ئەستەر 3:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋېروش ئاگاگىيلاردىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلدى.

2پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمر قىلغاچقا، ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھاماننىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇراتتى؛ لېكىن موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى. ◼ 3:2 +bd «...موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى»+bd* ــ موردىكاينىڭ تەزىم قىلماسلىقى ياكى باش ئۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى بەلكىم تەۋراتتىكى «قان.» 17:25-19دىكى خاتىرە تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك. ھامان ئامالەك ئىدى، ئامالەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ كونا رەقىبى ئىدى. ھامان ئەسلىدە سامۇئىل پەيغەمبەر ئۆلتۈرگەن ئامالەك بولغان ئاگاگ پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، بەلكىم يەھۇدىي خەلقىگە تېخىمۇ ئۆچ بولۇشى مۇمكىن («مىس.» 8:17-16، «1سام.» 17:15-23، «قان.» 17:25-19نى كۆرۈڭ).

3ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى موردىكايدىن: ــ سىلى نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىدىلا؟ ــ دەپ سورايتتى.

4شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار: ــ قېنى، موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ، دەپ بۇنى ھامانغا ئېيتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ◼ 3:4 +bd «موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ؟»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «موردىكاينىڭ ئىشلىرى تۇرالامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ؟» دېيىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «قېنى موردىكاي گېپىدە ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالامدىكىن، بىر كۆرەيلىچۇ؟».*

5ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى.

6لېكىن ئۇ «موردىكاينىڭ ئۈستىگە قول سېلىشنى كىچىككىنە بىر ئىش» دەپ ھېسابلىدى؛ چۈنكى ئۇلار موردىكاينىڭ مىللىتىنى ئۇنىڭغا دەپ قويغانىدى؛ شۇڭا ھامان ئاھاشۋېروشنىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقىدىكى يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى بىراقلا يوقىتىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى.

7پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، بىرسى ھاماننىڭ ئالدىدا قۇتلۇق* ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر ئاي بويىچە «پۇر»، يەنى چەك تاشلىۋىدى، ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى. ◼ 3:7 +bd ««پۇر»، يەنى چەك ... ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى»+bd* ــ چەكنىڭ ئون ئىككىنچى ئايغا چىقىشى ئىنتايىن ئاجايىب ئىش ئىدى. بىز شۇ ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*

8ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ.

9ئەگەر پادىشاھىمغا لايىق كۆرۈنسە، ئۇلارنى يوقىتىش توغرۇلۇق يارلىق پۈتۈپ چۈشۈرگەيلا؛ مانا مەن ئۆز يېنىمدىن ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە سېلىش ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، دېدى. ◼ 3:9 +bd «ئون مىڭ تالانت»+bd* ــ بىر «تالانت»نىڭ توپتوغرا قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىر بىزگە نامەلۇم، پارس ئىمپېرىيەسى بويىچە بەلكىم 43-45 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭا 10000 تالانت كۈمۈش بەلكىم ئاز دېگەندە 340 توننىچە بولاتتى؛ بۇ پەۋقۇلئاددە كۆپ پۇل پادىشاھنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا باراۋەر بولۇپ، پارا ھېسابلىناتتى؛ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ پارا بەلكىم يەھۇدىي خەلقى يوقىتىلسا، ئۇلار تاپشۇرىدىغان باجلارنىڭ ئورنىغا بولسۇن دەپ بېرىلگەن؛ لېكىن ئۇ يەھۇدىيلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ھامان «خەلق»نىڭ يەھۇدىي خەلقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمىدى؛ چۈنكى بۇرۇنقى پارس ئىمپېراتورلىرى يەھۇدىي خەلقىگە چوڭ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى.*

10شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارمىقىدىن ئۈزۈكنى سىيرىپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ رەقىبى، ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بېرىپ:

11ــ شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم، ئۇ خەلقنىمۇ ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇلارنى قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل! ــ دېدى. ◼ 3:11 +bd «شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى بۇ سېنىڭ پۇلۇڭ بولغاندىن كېيىن، قوبۇل قىلاي».*

12ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ كاتىپلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى.

13يارلىق مەكتۇپلىرى چاپارمەنلەرنىڭ قولى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلدى؛ ئۇنىڭدا بىر كۈن ئىچىدە ــ ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى قېرى-ياش، بالىلار ۋە ئاياللار دېمەي، بارلىق يەھۇدىيلارنى قويماي قىرىپ، ئۆلتۈرۈپ، نەسلى قۇرۇتۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قىلىنسۇن، دېيىلگەنىدى.

14شۇ يارلىق ھەربىر ئۆلكىدە جاكارلىنىش ئۈچۈن، شۇنداقلا شۇ كۈنى ھەربىر خەلق شۇنداق قىلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھەربىر ئەل-مىللەتكە ئېلان قىلىنماقچى بولدى.

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>