تارىخ-تەزكىرە «1» 1:1-53 UIGB2010 - Bible AI

1ئادەمئاتا، شېت، ئېنوش،

2كېنان، ماھالالېل، يارەد،

3ھانوخ، مەتۇشەلاھ، لەمەخ،

4نۇھ. نۇھتىن شەم، ھام، يافەتلەر تۆرەلگەن.

5يافەتنىڭ ئوغۇللىرى گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى.

6گومەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاشكىناز، دىفات ۋە توگارماھ ئىدى. ◼ 1:6 +bd «دىفات»+bd* ــ ياكى «رىفات» («يار.» 3:10نى كۆرۈڭ).*

7ياۋاننىڭ ئوغۇللىرى ئېلىشاھ، تارشىش ئىدى، كىتتىيلار بىلەن رودانىيلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.

8ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائان ئىدى. ◼ 1:8 +bd «مىسىر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مىزرائىم». +bd «پۇت»+bd* ــ پۇت لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولدى.*

9كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائامانىڭ ئوغلى شېبا ۋە دېدان ئىدى.

10كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى زەبەردەس بىر ئادەم بولۇپ چىقتى.

11مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار،

12پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.

13قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن.

14ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار،

15ھىۋىيلار، ئارقىيلار، سىنىيلار،

16ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى.

17شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ ئارامنىڭ ئوغۇللىرى* ئۇز، ھۇل، گەتەر، مەشەك ئىدى. ◼ 1:17 +bd «ئارامنىڭ ئوغۇللىرى»+bd* ــ «ئارامنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردىن يوقاپ كەتكەن. «يار.» 3:10 بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.*

18ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. ◼ 1:18 +bd «ئېبەر»+bd* ــ مەنىسى بەلكىم «(دەريادىن) ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» بەلكىم بۇ سۆزدىن چىققان.*

19ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. ◼ 1:19 +bd «پەلەگ»+bd* ــ دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى «بۆلۈنۈش»كە يېقىندۇر. «ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى» ــ ئۈچ ئىمكانىيەت بار: (1) بۇ سۆزلەر بابىل مۇنارىدىكى ۋەقەدە، خۇدانىڭ تىلنى بۆلۈشى بىلەن ئەللەرنىمۇ بۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا «يەر يۈزىدىكىلەر بۆلۈنۈپ كەتكەن»لىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەر-زېمىننىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 9:1 بويىچە يەر-زېمىن ئەسلىدە بىر قۇرۇقلۇق ئىدى، ئاندىن كېيىن چوقۇم مەلۇم ۋاقىتتا ھازىرقى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن)؛ (3) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىمكانىيەتنىڭ تەڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شۇ ئاخىرقى ئىمكانىيەتكە مايىلمىز.*

20يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ،

21ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ،

22ئېبال، ئابىمائەل، شېبا، ◼ 1:22 +bd «ئېبال»+bd* ــ «يار.» 28:10دە «ئوبال».*

23ئوفىر، ھاۋىلاھ، يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

24شەم، ئارفاخشات، شېلاھ،

25ئېبەر، پەلەگ، رەئۇ،

26سېرۇگ، ناھور، تەراھ،

27ئاندىن ئابرام دۇنياغا كەلدى (ئابرام بولسا ئىبراھىمنىڭ ئۆزى).

28ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئىدى. ◼ 1:28 +bd «ئىسمائىل»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىشمائىل».*

29تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت بولۇپ، قالغانلىرى كېدار، ئادبەئەل، مىبسام،

30مىشما، دۇماھ، ماسسا، ھاداد، تېما،

31يەتۇر، نافىش، قەدەماھ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

32ئىبراھىمنىڭ توقىلى كەتۇراھدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاھ ئىدى. يوقشاننىڭ ئوغۇللىرى شېبا بىلەن دېدان ئىدى. ◘ 1:32 يار. 25‏:1-6*

33مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا، ئەلدائاھ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى.

34ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئىسھاقنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ئىسرائىل ئىدى. ◼ 1:34 +bd «ئىسرائىل»+bd* ــ تۇنجى ئىسمى ياقۇپ، ئەلۋەتتە.* ◘ 1:34 يار. 25‏:24-27؛ 35‏:27-29*

35ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى ئېلىفاز، رېئۇئەل، يەئۇش، يائالام ۋە كوراھ ئىدى.

36ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى تېمان، ئومار، زەفى، گاتام، كېناز، تىمنا ۋە ئامالەك ئىدى. ◼ 1:36 +bd «زەفى»+bd* ــ ياكى «زەفو» ــ «يار.» 11:36نى كۆرۈڭ. +bd «تىمنا ۋە ئامالەك»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تىمنادىن بولغان ئامالەك». «يار.» 12:36نى كۆرۈڭ.*

37رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ناھات، زەراھ، شامماھ بىلەن مىززاھ ئىدى.

38سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى.

39ھورى بىلەن ھومام لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى). ◼ 1:39 +bd «تىمنا لوتنانىڭ سىڭلىسى»+bd* ــ بۇ «تىمنا» بەلكىم 36-ئايەتتىكى «تىمنا». 36-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

40شوبالنىڭ ئوغۇللىرى ئاليان، ماناھات، ئەبال، شەفى بىلەن ئونام ئىدى. زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى ئاياھ بىلەن ئاناھ ئىدى. ◼ 1:40 +bd «ئاليان»+bd* ــ ياكى «ئالۋان» ــ «يار.» 23:36نى كۆرۈڭ. +bd «شەفى»+bd* ــ ياكى «شېفو» ــ «يار.» 23:36نى كۆرۈڭ.*

41ئاناھنىڭ ئوغلى دىشون ئىدى. دىشوننىڭ ئوغۇللىرى ھامران، ئەشبان، ئىتران بىلەن كېران ئىدى. ◼ 1:41 +bd «ھامران»+bd* ــ «يار.» 23:36دە «ھەمدان».*

42ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى بىلھان، زائاۋان، يائاكان ئىدى. دىشاننىڭ ئوغۇللىرى ئۇز بىلەن ئارران ئىدى. ◼ 1:42 +bd «يائاكان»+bd* ــ «يار.» 27:36دە باشقا شەكلىدە «ئاكان» دەپ ئوقۇلىدۇ. +bd «دىشان»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «دىشون» تېپىلىدۇ. «دىشان» توغرىدۇر. 38-ئايەتنى ۋە «يار.» 28:36نى كۆرۈڭ.*

43ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولمىغان زامانلاردا، ئېدوم زېمىنىغا پادىشاھ بولغانلار مۇنۇ كىشىلەر: بېئورنىڭ ئوغلى بېلا؛ ئۇنىڭ پايتەختى دىنھاباھ دەپ ئاتىلاتتى.

44بېلا ئۆلگەندىن كېيىن بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

45يوباب ئۆلگەندىن كېيىن تەمانلارنىڭ يۇرتىدىن بولغان ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

46ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ھاداد دېگەن بۇ ئادەم موئاب دالاسىدا مىدىيانلارنى تارمار قىلغان، ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.

47ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

48ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن دەريا بويىدىكى رەھوبوتتىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ◼ 1:48 +bd «دەريا»+bd* ــ بەلكىم ئەفرات دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.*

49سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

50بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى پاي ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، مەي-زاھابنىڭ نەۋرىسى، ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. ◼ 1:50 +bd «پاي»+bd* ــ ياكى «پائۇ» ــ «يار.» 39:36نى كۆرۈڭ.*

51ئاندىن ھاداد ئۆلدى.

52ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى: قەبىلە باشلىقى تىمنا، قەبىلە باشلىقى ئالىيا ، قەبىلە باشلىقى يەتەت، قەبىلە باشلىقى ئوھولىباماھ، قەبىلە باشلىقى ئەلاھ، قەبىلە باشلىقى پىنون، ◼ 1:52 +bd «ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى»+bd* ــ بۇنىڭ ئاۋۋالقى خەۋەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەنەنىۋىي تەرتىپدىكى 1-ئايەتتىن 2-ئايەتكە كۆچۈرۈپ قويدۇق. +bd «ئالىيا»+bd* ــ ياكى «ئالۋا» ــ «يار.» 40:36نى كۆرۈڭ.*

53قەبىلە باشلىقى كېناز، قەبىلە باشلىقى تېمان، قەبىلە باشلىقى مىبزار،

article>