1شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى چىقىپ، جامائەت داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يىغىلىپ گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇلۇپ مىزپاھدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر ئادەمدەك بولدى. ◼ 20:1 +bd «داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يىغىلىپ، گىلېئاد زېمىنىنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇلۇپ...»+bd* ــ دان شەھىرى (29:18دە كۆرسىتىلگەن) زېمىننىڭ شىمالىي چېتىدە؛ بەئەر-شېبا شەھىرى بولسا زېمىننىڭ جەنۇبىي چېتىدە؛ «گىلېئاد» بولسا زېمىننىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چەت قىسمى ئىدى. دېمەك (بىنيامىن خەلقىدىن باشقا)، پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىزپاھقا يىغىلدى.*
2پۈتكۈل قوۋمنىڭ چوڭلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى خۇدانىڭ خەلقىنىڭ جامائىتى ئارىسىدا ھازىر بولدى. جامائەت جەمئىي بولۇپ تۆت يۈز مىڭ قىلىچ تۇتقان پىيادە ئەسكەر ئىدى
3(بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىدىن ئەمدى خەۋەر تاپقانىدى).
4ئۆلتۈرۈلگەن چوكاننىڭ ئېرى لاۋىي كىشى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ئۆز كېنىزىكىمنى ئېلىپ، بىنيامىننىڭ گىبېئاھ شەھىرىگە قونغىلى بارغانىدىم؛
5گىبېئاھنىڭ بەگلىرى كېچىدە ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى. ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى، كېنىزىكىمنى بولسا ئۇلار ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ◼ 20:5 +bd «...مېنى دەپ ئۆينى قورشىۋالدى»+bd* ــ ياكى «... مەن بار ئۆينى قورشىۋالدى».*
6شۇنىڭ بىلەن مەن كېنىزىكىمنىڭ جەسىتىنى پارچە-پارچە قىلىپ، كىشىلەرگە كۆتۈرتكۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ مىراسى بولغان زېمىننىڭ ھەربىر يۇرتىغا ئەۋەتتىم. چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە پاسىقلىق ۋە ئىپلاسلىق قىلدى.
7مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار».
8شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ: ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن،
9بەلكى بىز گىبېئاھقا شۇنداق قىلايلىكى: ــ بىز چەك تاشلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى؛
10بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىكىلەردىن يۈزنىڭ ئىچىدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خەلق ئۈچۈن ئوزۇق-تالقان يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق ئىپلاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇرسۇن، ــ دېيىشتى.
11شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بىر ئادەمدەك بولۇپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا توپلاندى.
12ئاندىن ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىننىڭ بارلىق جەمەتلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ: ــ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن بۇ رەزىللىك زادى نېمە ئىش؟
13ئەمدى گىبېئاھدىكى بۇ لۈكچەكلەرنى بىزگە تۇتۇپ بېرىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ، ئىسرائىلدىن رەزىللىكنى يوق قىلايلى، ــ دېدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى، ◼ 20:13 +bd «لۈكچەكلەر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) بالىلىرى».* ◘ 20:13 ھاك. 19:22؛ ھوش. 9:9؛ 10:9*
14بەلكى بىنيامىنلار ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن شەھەر-شەھەرلەردىن كېلىپ گىبېئاھدا يىغىلدى.
15ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىنلاردىن شەھەر-شەھەرلەردىن تىزىملانغانلار يىگىرمە ئالتە مىڭ قىلىچ تۇتقان ئەركەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گىبېئاھدىن خىللانغان يەتتە يۈز ئەسكەر بار ئىدى.
16بۇ پۈتكۈل قوشۇن ئارىسىدا خىللانغان يەتتە يۈز سولخاي ئەسكەر بولۇپ، سالغۇغا تاشنى سېلىپ نىشانغا ئاتسا، قىلچىمۇ قېيىپ كەتمەيتتى. ◘ 20:16 ھاك. 3:15*
17بىنيامىن قەبىلىسىدىن باشقا، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈۋىدى، قىلىچ تۇتقانلار تۆت يۈز مىڭ ئەركەك چىقتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەر ئىدى.
18ئىسرائىل قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ خۇدادىن: ــ بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ بىنيامىنلار بىلەن سوقۇشسۇن، دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ يەھۇدا ئاۋۋال* چىقسۇن، دېدى. ◼ 20:18 +bd «ئىسرائىل قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ خۇدادىن: ... دەپ سورىۋىدى»+bd* ــ بۇ ئايەتتىن قارىغاندا، خۇدانىڭ مۇقەددەس چېدىرى گەرچە شۇ يىللاردا شىلوھدا بولسىمۇ («يە.» 1:18، «ھاك.» 31:18، 12:21، «1سام.» 3:1نى كۆرۈڭ)، مەلۇم سەۋەبتىن (دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزلىرى تۈپەيلىدىن؟) بەيت-ئەلدە ۋاقىتلىق تۇرغۇزۇلغان ئوخشايدۇ (27-28ئايەتنى كۆرۈڭ).*
19شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئەتىسى سەھەر قوپۇپ گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىرگاھ تىكتى.
20ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقىپ، گىبېئاھنىڭ يېنىدا راسلىنىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزدى.
21شۇ كۈنى بىنيامىنلار گىبېئاھدىن چىقىپ، ئىسرائىلدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى.
22لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى جاسارەتكە كېلىپ، ئاۋۋالقى كۈنى سەپ تۈزگەن جايدا ئىككىنچى كۈنى يەنە سەپ تۈزدى.
23سەپ تۈزۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى* ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كەچ كىرگۈچە پەرياد قىلىپ يىغلاپ، پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىن نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقساق بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئىككىنچى كۈنى بىنيامىنلارغا يېقىن كېلىپ ھۇجۇم قىلدى.
25بىنيامىنمۇ ئىككىنچى كۈنى گىبېئاھدىن چىقىپ ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئون سەككىز مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچ تۇتقانلاردىن ئىدى.
26ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى پۈتۈن قوشۇن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىپ يىغلاپ، شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كەچكىچە روزا تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ئۆتكۈزدى.
27-28 شۇ كۈنلەردە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ، ھارۇننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىننىڭ نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقامدۇق ياكى توختاپ قالامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى؛ پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ چىقىڭلار، چۈنكى ئەتە مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى. ◼ 20:27-28 +bd «ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ ... ــ دەپ سورىدى»+bd* ــ شۇ چاغدا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگاردىن «يول سورىشى» شۈبھىسىزكى، باش كاھىن فىنىھاسنىڭ كاھىنلىق كىيىمىگە تاقالغان ئەفودتىكى «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ئارقىلىق ئىدى («مىس.» 28-بابنى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ).
29بۇنى ئاڭلاپ ئىسرائىل خەلقى گىبېئاھنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەرلەرنى پىستىرما قويدى؛ ◘ 20:29 يە. 8:4*
30ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ سەپ تۈزدى.
31بىنيامىن ئىسرائىل* خەلقىگە قارشى جەڭگە چىقىۋىدى، خەلق ئۇلارنى شەھەردىن ئازدۇرۇپ چىقتى. ئۇلار بەيت-ئەلگە چىقىدىغان يول ۋە گىبېئاھقا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە ھەم دالادا خەلقنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك ئۇرۇپ قىرغىلى تۇردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈردى.
32بىنيامىنلار: ــ ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك مەغلۇپ بولدى، ــ دېيىشتى. ئەمما ئىسرائىل: ــ بىزلەر قېچىپ ئۇلارنى شەھەردىن ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ، يوللارغا ئېلىپ چىقايلى، دەپ مەسلىھەتلىشىۋالغانىدى.
33شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۆز جايىدىن قوپۇپ بائال-تامارغا بېرىپ سەپ تۈزدى، پىستىرمىدا تۇرغان ئىسرائىللارمۇ ئۆز جايىدىن، يەنى گېبادىكى چىمەندىن چىقىپ كەلدى. ◼ 20:33 +bd «گېبادىكى»+bd* ــ ياكى «گىبېئاھدىكى». «گىبېئاھ» ۋە «گېنا» (ئا) ئوخشاش بىر جاي بولۇشى مۇمكىن، ياكى (ئە) بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن ئىككى جاي بولۇشى مۇمكىن. +bd «چىمەندىن چىقىپ كەلدى»+bd* ــ ياكى «غەرب تەرەپتىن چىقىپ كەلدى».*
34ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن سەرخىل ئون مىڭ كىشى گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، جەڭ قاتتىق بولدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە بالا يېقىنلاشقىنىنى بىلمەي قالدى.
35پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلغاچقا، ئۇلار ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن يىگىرمە بەش مىڭ بىر يۈز قىلىچ تۇتقان ئادەمنى ئۆلتۈردى.
36ئەمدى بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردى.
37ئۇ ۋاقىتتا پىستىرمىدىكىلەر تېزدىن ئاتلىنىپ گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ قىردى. ◼ 20:37 +bd «گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ...»+bd* ــ بۇ سۆزلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «گىبېئاھغىچە باشلامچىلىق قىلىپ».*
38ئىسرائىللار ئەسلىدە پىستىرمىدىكىلەر بىلەن ئالدىنئالا نىشان ئۈچۈن بەلگە بېكىتكەنىدى، يەنى شەھەرگە ئوت قويۇپ، قېلىن تۈتۈن تۈۋرۈكىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى بەلگە قىلىشقا كېلىشىۋالغانىدى.
39شۇڭا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇشتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەندە، بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ سوقۇپ، ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ: ــ مانا، ئىسرائىل ئاۋۋالقى جەڭدىكىدەك ئالدىمىزدا شەكسىز تارمار بولىدۇ، ــ دېيىشتى.
40لېكىن شەھەرنىڭ ئىچىدىن تۈتۈن تۈۋرۈك ئۆرلەپ چىققاندا، بىنيامىنلار كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا، پۈتكۈل شەھەر ئىس-تۈتەك بولۇپ ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
41شۇ ھامان ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ يېنىپ كەلدى، بىنيامىننىڭ ئادەملىرى بولسا: بىزگە بالا يېقىنلاشتى دەپ، ۋەھىمىگە چۈشتى.
42ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ چۆللۈككە ماڭىدىغان يول بىلەن قېچىپ كەتتى؛ لېكىن جەڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى؛ ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئادەملەر چىقىپ ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ھالاك قىلدى.
43شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىنيامىنلارنى قورشىۋالدى، ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى. ◼ 20:43 +bd «گېبا»+bd* ــ ياكى «گىبېئاھ». ئەمما شۇ زېمىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قارىغاندا ئۇ گېبا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار. +bd «...ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى»+bd* ــ بۇ سۆزلەرنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى نوھاھدىن قوغلاپ بېرىپ، گېباھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر يەردە چەيلەپ ئۆلتۈردى».*
44بۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلاردىن ئون سەككىز مىڭ كىشى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى.
45باشقىلىرى بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىممون قورام تېشىغا باردى؛ ئەمما ئىسرائىللار يوللاردا خۇددى باشاق تەرگەندەك ئۇلاردىن بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن گىدومغىچە قوغلاپ بېرىپ، يەنە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
46ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىگىرمە بەش مىڭ ئادەم ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلار بولۇپ، قىلىچ تۇتقانلار ئىدى.
47ھالبۇكى، ئۇلاردىن پەقەت ئالتە يۈز ئادەم قالغانىدى، ئۇلار بۇرۇلۇپ چۆل تەرەپكە قېچىپ، رىمموندىكى تىك يارغا باردى. ئۇلار رىمموندىكى تىك ياردا تۆت ئاي تۇردى. ◘ 20:47 ھاك. 21:13*