ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 4:1-31 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى شۇ سەۋەبلەردىن، رەبنىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى، خۇدانىڭ* سىلەرنى چاقىرغان بۈيۈك* چاقىرىقىغا لايىق ھالدا مېڭىشلىرىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ◘ 4:1 يار. 17‏:1؛ 1كور. 7‏:20؛ فىل. 1‏:27؛ كول. 1‏:10؛ 1تېس. 2‏:12. *

2ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن، بىر-بىرىڭلارغا مۇھەببەت ئىچىدە كەڭ قورساق بولۇپ، ◼ 4:2 +bd «ھەممە ئىشتا كەمتەرلىك ۋە يۇۋاش-مۇلايىملىق بىلەن، سەۋرچانلىق بىلەن...»+bd* ــ ئىنجىلدا «يۇۋاش-مۇلايىملىق»نىڭ ئالاھىدىلىكى بار؛ ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچتىن كۈچلۈكلەرگە يول قويىدىغان ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ يولىدا تالاش-تارتىشلاردىن قول ئۈزۈش، خۇدانىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنى زوراۋانلىقسىز، جېدەلسىز توغرا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىمان باغلاشتۇر؛ مۇشۇنداق پوزىتسىيە مۇلايىم، يۇۋاشلىق بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.* ◘ 4:2 كول. 1‏:11؛ 3‏:12؛ 1تېس. 5‏:14. *

3ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ رىشتىسى بىلەن، روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن*. ◼ 4:3 +bd «... روھتا بولغان بىرلىكنى تۇتۇشقا ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن»+bd* ــ «روھتا» ــ خۇدانىڭ روھىدا، مۇقەددەس روھتا.*

4تەن بىردۇر، روھ بىردۇر، ــ خۇددى چاقىرىلغىنىڭلاردا، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئۈمىدكە چاقىرىلغىنىڭلاردەك، ــ

5رەب بىردۇر، ئىمان-ئېتىقاد بىردۇر، چۆمۈلدۈرۈلۈش بىردۇر، ◘ 4:5 قان. 4‏:39؛ مال. 2‏:10؛ 1كور. 8‏:4، 6؛ لۇقا 12‏:50*

6ھەممىنىڭ خۇدائاتىسى بىردۇر؛ ئۇ بولسا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ھەممىنى يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر. ◼ 4:6 +bd «ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ھەممىنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر» (ياكى «ھەممىنىڭ ئىچىدىدۇر» ياكى «ھەممىڭلارنىڭ ئىچىدە بولغۇچىدۇر») دېيىلىدۇ. 4-7-ئايەتلەر كۆرسەتكەن بىرلىكلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە مۇزاكىرە قىلىمىز.*

7شۇنداقتىمۇ ھازىر ھەربىرىمىزگە مەسىھنىڭ ئىلتىپاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە شەپقەت تەقدىم قىلىنغاندۇر؛ ◘ 4:7 رىم. 12‏:6؛ 1كور. 12‏:11؛ 2كور. 10‏:13؛ 1پېت. 4‏:10. *

8شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا* ئېيتقىنىدەك: ــ

9ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، ئاۋۋال* يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ◼ 4:9 +bd «ئەمدى «كۆتۈرۈلگەن» زات بولسا، ئاۋۋال يەرنىڭ تېگىگە چۈشكەن زاتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تېگىگە (گرېك تىلىدا «تەگلىرىگە») چۈشكەن»لىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ «زەب.» 15:139نى كۆرۈڭ. بۇ زەبۇردىكى كۈي بويىچە «يەرنىڭ تەگلىرى» بولسا ئىنساننىڭ تۈپ تەبىئىتى شەكىللەندۈرۈلگەن جاي بولۇپ، مەسىھنىڭ «يەرنىڭ تەگلىرىگە چۈشۈش»ى بەلكىم دەل ئىنساننىڭ تەبىئىتىنىڭ تۈپ مەسىلىسىنى، يەنى گۇناھلىق ماھىيىتىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ ئىبارە مەسىھ كرېستكە مىخلىنىشنىڭ چوڭقۇر ئازابلىرىدا بىر تەرەپ قىلغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار، مەسىھنىڭ «چۈشكەنلىكى»، ئۆلۈمدىن كېيىن روھىنىڭ تەھتىساراغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى بار.* ◘ 4:9 يـۇھ. 3‏:13؛ 6‏:62؛ زەب. 139‏:15*

10چۈشكەن زات بولسا بارلىق ئەرشلەردىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ مەقسىتى، ئالەمنىڭ بارلىقىنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت؛

11شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر. ◼ 4:11 +bd «شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، بۇ ئايەتتە ئېيتىلغان سوۋغاتلار (8-ئايەتنى كۆرۈڭ) «روھىي ئىلتىپاتلار» ئەمەس، بەلكى «روھىي ئىلتىپاتلار»غا ئىگە بولغان روھىي ئادەملەردۇر. مەسىھ مۇشۇنداق ئادەملەرنى جامائىتى ۋە دۇنيانى بەرىكەتلەش ئۈچۈن تەيىنلەيدۇ.* ◘ 4:11 1كور. 12‏:28. *

12بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت؛ ◼ 4:12 +bd «مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا ...»+bd* ــ «جۈملىدىن» ــ ياكى «يەنى» دەپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. +bd «بۇلارنىڭ مەقسىتى مۇقەددەس بەندىلەرنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە، جۈملىدىن مەسىھنىڭ تېنىنى قۇرۇپ چىقىشقا قوراللاندۇرۇپ كامالەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت»+bd* ــ دېمەك، روسۇللار، پەيغەمبەرلەر، خۇش خەۋەرچىلەر، باققۇچىلار ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر (11-ئايەت)نىڭ ۋەزىپىسى مەسىھنىڭ تېنى بولغان جامائەتنى خۇدانىڭ تولۇق خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بۇ «روھانىي ئادەملەر»لا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئۆز رولى بويىچە ۋەزىپىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكتۇر.

13ۋەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئېتىقادتا ھەم خۇدانىڭ ئوغلىنى تولۇق تونۇشتا بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە، كامىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغىچە، ــ يەنى مەسىھنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى گەۋدىلەنگەن قەددى-قامەت ئۆلچىمىگە يېتىشىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا؛

14شۇنداق بولغاندا، يەنە گۆدەك بالىلاردىن بولماي، ئادەملەرنىڭ قۇۋلۇقىدىن ئويلاپ چىققان ئالدامچى نىيەت-پىلانلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭىدىن چىققان تەلىماتىنىڭ دولقۇنلىرىدىن ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل شامىلىدا ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇلۇپ كەتمەيمىز؛ ◘ 4:14 مات. 11‏:7؛ 1كور. 14‏:2. *

15ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە بېرىلىپ ئىش كۆرۈپ، بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز؛ ◼ 4:15 +bd «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز»+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «... بېشىمىز بولغان مەسىھكە باغلىنىشتا ئۇنىڭغا (ياكى «ئۇنىڭ ئىچىگە») ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بولىمىز». دېمەك، «ئاللىقاچان ئۇنىڭ تېنىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ھالدا ... داۋاملىق ئۆسىدىغان...».* ◘ 4:15 ئ‍ەف. 5‏:23؛ كول. 1‏:18. *

16ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۈگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەنگەن ۋەزىپىنى ئۆتىشى بىلەن بارغانچە ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشلىمەكتە. ◼ 4:16 +bd «ئۇنىڭدىن پۈتكۈل تەن، ئەزالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەمىنلىگۈچى ھەربىر ئۈگە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ...»+bd* ــ «پۇتكۈل تەن» ــ جامائەتتۇر.* ◘ 4:16 رىم. 12‏:5؛ 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 2‏:21. *

17شۇڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، رەبتە ئۇنى تاپىلايمەنكى، يات ئەللەرنىڭكىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىمەنىلىكىدە ماڭغىنىدەك مېڭىۋەرمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ◘ 4:17 رىم. 1‏:9، 18؛ 1پېت. 4‏:3. *

18ئۇلار قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىدىن كېلىپ چىققان بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ ھاياتىدىن ئادا-جۇدا قىلىنىپ، چۈشەنچىسى قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن، ◘ 4:18 1تېس. 4‏:5. *

19ئار-نومۇسنى تاشلىۋېتىپ، نەپسانىيەتچىلىكى ئاۋۇپ ھەرخىل ئىپلاسلىقلارنى يۈرگۈزۈشكە، كەيپ-ساپاغا بېرىلگەن.

20ئەمما سىلەر بولساڭلار، مەسىھنى شۇنداق يولدا ئۆگىنىپ تونۇغان ئەمەسسىلەر ــ

21(ھەقىقەتنىڭ ئەيسادا بولغىنىدەك، ئۇنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغان، ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بولساڭلار) ــ

22دېمەك، ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، ◼ 4:22 +bd «ئىلگىرىكى تۇرمۇشۇڭلارغا خاس بولغان، ئالدامچى ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ ئۆزىنى بۇلغىغۇچى «كونا ئادەم»نى سېلىۋېتىپ، ...»+bd* ــ «كونا ئادەم» توغرۇلۇق «رىم.» 6:6 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.* ◘ 4:22 كول. 3‏:9؛ ئىبر. 12‏:1؛ 1پېت. 2‏:1. *

23ئوي-زېھنىڭلارنىڭ روھىدا يېڭىلىنىپ،

24خۇدانىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، ھەقىقەتتىن چىققان ھەققانىيلىقتا ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە يارىتىلغان «يېڭى ئادەم»نى كىيىۋېلىشىڭلار كېرەكتۇر. ◘ 4:24 رىم. 6‏:4؛ كول. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:2. *

25شۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى سېلىۋېتىپ، ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى؛ چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن بىر تەننىڭ ئەزالىرىدۇرمىز. ◘ 4:25 زەك. 8‏:16. *

26«ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار»؛ غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن؛ ◼ 4:26 +bd «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار»+bd* ــ «زەك.» 16:8، «زەب.» 4:4. بۇ ئايەت 25-ئايەتتىكى «ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى» دېگەن سۆز بىلەن باغلىقتۇر. بىر تەرەپتىن ئاچچىقىلىنىشقا تېگىشلىك سەۋەبى بولۇپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسا گۇناھ بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئادەمنى گۇناھقا باشلىشىمۇ مۇمكىن، شۇ تەرەپتىنمۇ ھېزى بولۇشى كېرەك. شۇڭا «ئاچچىقلىنىڭلار، ئەمما گۇناھ قىلماڭلار» دېيىلىدۇ. +bd «غەزىپىڭلار كۈن پاتقۇچە داۋام ئېتىۋەرمىسۇن»+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاچچىقلاشنىڭ سەۋەبى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىۋەرمىسۇن». ئەگەر بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، ئادەم ئۇنىڭغا زادى قانداق ئەمەل قىلىشى كېرەك؟ ــ بىزنىڭچە بۇ تەرجىمە مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەس.* ◘ 4:26 زەب. 4‏:4*

27ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار. ◼ 4:27 +bd «ياكى ئىبلىسقا ھېچ ئورۇن قويۇپ بەرمەڭلار»+bd* ــ «ئىبلىس» ــ شەيتان.* ◘ 4:27 ياق. 4‏:7؛ 1پېت. 5‏:9. *

28ئوغرى ئىككىنچى ئوغرىلىق قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە ئۇ مېھنەت قىلىپ ئىككى قولىغا تايىنىپ ھالال ئىش قىلسۇنكى، ھاجىتى بولغانلارغىمۇ بۆلۈپ بەرگۈدەك ئۆز تاپقىنى بولسۇن. ◘ 4:28 روس. 20‏:35؛ 1تېس. 4‏:11؛ 2تېـس. 3‏:8،12. *

29ئاغزىڭلاردىن ھېچقانداق ئىپلاس سۆز چىقمىسۇن، پەقەت ئاڭلىغۇچىلارغا شەپقەت يەتسۇن ئۈچۈن، ئېھتىياجقا ئۇيغۇن ۋە ئادەمنى قۇرۇپ چىقىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىڭلار. ◘ 4:29 مات. 12‏:36؛ ئ‍ەف. 5‏:3، 4. *

30خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛ ◼ 4:30 +bd «چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر»+bd* ــ «ھۆر-نىجات كۈنى» ــ 14:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 4:30 لۇقا 21‏:28؛ رىم. 8‏:16،23؛ 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13،14. *

31ئۆزۈڭلاردىن ھەرقانداق ئۆچ-ئاداۋەت، ئاچچىق-غەزەپ، قەھر، جېدەل-ماجىرالار، تىل-ئاھانەت ھەمدە ھەرخىل قارا نىيەتلەرنى نېرى قىلىڭلار؛ ◘ 4:31 كول. 3‏:19. *

rticle>