1بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. ◘ 6:1 كول. 3:20. *
2«ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» ــ بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ ◼ 6:2 +bd «ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە»+bd* ــ «مىس.» 12:20.* ◘ 6:2 مىس. 20:12؛ قان. 5:16؛ 27:16؛ مات. 15:4؛ مار. 7:10. *
3«شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» ــ دەپ ۋەدە قىلىنغان*. ◼ 6:3 +bd «شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن»+bd* ــ «مىس.» 12:20، «قان.» 16:5.*
4سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار. ◘ 6:4 قان. 6:7،20؛ زەب. 78:4؛ پەند. 19:8؛ 29:17. *
5سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛ ◼ 6:5 +bd «سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار»+bd* ــ ھەممىمىزنىڭ «ئەيمىنىش ۋە تىترەش» پوزىتسىيىسى بىلەن خۇدا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. «ئەيمىنىش ۋە تىترەش» ئىنساننىڭ ئالدىدا ئەمەس، خۇدانىڭ ئالدىدا بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.* ◘ 6:5 كول. 3:22؛ 1تىم. 6:1؛ تىت. 2:9؛ 1پېت. 2:18. *
6پەقەت كۆز ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئادەمنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى مەسىھنىڭ قۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى جان-دىل بىلەن بەجا كەلتۈرۈڭلار،
7ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى رەبگە چىن دىلىڭلاردىن خىزمەت قىلىڭلار؛
8شۇنى بىلگەنكى، ھەرقانداق ئادەم بىرەر ياخشىلىق قىلسا، مەيلى ئۇ قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، شۇ ئىش رەبدىن ئۇنىڭغا يانىدۇ.
9سىلەر خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغىمۇ ئوخشاش يول بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ خوجايىنىڭلار ئەرشتىدۇر، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلىسىلەر. ◘ 6:9 قان. 10:17؛ 2تار. 19:7؛ ئايۇپ 34:19؛ روس. 10:34؛ رىم. 2:11؛ گال. 2:6؛ كول. 3:25؛ 4:1؛ 1پېت. 1:17. *
10ئاخىردا، قېرىنداشلار، رەبدە ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە كۈچلەندۈرلۈڭلار؛
11ئىبلىسنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پۈتكۈل ساۋۇت-يارىغىنى كىيىۋېلىڭلار؛ ◘ 6:11 كول. 3:12؛ 1تېس. 5:8. *
12چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر. ◘ 6:12 ئەف. 2:2. *
13مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر. ◼ 6:13 +bd «رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر»+bd* ــ «رەزىللىك كۈنى» بەلكىم رەزىللىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان كۈن، شەيتاننىڭ كۈچى زور نامايان قىلىنىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ «ھازىرقى زامان»نىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئاخىر بېرىپ «مەسىھنىڭ كۈنى» «رەزىللىك كۈنى»نى تۈگەشتۈرىدۇ.* ◘ 6:13 2كور. 10:4. *
14-15 ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ــ ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار. ◘ 6:14-15 يەش. 59:17؛ لۇقا 12:35؛ 2كور. 6:7؛ 1پېت. 1:13. *
16بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر. ◼ 6:16 +bd «...بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار»+bd* ــ ياكى «...ھەممىدىن مۇھىمى ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار» ياكى «بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە، ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار».*
17ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛ ◼ 6:17 +bd «خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار»+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.* ◘ 6:17 يەش. 59:17؛ 1تېس. 5:8؛ ئىبر. 4:12؛ ۋەھ. 2:16. *
18ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛ ◼ 6:18 +bd «ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار»+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھ.* ◘ 6:18 لۇقا 18:1؛ رىم. 12:12؛ كول. 4:2؛ 1تېس. 5:17. *
19مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ــ ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي. ◘ 6:19 روس. 4:29؛ 2تېـس. 3:1. *
20مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە* دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا دۇئا قىلىڭلار*. ◘ 6:20 2كور. 5:20. *
21ئەمدى مېنىڭ توغرامدىكى ئىشلاردىن، مېنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋەرلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار بولغان تىكىكۇس سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. ◘ 6:21 روس. 20:4؛ كول. 4:7؛ تىت. 3:12. *
22مېنىڭ ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىڭلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلۈڭلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈندۇر. ◘ 6:22 2تىم. 4:12. *
23قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن بولغاي!
24رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي!