1ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: ــ بىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ قانائانىيلار بىلەن سوقۇشسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 1:1 +bd «ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى...»+bd* ــ مۇشۇ جۈملە «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىپ، «باتۇر ھاكىملار» دېگەن كىتابنىڭ «يەشۇئا» دېگەن كىتاب بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «يە.» 33:24-ئايەتنى كۆرۈڭ. مەزكۇر كىتاب «يەشۇئا» دېگەن كىتابنىڭ داۋامىدۇر.* ◘ 1:1 ھاك. 20:18*
2پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ يەھۇدا چىقسۇن؛ مانا، مەن زېمىننى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى. ◼ 1:2 +bd «يەھۇدا»+bd* ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.*
3ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدا ئاكىسى شىمېئونغا: ــ سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ، مەنمۇ ساڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا سەن بىلەن بىللە چىقىپ سوقۇشىمەن*، دېۋىدى، شىمېئون ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ◼ 1:3 +bd «شىمېئون»+bd* ــ مۇشۇ يەردە شىمېئون قەبىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «سەن مېنىڭ بىلەن بىللە قانائانىيلار بىلەن سوقۇشۇشقا، ماڭا چەك تاشلىنىپ مىراس قىلىنغان زېمىنغا چىقساڭ،....»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن»، «مەن»، «ماڭا»، «ئۇنىڭ» دېگەنلەر قەبىلىدىكى كۆپ ئادەملەرنى كۆرىستىدۇ.*
4يەھۇدا ئۇ يەرگە چىققاندا، پەرۋەردىگار قانائانىيلار ۋە پەرىززىيلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېزەك دېگەن جايدا ئۇلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، ئون مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى.
5ئۇلار بېزەكتە ئادونى-بېزەك دېگەن پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنى ئۇرۇپ قىردى. ◼ 1:5 +bd «ئادونى-بېزەك»+bd* ــ بەلكىم شۇ پادىشاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن؛ مەنىسى «بېزەكنىڭ ئەمىرى».*
6ئادونى-بېزەك قاچتى، ئۇلار قوغلاپ بېرىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىنى كېسىۋەتتى.
7شۇنىڭ بىلەن ئادونى-بېزەك: ــ ئەينى چاغدا قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقى كېسىۋېتىلگەن يەتمىش پادىشاھ داستىخىنىمنىڭ تېگىدىكى ئۇۋاقلارنى تېرىپ يېگەنىدى. مانا ئەمدى خۇدا مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، دېدى.
8يەھۇدالار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلغانىدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەنىدى. ◼ 1:8 +bd «...شەھەرنى ئىشغال قىلغانىدى... شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەنىدى»+bd* ــ بۇ ئىشلار ئالىقاچان يۈز بەرگەنىدى. يە. 63:15نى كۆرۈڭ.* ◘ 1:8 يە. 63:15*
9ئاندىن يەھۇدالار چۈشۈپ، تاغلىق رايون، جەنۇبدىكى نەگەۋ ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بىلەن سوقۇشتى. ◘ 1:9 يە. 10:36؛ 11:21؛ 15:13*
10ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى). ◼ 1:10 +bd «شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلار»+bd* ــ بۇ ئۈچ ئادەم گىگانت ئىدى («يە.» 14:15).
11ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى). ◘ 1:11 يە. 15:15-19.*
12كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى. ◘ 1:12 يە. 15:16-19*
13كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى.
14ۋە شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ* ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 1:14 +bd «ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن ... سورىدى»+bd* ــ بۇ ئىش سەل سىرلىق تۇيۇلىدۇ. نېمىشقا ئوتنىيەلنىڭ ئۆزى بۇ تەلەپنى قويمايدۇ؟ ئاكساھ تويغا بارغاندا ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارغان بولسا كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن ئوتنىيەلنىڭكىگە بارغاندا ئاكساھ ئۆزى ئالدىراپ كېتىپ بىۋاسىتە ئاتىسىغا شۇ تەلەپنى قويغان بولسا كېرەك.*
15ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق* يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. ◼ 1:15 +bd «سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «سەن ماڭا نەگەۋدىن يەر بەرگەنىكەنسەن...» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەبىر دېگەن شەھەر نەگەۋدە ئەمەس (نەگەۋ يەھۇدانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چۆللۈك ئىدى)؛ بەلكى تاغلىق رايوندا ئىدى. لېكىن ئەتراپىدا سۇ ئاز بولغاچقا، ئاكساھ شۇ يەرنى «نەگەۋدەك (دېمەك، قاغجىراق) بىر يەر» دەپ پۇرىتىدۇ.*
16مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ «خورمىلىق شەھەر»دىن چىقىپ ئارادنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى. ◼ 1:16 +bd «خورمىلىق شەھەر»+bd* ــ يېرىخونىڭ باشقا بىر نامى. يەشۇئا يېرىخو شەھىرىنى خارابە قىلغانىدى («يە.» 24:6)؛ شۇڭا «خورمىلىق شەھەر» مۇشۇ يەردە يېرىخونىڭ ئەتراپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. +bd «مۇسانىڭ قېينئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كېنىيلەر يەھۇداغا قوشۇلۇپ ... شۇ يەردىكى خەلق بىلەن بىللە تۇرغانىدى»+bd* ــ بۇ خەۋەرنى بېرىشنىڭ سەۋەبى كېنىيلەرنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە بولغان ئامراقلىقىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.*
17يەھۇدا بولسا ئاكىسى شىمېئون بىلەن بىللە بېرىپ، زەفات شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى ئۇرۇپ قىرىپ، شەھەرنى مۇتلەق ۋەيران قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئىسمى «خورماھ» دەپ ئاتالغان. ◼ 1:17 +bd «ھورماھ»+bd* ــ بۇنىڭ مەنىسى «ۋەيران قىلىش».*
18ئاندىن يەھۇدالار گازا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئاشكېلون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى، ئەكرون بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلىدى.
19پەرۋەردىگار يەھۇدا بىلەن بىللە بولغاچ، ئۇلار تاغلىق يۇرتنى مەغلۇپ قىلىپ ئالدى؛ لېكىن جىلغىدىكىلەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلمىدى. ◼ 1:19 +bd «...جىلغىدىكىلەر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تۆۋەن يۇرتتىكىلەر».*
20ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھېبروننى كالەبكە بەردى. شۇنىڭ بىلەن كالەب ئاناكنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتتى. ◘ 1:20 چۆل. 14:24؛ يە. 14:13*
21لېكىن بىنيامىنلار بولسا يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇۋاتقان يەبۇسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلمىدى؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار بىنيامىنلار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا.
22يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلگە ھۇجۇم قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى.
23يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى (ئىلگىرى شەھەرنىڭ نامى لۇز ئىدى). ◘ 1:23 يار. 28:19*
24چارلىغۇچىلار شەھەردىن بىر كىشىنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقىنىنى بايقاپ ئۇنىڭغا: ــ شەھەرگە كىرىدىغان يولنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭ، ساڭا شاپائەت كۆرسىتىمىز، ــ دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار بېرىپ شەھەردىكىلەرنى ئۇرۇپ قىلىچلىدى؛ لېكىن ئۇ ئادەم بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئامان قويدى. ◼ 1:25 +bd «... شۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويدى»+bd* ــ يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر شەھەرنى ئاللىقاچان قورشىۋالغانىدى؛ بۇ كىشى شەھەرگە كىرىدىغان مەخپىي يولنى كۆرسىتىپ قويغان ئوخشايدۇ.*
26ئۇ ئادەم كېيىن ھىتتىيلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە بىر شەھەر بەرپا قىلىپ، نامىنى لۇز دەپ ئاتىدى. تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ نامى شۇنداق ئاتالماقتا.
27لېكىن ماناسسەھلەر بولسا بەيت-شېئاننى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى، تائاناقنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەرنى ئىشغال قىلمىدى؛ ئۇلار دور ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، ئىبلېئام ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى، مېگىددو ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردىكى خەلقنى قوغلىۋەتمىدى، زېمىننى ئالمىدى؛ قانائانىيلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋېرىشكە بەل باغلىغانىدى. ◼ 1:27 +bd «ماناسسەھلەر»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.* ◘ 1:27 يە. 17:11، 12*
28ئىسرائىل بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمىدى.
29ئەفرائىملارمۇ گەزەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار گەزەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋەردى. ◼ 1:29 +bd «ئەفرائىملارمۇ...»+bd* ــ يۇقىرىقى 27-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. يۈسۈپ قەبىلىسى ماناسسەھ قەبىلىسى ۋە ئەفرائىم قەبىلىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى.* ◘ 1:29 يە. 16:10*
30زەبۇلۇن نە قىتروندا تۇرۇۋاتقانلارنى نە ناھالولدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن قانائانىيلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى. ◼ 1:30 +bd «ناھالول»+bd* ــ ياكى «ناھالال».*
31ئاشىر بولسا نە ئاككودا تۇرۇۋاتقانلارنى نە زىدوندا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى، شۇنداقلا ئاھلاب، ئاقزىب، ھەلباھ، ئافەك رەھوبلاردا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ قوغلىۋەتمىدى. ◼ 1:31 +bd «ئافەك»+bd* ــ ياكى «ئافىك».*
32شۇنىڭ بىلەن ئاشىرلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ ئۇلار قانائانىيلارنى ئۆز يېرىدىن قوغلىۋەتمىدى.
33نافتالىلار نە بەيت-شەمەشتە تۇرۇۋاتقانلارنى نە بەيت-ئاناتتا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا، يەنى قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى؛ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئاناتتىكى خەلق ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى.
34ئامورىيلار دانلارنى تاغلىق رايونغا مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارنى جىلغا-تۈزلەڭلىككە چۈشۈشكە يول قويمىدى.
35ئامورىيلار ھەرەس تېغى، ئايجالون ۋە شائالبىمدا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى؛ لېكىن يۈسۈپ جەمەتىنىڭ قولى كۈچەيگەندە، قانائانىيلار ئۇلارغا ھاشارچى مەدىكار بولدى.