1داۋۇت مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق يولباشچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى؛
2ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل ئاممىسىغا: «ئەگەر سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلار، شۇنداقلا بۇ ئىشنى خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن دەپ بىلسەڭلار، بىز ئىسرائىلنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرلەردە ۋە ئېتىزلىقلىرىدا تۇرۇۋاتقان كاھىن ھەم لاۋىيلارغا مۇشۇ يەرگە يىغىلىش توغرۇلۇق ئادەم ئەۋەتەيلى.
3بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەشەگە يۆتكەپ كېلەيلى؛ چۈنكى سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ھېچقايسىمىز ئەھدە ساندۇقى* ئالدىدا خۇدادىن يول سوراپ باقمىدۇق» دېدى.
4بۇ ئىشنى پۈتۈن ئامما توغرا تاپقاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.
5شۇڭا داۋۇت مىسىرنىڭ شىھور دەرياسىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىمدىن يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى. ◼ 13:5 +bd «مىسىرنىڭ شىھور دەرياسىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە»+bd* ــ جەنۇبتىن شىمالغىچە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ.
6ئاندىن داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن بائالاھقا، يەنى يەھۇداغا تەۋە بولغان كىرىئات-يېئارىمغا كەلدى؛ ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى پەرۋەردىگار بۇ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىگە ئۆز نامىنى قويغانىدى.
7ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىنغان يېڭى بىر ھارۋىغا قويدى؛ ئۇززاھ بىلەن ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدىدى. ◼ 13:7 +bd «ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىنغان يېڭى بىر ھارۋىغا قويدى»+bd* ــ ياكى «ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېڭى بىر ھارۋىغا قويۇپ، ئۇنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقتى».*
8داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل جامائىتى خۇدانىڭ ئالدىدا ھە دەپ نەغمە-ناۋا قىلىپ، چىلتار، تەمبۇر، داپ، جاڭلار ۋە كاناي-سۇنايلار چالاتتى.
9لېكىن ئۇلار كىدون خامىنىغا كەلگەندە كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كېتىپ يىقىلغاندا ئۇززاھ ئەھدە ساندۇقىنى يۆلىۋالاي دەپ قولىنى ئۇنىڭغا سوزدى.
10ئۇززاھنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆلدى. ◼ 13:10 +bd «ئۇززاھنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى»+bd* ــ مۇقەددەس قانۇن بويىچە پەقەت كاھىنلار ئەھدە ساندۇقىغا قول تەگكۈزۈشكە ۋە ئۇنى كۆتۈرۈشكە بولاتتى. ئۇنى كالا ھارۋىسى ئۈستىگە قويۇشقا بولمايتتى. شۇڭا داۋۇت ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار مۇشۇ ئىشتا ئەيىبلىك ئىدى.*
11لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. ◼ 13:11 +bd «پەرەز-ئۇززاھ»+bd* ــ مەنىسى «ئۇززاھغا بۆسۈپ كىرىش».*
12شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «مەن زادى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلەلەيمەن؟» دېدى.
13شۇڭا داۋۇت ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان «داۋۇت شەھىرى»گە يۆتكەپ كەلمەي، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.