باتۇر ھاكىملار 2:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگالدىن بوكىمغا كېلىپ: ــ مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ئېلىپ كېلىپ: «مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدەمنى ئەبەدگىچە بىكار قىلمايمەن؛ ◼ 2:1 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»+bd* ــ «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.* ◘ 2:1 يار. 17‏:7؛ مىس. 23‏:20-22؛ قان. 29‏:13، 14*

2لېكىن سىلەر بۇ زېمىننىڭ خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئەھدە باغلىماڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭلار كېرەك» ــ دېگەنىدىم؛ لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ◘ 2:2 قان. 7‏:2؛ 12‏:3*

3شۇڭا مەن شۇ چاغدا* سىلەرگە: «شۇنداق قىلساڭلار* ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرگە تور-تۇزاق بولىدۇ» ــ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم، ــ دېدى. ◼ 2:3 +bd «ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۇلار سىلەرنى قىلتاقلارغا چۈشۈرىدۇ».* ◘ 2:3 مىس. 23‏:33؛ 34‏:12؛ قان. 7‏:16؛ يە. 23‏:13*

4پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بارلىق ئىسرائىللارغا بۇلارنى دېگەندە، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى.

5شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «بوكىم» دەپ قويۇلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى. ◼ 2:5 +bd «بوكىم»+bd* ــ مەنىسى «يىغلىغۇچىلار». +bd «... ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى»+bd* ــ بۇ ئىشقا قارىغاندا، «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ئايان بولغان چاغدا، شۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلسا بولاتتى. ئادەتتە پەقەت خۇدا بېكىتكەن جايدىلا قۇربانلىق سۇنۇشقا بولاتتى («قان.» 5:12-14نى كۆرۈڭ).*

6يەشۇئا خەلقنى تارقىتىۋېتىۋىدى، ئىسرائىللار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىنغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ كېتىشتى. ◘ 2:6 يە. 24‏:28*

7يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە كارامەت ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ ئىسرائىل* خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى.

8ئەمدى نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى.

9ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. ◼ 2:9 +bd «تىمنات-سېراھ»+bd* ــ ياكى «تىمنات-ھەرەس».*

10بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ* ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ئۇلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىمۇ تونۇمايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنى بىلمىگەن بىر دەۋر پەيدا بولدى.

11شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ بائال-بۇتلارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى.

12ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئەتراپىدىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىدىن بولغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

13ئۇلار پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. ◼ 2:13 +bd ««ئاشەراھلار» +bdit ياكى ئاشەراھ بۇتلار+bdit*»+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم ئايال بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.*

14بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، خاراب قىلىنسۇن دەپ، ئۇ ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، يەنە ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمىدى. ◘ 2:14 زەب. 44‏:12-14؛ يەش. 50‏:1*

15ئۇلار قەيەرگە بارمىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى ئاپەت بىلەن ئۇردى، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلار تولىمۇ ئازابلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ◘ 2:15 لاۋ. 26؛ قان. 28*

16ئاندىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن* باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى* تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.

17شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۆز ھاكىملىرىغا قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە ئۇلار يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇندى؛ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماڭغان يولىدىن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىش يولىدىن تېزلا چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ھېچ ئىتائەت قىلمىدى.

18پەرۋەردىگار قاچانىكى ئۇلار ئۈچۈن باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزسا، پەرۋەردىگار ھامان شۇ باتۇر ھاكىم بىلەن بىللە بولاتتى، باتۇر ھاكىمنىڭ ھايات كۈنلىرىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاتتى؛ چۈنكى ئۇلارنى خارلاپ ئەزگەنلەر تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاھ-زارلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئىچىنى ئاغرىتاتتى.

19لېكىن باتۇر ھاكىم ئۆلۈپ كېتىشى بىلەنلا، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ، يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇشۇپ، ئۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىنمۇ زىيادە بۇلغايتتى؛ ئۇلار نە شۇ قىلمىشلىرىدىن توختىمايتتى، نە ئۆز جاھىل يولىدىن ھېچ يانمايتتى. ◘ 2:19 ھاك. 3‏:12*

20شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قاتتىق تۇتاشتى، ئۇ: ــ «بۇ خەلق مەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تاپىلىغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغىنى ئۈچۈن،

21بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەشۇئا ئۆلگەندە بۇ يۇرتتا قالدۇرغان تائىپىلەردىن ھېچبىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ ◘ 2:21 يە. 23‏:13*

22بۇنىڭدىكى مەقسەت، مەن شۇلار ئارقىلىق ئىسرائىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تۇتقاندەك، مەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن» ــ دېدى.

icle>