تەكشۈرۈش-ھال سوراشقا ئەۋەتىلگەنسەن.

15سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا سۇنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىل (ئۇنىڭ ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر)؛ ◘ 7:15 ئەزرا 8‏:25*

16شۇنىڭدەك قولۇڭ پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىدە قانچىلىك ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاپالىسا، شۇنى خەلق ۋە كاھىنلار يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە تەقدىم قىلىشقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەن سوۋغاتلارغا قوشۇپ ئاپارغىن.

17سەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قۇربانلىقلار ئۈچۈن تورپاق، قوچقار، قوزا ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم شاراب ھەدىيەلىرى سېتىۋېلىپ، بۇلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇربانگاھقا سۇنغىن.

18قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سەن ۋە جەمەتىڭدىكىلەرگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، خۇدايىڭلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە شۇنداق قىلىڭلار.

19سېنىڭ خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ساڭا بەرگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئالدىغا قوي.

20ئەگەر شۇنىڭدەك ساڭا خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى قالغان ئىشلارغا چىقىم قىلىدىغانغا نېمە خىراجەت كېرەك بولسا، سەن پادىشاھ خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكىن.

21شۇنىڭ بىلەن مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاشتادىن دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدىكى بارلىق خەزىنە بەگلىرىگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىمەنكى، ئاسماندىكى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنىڭ ئالىمى بولغان كاھىن ئەزرا سىلەردىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، سىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك بېجىرىڭلار.

22ئۇنىڭ ئالىدىغىنى كۈمۈش يۈز تالانتقىچە، بۇغداي يۈز كورغىچە، شاراب يۈز باتقىچە، زەيتۇن مېيى يۈز باتقىچە بولسۇن، تۇزغا چەك قويۇلمىسۇن. ◼ 7:22 +bd «كۈمۈش يۈز تالانتقىچە، بۇغداي يۈز كورغىچە، شاراب يۈز باتقىچە،...»+bd* ــ بىر «تالانت»نىڭ توپتوغرا قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىر بىزگە نامەلۇم، بەلكىم 45 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭا 100 تالانت كۈمۈش بەلكىم 4 توننىچە بولاتتى؛ بىر «كور» 220 لىتر، 100 كور بۇغداي 30 توننا، بىر «بات» 22 لىتر، 100 بات 2200 لىتر بولاتتى.*

23ئاسمانلاردىكى خۇدا نېمىنى ئەمر قىلسا، شۇ ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن بېجىرىلسۇن؛ نېمىشقا خۇدانىڭ* غەزىپىنى پادىشاھ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىقىغا چۈشۈرگۈدەكمىز؟

24بىز شۇنىمۇ سىلەرگە مەلۇم قىلىمىزكى، ئومۇمەن كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ بۇ ئۆيىدە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن باج، ئولپان ۋە پاراق ئېلىشقا بولمايدۇ.

25ئەمدى سەن ئەي ئەزرا، خۇدايىڭنىڭ سەندە بولغان ھېكمىتىگە ئاساسەن، دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدە خۇدايىڭنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى بىلگەن، بارلىق خەلقنىڭ دەۋاسىنى سورايدىغان، ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان سوراقچى ۋە ھاكىملارنى تەيىنلىگىن؛ ۋە تەۋرات-قانۇنىنى بىلمەيدىغانلارغا بولسا، ئۇلارغا بۇلارنى ئۆگىتىڭلار. ◼ 7:25 +bd «ئەمدى سەن ئەي ئەزرا، خۇدايىڭنىڭ سەندە بولغان ھېكمىتىگە ئاساسەن...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەمدى سەن قولۇڭدا تۇتقان خۇدايىڭنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن...».*

26خۇدايىڭنىڭ قانۇنىغا ۋە پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئادالەتلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلسۇن؛ ئۇ ئۆلۈمگە، ياكى سۈرگۈنگە ياكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ۋە ياكى زىندانغا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلىنسۇن».

27ئەزرا مۇنداق دېدى* ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى،

© 2010 Institute for Bible Translation
v>