1ئۇ چاغدا بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ھېبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلىشىپ: «قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز!
2بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا. ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئۆزلىرىگە: ــ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ ئۇلارنى باقىسەن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى» ــ دېدى. ◼ 11:2 +bd «جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىسرائىلنىڭ چىقىشىدا ھەم كىرىشىدە ئۇلارغا باشلىغۇچى ئىدىلا» دېگەنلىك بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئىسرائىلنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.*
3شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى ھېبرونغا كېلىپ پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىشتى؛ داۋۇت ھېبروندا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقىنى بويىچە، داۋۇتنى مەسىھ قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ◘ 11:3 1سام. 16:1، 13؛ 2سام. 5:3*
4داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا كەلدى (يېرۇسالېم شۇ چاغدا «يەبۇس» دەپ ئاتىلاتتى، زېمىندىكى ئاھالە بولغان يەبۇسىيلار شۇ يەردە تۇراتتى).
5يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ◼ 11:5 +bd «زىئون دېگەن قورغان»+bd* ــ «زىئون» يېرۇسالېمنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزلىك بولۇپ، شۇ يەرگە دائىم قورغان سېلىنىپ تۇراتتى. كېيىن ئىبادەتخانىمۇ زىئوندا قۇرۇلغان.*
6داۋۇت: «كىم ئالدى بىلەن يەبۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ كىشى يولباشچى ۋە سەردار بولىدۇ» دېدى. زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئالدى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ، يولباشچى بولدى.
7داۋۇت قورغاندا تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇ قورغاننى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتاشتى.
8داۋۇت شەھەرنى مىللودىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە يېڭىۋاشتىن ياساتتى؛ شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب ياساتتى. ◼ 11:8 +bd «مىللو»+bd* ــ «پەلەمپەيلىك يەر» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.*
9داۋۇت كۈندىن كۈنگە قۇدرەت تاپتى، چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
10تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرى ئىچىدە يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزى بويىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن بىرلىشىپ، داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىكتە ئۇنى پادىشاھ قىلىشقا كۈچىدى.
11تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر: ــ
12ئۇنىڭدىن قالسا ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار بولۇپ، ئۇ «ئۈچ پالۋان»نىڭ بىرى ئىدى؛
13ئىلگىرى فىلىستىيلەر پاس-داممىمدا جەڭ قىلىشقا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن ئۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەردە ئارپا ئۆسۈپ كەتكەن بىر ئېتىزلىق بولۇپ، خەلق فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچقانىدى؛
14ئۇلار بولسا ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ، ھەم ئېتىزلىقنى قوغدىغان، ھەم فىلىستىيلەرنى تارمار قىلغان؛ پەرۋەردىگار ئەنە شۇ يول بىلەن ئۇلارنى غايەت زور غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن. ◼ 11:14 +bd «ئۇلار بولسا ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ،... پەرۋەردىگار ... ئۇلارنى غايەت زور غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «ئۇلار» بەلكىم داۋۇت ۋە «ئۈچ پالۋان»نى كۆرسىتىدۇ. «2سام.» 11:12-23دە ئەلىئازارنىڭ ئاۋۋال بۇ جەڭنى باشلىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.*
15ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن يەنە* ئۈچەيلەن قورام تاشلىقتىكى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى بولسا «رەفايىم جىلغىسى»دا بارگاھ قۇرغانىدى.
16بۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بەيت-لەھەمدە ئىدى.
17داۋۇت ئۇسساپ: «ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى!» دېۋىدى،
18بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ:
19«خۇدايىم بۇ ئىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن! مەن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئىچسەم قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىماي ئېلىپ كەلگەن!» دېدى. شۇڭا داۋۇت بۇ سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى.
20يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى؛ ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. ◼ 11:20 +bd «...شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى»+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ يەنە بىرنەچچە خىل تەرجىمىسى بار. 21-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*
21ئۇ مۇشۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. ◼ 11:21 +bd «شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. ئۇ مۇشۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى»+bd* ــ 20-21-ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئۈچ پالۋان» بىلەن تەڭ شۆھرەت قازانغان. ئۇ «ئۈچ پالۋان»دىن ئىككى ھەسسىلەپ ھۆرمەتكە ئىگە بولغان ۋە ئۇلارنىڭ بېشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن بىرى بولمىدى». ئەمما بىزنىڭچە تەرجىمىمىز «2سام.» 18:23-19گە ماس كېلىدۇ.*
22يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. ◼ 11:22 +bd «موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلى»+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «موئابتىكى ئىككى شىر...» ياكى «موئابتىكى ئىككى شىردەك كىشىنى...».*
23ئۇ يەنە قولىدا باپكارنىڭ ئوقىدەك بىر نەيزىسى بار، بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى قەتل قىلدى؛ ئۇ بىر ھاسا بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ نەيزىسىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۆلتۈردى. ◼ 11:23 +bd «بەش گەز»+bd* ــ ئىككى مېتردىن ئارتۇق (2.2 مېتر).*
24يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا مانا بۇ ئىشلارنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پالۋان ئىچىدە نام چىقارغانىدى. ◼ 11:24 +bd «ئۈچ پالۋان ئىچىدە نام چىقارغانىدى»+bd* ــ ياكى «ئۈچ پالۋان بىلەن تەڭ نام چىقارغانىدى».*
25مانا، ئۇ ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاندىنمۇ بەكرەك شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن.
26قوشۇندىكى پالۋانلار بولسا: ــ
27ھارورلۇق شامموت، پىلونلۇق ھەلەز،
28تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر،
29خۇشاتلىق سىببەكاي، ئاخوھلۇق ئىلاي، ◼ 11:29 +bd «سىببەكاي»+bd* ــ ياكى «مەببۇناي» («2سام.» 27:23نى كۆرۈڭ).*
30نىتوفاتلىق ماھاراي، نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب،
31بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، پىراتونلۇق بىنايا،
32گائاش ۋادىلىرىدىن كەلگەن خۇراي، ئارباتلىق ئابىيەل، ◼ 11:32 +bd «خۇراي»+bd* ــ «2سام.» 31:23دە «ھىدداي».*
33باھارۇملۇق ئازماۋەت، شائالبونلۇق ئېلياھبا،
34گىزونلۇق ھاشەمنىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شاگىنىڭ ئوغلى يوناتان، ◼ 11:34 +bd «ھاشەمنىڭ ئوغۇللىرى»+bd* ــ ياكى «ياشەننىڭ ئوغۇللىرى». («2سام.» 33:23نى كۆرۈڭ).*
35ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال،
36مەكەراتلىق ھەفەر، پىلونلۇق ئاخىياھ،
37كارمەللىك ھەزرو، ئەزباينىڭ ئوغلى نائاراي،
38ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبھار،
39ئاممونلۇق زەلەك، زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان بەئەروتلۇق ناھاراي،
40ئىترىلىق ئىرا، ئىترىلىق گارەب،
41ھىتتىي ئۇرىيا، ئاھلاينىڭ ئوغلى زاباد،
42رۇبەن قەبىلىسىدىن شىزانىڭ ئوغلى، رۇبەنلەر ئىچىدە يولباشچى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئوتتۇز ئادەم،
43مائاكاھنىڭ ئوغلى ھانان، مىتنىلىق يوشافات،
44ئاشتاراتلىق ئۇززىيا، ئاروئەرلىك خوتامنىڭ ئوغلى شاما بىلەن يەئىيەل،
45شىمرىنىڭ ئوغلى يېدىيايەل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزىلىق يوخا،
46ماھاۋىلىق ئەلىيەل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يەرىباي بىلەن يوشاۋىيا، موئابلىق يىتما، ◼ 11:46 +bd «...موئابلىق يىتما»+bd* ــ بۇ تىزىملىكتە بىرنەچچە يەھۇدىي ئەمەسلەر ــ مەسىلەن، ئاممونلۇق زەلەك، ھىتتىي ئۇرىيا ۋە موئابلىق تىمنا بار.*