1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلارغا سالام! ◼ 1:1 +bd «ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلار...»+bd* ــ «مۇقەددەس بەندىلەر»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق بولسۇنكى، مۇقەددەس كىتابتا «مۇقەددەس» دېگەن سۆز ھەردائىم «خۇداغا خاس»، «خۇداغا تولۇق ئاتالغان»، «پاك-مۇقەددەس» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.* ◘ 1:1 رىم. 1:7؛ 1كور. 1:2؛ 2كور. 1:1. *
2ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! ◘ 1:2 گال. 1:3؛ 1پېت. 1:2. *
3بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى مۇبارەك بولغاي! ◼ 1:3 +bd «ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر»+bd* ــ ياكى «ئەرشتىكى يەرلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر». +bd «بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى...»+bd* ــ خۇدانىڭ نەزىرىدە، ئىشەنگۈچىلەر روھىي جەھەتتىن ئاللىقاچان «مەسىھ بىلەن ئەرشلەردە ئولتۇرغان»دۇر. 20-ئايەتنى كۆرۈڭ.
4چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ ◼ 1:4 +bd «...ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى...»+bd* ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» 5-ئايەتكە باغلىق. 5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 1:4 لۇقا 1:75؛ يـۇھ. 15:16؛ ئەف. 5:27؛ كول. 1:22؛ 2تىم. 1:9؛ تىت. 2:12. *
5ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛ ◼ 1:5 +bd «ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى..»+bd* ــ بەزى تەرجىمىلىرىدە 4-ئايەتتتىكى «مۇھەببەت ئىچىدە» ياكى «مۇھەببەت بىلەن» بۇ 5-ئايەتكە باغلانغان. دېمەك، 5-4-ئايەت: «چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ ئۇ مۇھەببەت بىلەن ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛» دېيىلىدۇ.*
6بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى. ◼ 1:6 +bd «ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى»+bd* ــ «ئۆز سۆيگىنى» ــ ئوغلى ئەيسا مەسىھتۇر.* ◘ 1:6 مات. 3:17. *
7بىز ئۇنىڭدا ئاتىنىڭ* مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق؛ ◼ 1:7 +bd «بىز ئۇنىڭدا ئاتىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق...»+bd* ــ «ئۇنىڭدا» ــ مەسىھتە. +bd «قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىش»+bd* ــ گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئادەتتە قۇلنى ھۆر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ شاپائەتچى پۇل بېرىپ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ ئەركىن قىلىدۇ. روسۇل ئېيتقان بۇ قۇللۇق، گۇناھنىڭ ۋە جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىگە ئەسىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنجىلدىكى «ھۆر قىلىش» («ئاپولۇتروسىس») تەۋراتتىكى «ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزۇش» («گوئەل») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.* ◘ 1:7 روس. 20:28؛ كول. 1:14؛ ئىبر. 9:12؛ 1پېت. 1:18. *
8ئۇ بۇ مېھىر-شەپقەتنى* بارلىق دانالىق ھەم پەم-پاراسەت بىلەن بىزگە زور تارتۇقلىدىكى،
9-10 ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە ئىرادىسىدىكى سىرنى، يەنى ۋاقىت-زامانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى؛ ◼ 1:9-10 +bd « ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە»+bd* ــ ياكى «ئۇ مەسىھتە بېكىتكەن ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە...». گرېك تىلىدا پەقەت «ئۇنىڭدا پۈككەن...» ياكى «ئۆزىدە پۈككەن...» دېيىلىدۇ. +bd «... بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ، ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى»+bd* ــ «... بارلىخ مەۋجۇداتلارغا... مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا پەقەت ئۈچ سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى:
11ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛ ◼ 1:11 +bd «ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان»+bd* ــ «ئۇنىڭدا» ــ «مەسىھتە». +bd « بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان»+bd* ــ ياكى «بىز بىر مىراسقا ئىگە بولغان». +bd «بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچى»+bd* ــ خۇدا.* ◘ 1:11 رىم. 8:17. *
12شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛ ◼ 1:12 +bd «شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق»+bd* ــ «مەسىھنى ئاۋۋال تايانچى قىلغان بىزلەر» بەلكىم مەسىھكە بىرىنچى بولۇپ ئەگەشكەن يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم يەھۇدىي ئەمەسلەر، ئۇلار كېيىن ئىشەنگەن.*
13ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ــ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. ◼ 1:13 +bd «... ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار»+bd* ــ «مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلىنىش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 1:13 رىم. 8:15؛ 2كور. 1:22؛ 5:5؛ ئەف. 4:30. *
14خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ. ◼ 1:14 +bd «خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ»+bd* ــ «كاپالەت» توغرۇلۇق: بۇ ئايەت تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ: ــ
15شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ◼ 1:15 +bd «شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا 15-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەر پەقەت ئۇزۇن بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەنگەن. چۈشۈنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلدۇق.* ◘ 1:15 فىل. 1:3؛ كول. 1:3؛ 1تېس. 1:2؛ 2تېـس. 1:3. *
16دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛
17تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي، ◼ 1:17 +bd «شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا»+bd* ــ گرېك تىلىدا «شان-شەرەپنىڭ ئاتىسى» ــ پاۋلۇس شۇ سۆز بىلەن: «مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆزى «خۇدانىڭ شان-شەرىپىدۇر»» دەپ كۆرسەتمەكچى بولسا كېرەك. +bd «سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي»+bd* ــ «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلىش»: قايسى روھ كۆرسىتىلىدۇ؟ كۆزقارىشىمىزچە ئۇ «مۇقەددەس روھ» ئەمەس؛ چۈنكى خۇدا ئۇلارغا مۇقەددەس روھنى ئاللىقاچان ئاتا قىلغان (13-14). بىزنىڭچە، ئېتىقاچىلارنىڭ ئۆز روھىنى كۆرسىتىدۇ. روسۇل ئۇلاردا «دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھ» بولسۇن، دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئالايلۇق، مەن بىرسى ئۈچۈن «خۇدا سىزگە سالامەت بىر تەن ئاتا قىلغاي» دەپ تىلىسەم، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاللىقاچان تېنى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن تېلىكىم ئۇنىڭدا ساغلام تەن بولسۇن ئۈچۈندۇر. دېمەك، پاۋلۇسنىڭ بۇ دۇئاسىنىڭ مەنىسى: «خۇدا ھەربىرىنىڭ روھىنى «دانالىق ھەم ۋەھىي قوبۇل قىلغۇدەك بىر روھ» قىلسۇن، دېگەنلىكتۇر.*
18شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ◼ 1:18 +bd «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكى..»+bd* ــ باشقا بىرجىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ شەرەپلىك مىراسى..». لېكىن بىزنىڭچە «ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىد»، «مىراسى» ۋە 19-ئايەتتىكى «ھېسابسىز كۈچى»نىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى خۇداغا تەۋەدۇر، شۇڭا «مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان مىراسى»نى «خۇدانىڭ ئۆز مىراسى» دەپ قارايمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
19ۋە ئۇنىڭ ئىشەنگۈچى بىزلەرگە زور كۈچى بىلەن قاراتقان قۇدرىتىنىڭ ھېسابسىز بۈيۈكلۈكىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر؛ ◘ 1:19 كول. 2:12. *
20دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ ◼ 1:20 +bd «دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگىنىدە دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ ۋە ئۇنى ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىدا ئولتۇرغۇزۇپ،...».* ◘ 1:20 زەب. 110:1؛ روس. 2:34؛ 1كور. 15:25؛ كول. 3:1؛ ئىبر. 1:3؛ 10:12؛ 1پېت. 3:22. *
21پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ ◼ 1:21 +bd «پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ... بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپ...»+bd* ــ بۇ يەردە كۆرسىتىۋاتقىنى مەيلى ياخشىنىڭ بولسۇن، ئەسكىنىڭ (جىن-شەيتانلارنىڭ) بولسۇن، ھەرقانداق «ھۆكۈمرانلىق، ھوقۇق، كۈچ-قۇدرەت، خوجايىنلىق ۋە ... نام-شەرەپلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.*
22بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. ◼ 1:22 +bd «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان»+bd* ــ ئادەمنى ھەيران قىلارلىقى شۇكى، مۇشۇ ئايەتلەردە خۇدانىڭ مەسىھنى ھەممە مەۋجۇداتقا باش قىلغانلىقى +bd جامائەتنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن+bd* بولغان، دېيىلگەن.* ◘ 1:22 زەب. 8:6؛ مات. 28:18؛ 1كور. 15:27؛ ئىبر. 2:8. *